كۆرۈش: 5134|ئىنكاس: 9

ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنىڭ ‹‹ پۇرىقى ›› زادى نەدە؟[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

تىللا
431
تۆھپە
84
UID
4006
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-10 18:45:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنىڭ ‹‹ پۇرىقى ›› زادى نەدە؟


   مەملىكەت بويىچە 28- قېتىملىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا، 9- ئاينىڭ 8- كۈنى بېيجىڭ شەھىرىدىكى 100 دىن ئارتۇق مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى «بۇ يىل ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىدا سوۋغات قوبۇل قىلىنمايدۇ» دېگەن تەشەببۇسقا ئاۋاز قوشتى. (9- ئاينىڭ 9- كۈنىدىكى «يېڭى بېيجىڭ گېزىتى» دىن ئېلىندى)
    بۇ تەشەببۇس ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئوبرازىنى قەدىرلىشى ۋە قوغدىشىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەردى. ئوقۇتقۇچىلار مائارىپتا ئاساسىي گەۋدە ئورنىنى ئىگىلەيدۇ، ياخشى بولمىغان ساپا، ياخشى ئوبراز بولمىغان ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى، جۇڭگونىڭ مائارىپىدىكى زامانىۋىلىشىشقا يۈزلەنگەن، دۇنياغا يۈزلەنگەن، كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن ئېغىر يۈكنى زىممىسىگە ئالالمايدۇ. بۇ خەۋەردىكى يەنە بىر ئىنچىكە نۇقتا كىشىنىڭ دىققىتىنى قوزغايدۇ. بېيجىڭ شەھىرى چۈيياڭليۇ مەركىزى باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى جىڭ دەننا ھەپتە ئاخىرىدىكى ئارام ئېلىشىدىن ۋاز كېچىپ، بېيجىڭغا كېلىپ ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىدىكى چوڭ تىپتىكى پاراۋانلىق پائالىيەت مەيدانىغا كېلىپ، مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمەتچى خادىمى بولدى … … جېڭ دەننا مۇنداق دەپ بىلدۈردى: ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىغا مائارىپنىڭ پۇرىقى سىڭىشى كېرەك. ئوقۇغۇچى ۋە ئائىلە باشلىقلىرىغا ئازدۇر – كۆپتۇر بىر نەرسە قىلىشىپ بەرسەك، كۆڭلىمىز ناھايىتى توق بولىدۇ، ھەم دىل ئاراملىق ھېس قىلالايمىز.
    «مائارىپ پۇرىقى» دېگەن زادى نېمە؟ جېڭ دەننا مۇئەللىم ئېيتقان ئوقۇغۇچى ۋە ئائىلە باشلىقلىرى ئۈچۈن ئازدۇر – كۆپتۇر بىر نەرسە قىلىشىپ بېرىش بولسا بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر مەزمۇن. بۇنىڭدىن باشقا، تېخىمۇ مۇھىم بىر مەزمۇن بار، ئۇ بولسىمۇ: ھۆكۈمەت ۋە جەمئىيەت مائارىپ ئۈچۈن ئازراق ئىش قىلىپ بېرىش كېرەك.
    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىدىن ئىلگىرى، ئىككى مائارىپ بىلەن باغلىنىشلىق ئاخبارات كىشىنىڭ قەلبىنى مەيۈس قىلىپ قويدى. بىرى بولسا مەكتەپ ئاپتوموبىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. گوۋۇيۈەن بېكىتكەن «مەكتەپ ئاپتوموبىلى بىخەتەر باشقۇرۇش نىزامى» 4- ئاينىڭ 5- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلدى. يېڭى ئوقۇش مەۋسۈمى باشلىنىپ، نۇرغۇنلىغان جايلاردىكى باشلانغۇچ، بالىلار يەسلىلىرى دۆلەتنىڭ ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولغان مەكتەپ ئاپتوموبىلى سېتىۋېلىپ بالىلارنى ئاپىرىپ- ئەكىلىپ قويدى. لېكىن بۇ «يۇقىرىنىڭ قائىدىسىگە، تۆۋەندىكى ئەلرايىغا باقىدىغان» تەدبىرمۇ، يەرلىك كونكىرىت يولغا قويۇش چارىسىنى يولغا قويمىغانلىقتىن، «نومۇر تاختىسى بېجىرەلمەي، مەكتەپ ئاپتوموبىلى نومۇر تاختىسى ئالالماسلىق» تەك ئوڭايسىزلىق كېلىپ چىقتى؛ يەنە بىر ئاخبارات دەرس ئۈستىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. يېڭى ئوقۇش باشلانغان تۇنجى كۈچى، خۇبېي ئۆلكسى ماچېڭ شەھىرىدىكى ئاز بولمىغان باشلانغۇچ مەكتەپ يېڭى ئوقۇغۇچىلىرى ئۆزلىرى دەرس ئۈستىلى ئېلىپ، ئوقۇشقا تىزىملىتىشتەك غەلىتە مەنزىرە مەيدانغا كېلىپ، كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى ئېچىشتۈرۋەتتى. ماچېڭ شەھىرى ھۆكۈمەت ئورگىنىدىكى بىر نەپەر مەسئۇل خادىمنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، نۆۋەتتە يەرلىك مالىيەدە بىر تۈرنىمۇ دەرس ئۈستەل – ئورۇندۇقلىرىنى ئالماشتۇرۇشقا سېلىنما قىلىپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. ماچېڭ شەھىرى ئەمەلدارلارنى دەرس ئۈستەل – ئورۇندۇقلىرىنى ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن ئىئانە توپلاشنى تەلەپ قىلىپ، ئىككى ئاي ئىچىدە ئالماشتۇرۇپ بولۇشقا ۋەدە قىلغان.
    ئالدىنقى خەۋەردە، مەكتەپ ئاپتوموبىلىنىڭ نومۇر تاختىسى ئالالماسلىقىنىڭ ئاچقۇچى مەسئۇلىيەتنىڭ كەمچىل بولغانلىقىدا. كېيىنكى خەۋەردە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ دەرس ئۈستىلى ئېلىپ كېلىشىنىڭ ئاچقۇچى مەبلەغنىڭ كەمچىللىكىدە، مالىيەنىڭ مائارىپقا بولغان سېلىنمىسىنىڭ يېتىشمەسلىكىدە. بۇ ئىككى ئاخبارات ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىدىن ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان، ھەر بىر ئوقۇتقۇچى كۆرگەندە يۈرىكى ئېچىشىپ كېتىدۇ. بايراملىق ھال سوراش ھەر قانچە كۆپ بولغان تەقدىردىمۇ، مائارىپ ساھەسىدىكى ئۈنۈمسىزلىكنى يوشۇرۇپ قالالمايدۇ.
    جۇڭگودا مائارىپ بايرىمى يوق، ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى بار. ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بايرىمى بولۇپ قالماستىن، مائارىپقا مۇناسىۋەتلىك بايرام. مائارىپ ئۇچىغا چىققان دەرىجىدە چەتكە قېقىلىۋاتقان ۋاقىتتا، ئوقۇتقۇچىلار قانداقمۇ مەركەزلىك ئورۇندا تۇرالىسۇن؟ ئوقۇتقۇچىنى ھۆرمەتلەش بىلەن مائارىپنى ھۆرمەتلەش، بىر – بىرىگە زىچ باغلانغان بولۇپ، ھەرگىز ئايرىلىپ كەتمەيدۇ. مائارىپ ھۆرمەت قىلىنمىسا، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھۆرمىتى بولمايدۇ، بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى ئوقۇتقۇچىلارنى ئاساسىي گەۋدە قىلىشى، بىراق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىدا «مائارىپ پۇرىقى» كۈچلۈكرەك بولۇشى كېرەك. يېقىنقى يىللاردىن بېرى، ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىدا تېخىمۇ كۆپ قايتا ئويلىنىش پۇرىقى كۈچەيدى. قايتا ئويلىنىش ھەقىقەتەن زۆرۈر بولۇپ قالدى، بۇنداق بايرامدا ھەقىقەتەن قايتا ئويلىنىش كېرەك. بىراق بۇ خىل قايتا ئويلىنىش، ئوقۇتقۇچىلارنىڭلا قايتا ئويلىنىشى بولۇپ قالماستىن، جەمئىيەتنىڭ قايتا ئويلىنىشى بولۇشقا تېخىمۇ تىگىشلىك؛ پەقەت ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەخلاققا بولغان قايتا ئويلىنىشى بولۇپ قالماستىن، مائارىپقا بولغان سېلىنما توغرىسىدىكى قايتا ئويلىنىش بولۇشى كېرەك. بىز «نېمە ئۈچۈن مەكتەپ ئاپتوموبىلى نىزامى بىلەن يۈرۈشلەشكەن چارىمۇ مەيدانغا كەلمەيدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى دەرس ئۈستىلى ئېلىپ دەرسكە كىرىدۇ؟ » دەپ ئويلىنىپ بېقىشىمىز كېرەك. بۇنىڭ ئىچىدىكى ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇلىيىتى، جەمئىيەتنىڭ بۇرچى نەگە كەتتى؟
    ئۈنۈمسىز تۇپراقتا، مەڭگۈ غەيرەتلىك ۋە گۈزەل بولغان گۈللەر يېتىشىپ چىقالمايدۇ. مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىلمىسە، ئوقۇتقۇچىلارغا ھەقىقىي ئەھمىيەت بېرىش بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىدا، بەزى رەسمىيەت خاراكتېرلىك تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى بىلەن قانائەتلىنىپ قالماي، ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنى ئۆزىنىڭ «پۇرىقى» غا قايتۇرۇش، «ئوقۇتقۇچىلارغا بايراملىق سوۋغا بېرىش كېرەكمۇ – ئەمەسمۇ» دېگەن مۇھاكىمىدىن تېخىمۇ مۇھىم، ھەم ھەقىقەتەن زۆرۈر.

    تەرجىمە قىلغۇچى: ئالىمجان نەسىردىن

  

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئەمەتجان زۇنۇن
تىللا
628
تۆھپە
142
UID
4528
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-10 19:48:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھمىيەتلىك ماقالىكەن . مائارىپقا كۆڭۈل بۆلۈش  -  جەمئىيەتكە ، كەلگۈسىگە كۆڭۈل بۆلۈش دېمەكتۇر .

قۇرۇق رەسمىيەتچىلىك ، قۇرۇق شوئار -مەدىھىيەلەردىن كۆرە ئۈنۈملۈك تەدبىر ، ئەمەلىي ئىش -ھەركەت ،

ئەستايىدىل ئوقۇ - ئوقۇتۇش بولغىنى ياخشى.

Rank: 4

تىللا
431
تۆھپە
84
UID
4006
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-10 19:50:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارتۇچ يوللىغان ۋاقتى  2012-9-10 19:48
ئەھمىيەتلىك ماقالىكەن . مائارىپقا كۆڭۈل بۆلۈش  -  جەمئى ...

ئىنكاسىىڭىزغا رەھمەت .

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مەڭلىسا
تىللا
917
تۆھپە
587
UID
13924
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-10 20:05:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى تېما يوللاپسىز  رەھمەت سىزگە،  سوۋغا قۇبۇل قىلماسلىق ئېغىزدىكى گەپ بولۇپ  قالماس  ئىلاھىم

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مەڭلىسا
تىللا
917
تۆھپە
587
UID
13924
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-10 20:24:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ئەھمىيەتلىك تېما يوللاپسىز  ، سوۋغا قوبۇل قىلماسلىق ئېغىزدىكى گەپ بولۇپ  قالمىسىدى . قىزىم باشلانغۇچتا ئوقۇۋاتقاندا دائىم  ئوقۇتقۇچىسىغا سوغا بىرىش  ئىشىدا خاپىلىشىپ قالاتتىم ،  بىر قېتىم مەن  كىچىكرەك كۆرۈنسىمۇ  خېلىلا قىممەت  نەرسە ئېلىپ  مەكتەپكە  بارسام  قىزىم خاپا بولۇپ ئادەمنىڭ نومۇسىنى كەلتۇرۇپ  كىچىكلا نەرسە ئەكەپسىز ،بۇ نەرسىڭىزنى قانداق بىرىمەن دىدى، مەن   يوغان نەرسىنى  كۆتۈرۈپ كەلسەم  ئوقۇتقۇچىڭىز  باشقىلارنىڭ ئالدىدا  ئالالماي خىجىل بولۇپ قالمىسۇن  دىيىشىمگە قىزىم نىمە دەيسىز ئاپا مەن خىجىل بولۇپ كەتتىم  ھازىر ، ئەپ كىتىپ باشقا نەرسە ئەكەلمەسىز  دىيىشىگە ئاچىقىمدا ئۈزى كىچىك بولغان بىلەن پۇلى يوغان بۇ نەرسىنىڭ دەپلا قولىغا تۇتقۇزۇپ قويۇپ   كىتىپ قالغان ئىدىم.

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ياسىنجان
تىللا
487
تۆھپە
253
UID
21172
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 05:44:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
manglisa يوللىغان ۋاقتى  2012-9-10 20:24
بەك ئەھمىيەتلىك تېما يوللاپسىز  ، سوۋغا قوبۇل قىلماسلى ...

ئەسلىدە قىزىڭىزدەك بالىلار ئوقۇتقۇچىلارنى يامان ئۆگىتىپ قويغان!...
سۆيسە سۆيىمەن يەر بىلەن يەكسان بولسا،
سۆيمىسە سۆيمەيمەن دۇنياۋى سۇلتان بولسا.

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مەڭلىسا
تىللا
917
تۆھپە
587
UID
13924
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 10:12:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جەۋھەرى يوللىغان ۋاقتى  2012-9-11 05:44
ئەسلىدە قىزىڭىزدەك بالىلار ئوقۇتقۇچىلارنى يامان ئۆگ ...

شۇنداق بولىشىمۇ مۇمكىن  بىر  ئۇقۇغۇچى گۈل سوۋغا قىپتىكەن  نىمە قىلمەن بۇ گۈلنى ئۆيۈمدە گۇل دىگەن جىق تۇرسا دەپ جوزىسىنىڭ ئۈستىگە تاشلاپ قويۇپتۇ ،

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
سەرۋى
تىللا
1976
تۆھپە
961
UID
15884

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 10:15:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
        راس ، ئوقۇتقۇتچىلار بايرىمى يېقىنلىشىش بىلەنلا نۇرغۇن ئاتا - ئانىلارنىڭ بېشى قاتىدۇ ، ئۇلارغا قانداق سوۋغا تەقدىم قىلىش ھەققىدە ئويلىشىدۇ . ئەمىلىيەتتە كۆپ سانلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ماددى بۇيۇملارنى ئەمەس ، بەلكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەرقايسى پەن دەرسلىرىدە ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپلا قالماستىن ، ئۆزىنىمۇ ، ئۆزگىنىمۇ قەدىرلەيدىغان ، بىلىملىك ، ئەخلاقلىق كىشىلەردىن بولۇپ يېتىشىپ چىقىشىنى ، بارلىق ئاتا - ئانىلارنىڭ مائارىپنى ، ئوقۇتقۇچىلارنى قوللىشىنى ئەڭ ئېسىل سوۋغا دەپ قارايدىغانلىقىنى چۈشەنمىسە كېرەك دەپ ئويلايمەن .
    ماقالىدە ئېيتالغاندەك  پۈتكۈل جەمىيەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمىگەن ،  چەتكە قېقىلغان مائارىپ تۇپرىقىدا  ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىپ ئەلگە سايە تاشلىيالايدىغان ۋە شىرىن مېۋە بېرەلەيدىغان دەرەخلەردىن سۆز ئېچىشمۇ تەس بولۇپ قالىدۇ .
  شۇڭا مائارىپنى قوللاش ، ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەش پەقەت ئېغىزدىكىلا گەپ بولۇپ قالماسلىقى كېرەك .

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئىسىمى
لالە
تىللا
474
تۆھپە
154
UID
828
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 16:17:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز ئوقۇۋاتقان مەزگىللەردە ئوقۇتقۇچىلار بايراملىرىدا ئوقۇتقۇچىلىرىمىزغا ھېچبىر سوۋغا دېگەننى بېرىپ باقماپتىكەنمىز ھەم ئوقۇتقۇچىلارمۇ بىزدىن تاما قىلىپ باققان ئەمەس. بىزگە ھەقىقىي ئىچىدىن كۆيۈپ، بىلمىگەننى قايتا-قايتا بىلدۈرگەن مىننەتسىز ئوقۇتقۇچىلاردىن بۈگۈنكى دەۋىردە قانچىسى بار دەيسىلەر؟ ئەنە شۇ جاپاكەش ئۇستازلارغا بەرمىگەن سوۋغىنى ھازىرقى مۇئاش ئۈچۈنلا ئىشلەيدىغان، ئوقۇغۇچىسى سوۋغا ئەكەلمىسە باشقىچە قارايدىغان، بىر قىسىم ئىنسابسىز ئوقۇتقۇچىلارغا بېرىش كېرەكمۇ؟ ھەرگىزمۇ كاللامدىن ئۆتمەيدۇ. شۇنداقلا ئوقۇتقۇچىلارنى تاماخور قىلىپ قويغان ئاشۇ بىر قىسىم خوشامەتچى ئاتا-ئانىلارغا نەپرىتىم كېلىدۇ. بىرنىڭ كاساپىتى مىڭغا دەپ، مۇشۇنداقلار بىر ئوبدان، ناھايىتى تەبىئىي كېتىۋاتقان ئىشلارنى تەتۈرسىگە ياندۇرىۋېتىدۇ.

ئوقۇتقۇچى ئەسلىدىنلا بىر ئىلىم بەرگۈچى، مىننەت، تامادىن يىراق ئىنسان، ئاتا-ئانىلار بۇ قەلبى پاك ئىنسانلارنى تاماخور قىلىپ قويمايلى. ئۇلار ھەقىقىي يوسۇندا، ئىسمى-جىسمىغا لايىق ھالدا پەرزەنتلىرىمىزگە ئىلىم بەرسۇن.

Rank: 2

تىللا
71
تۆھپە
12
UID
18372
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 00:43:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇقۇتقۇچىلار تۇغۇرلۇق ھەرخىل پاراڭلار بوپتۇ ،مەيلى قانداقلا بولسۇن ،بىز ئۇقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەيلى ،ئۇلارنى ئىلھاملاندۇرايلى،ئۇلار ‹‹يىتىم›› قالمىسۇن،ئۇلارنى ھۆرمەتلىگەنلىك كەلگۈسى ئەۋلاتلارغا بولغان غەمخۇرلۇق خالاس،پەرزەنتىمىزنى سۆيگەنلىك دەپ قارايمەن.ئاي يۈزىدىكى ‹‹داغ››نىلام كۆرۇپ قالماي،ئۇنىڭ ئىنسانلارغا قاراڭغۇلىقتا يول كۆرسەتكۈچى ماياك ئىكەنلىكنمۇ ئۇنتۇپ قالمايلى.قىستۇرما قىلىپ دەيدىغىنىم ئۇلارمۇ بىزگە ئوخشاش__________ ئاددىي ئىنسان..... .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-4 04:58, Processed in 0.082865 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991