كۆرۈش: 5117|ئىنكاس: 10

ھەققانىي: توردا بار(ئېنتىرنېت تەسىراتىم) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

تىللا
380
تۆھپە
114
UID
13150
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-10 17:36:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

توردا بار



(ئېنتىرنېت تەسىراتىم)


كۆرۈپ تۇردۇم ھەر كۈنى تۈرلۈك خەۋەر توردا بار،

ئۆگەنمەككە بەل باغلاي بىلىم-كەۋسەر توردا بار،

ھىدى تېگەر دىماققا مۇشكى ئەنبەر توردا بار،

ئوكيانىدۇر ئىلىمنىڭ سۈزسە جەۋھەر توردا بار،

كۈلكە،ئەبجەش كەيپىيات،قايغۇ-دەرتلەر توردا بار.



زىيارەت قىپ ئۆيۈمدە ئايلىنىمەن دۇنيانى،

يەلكەن بولۇپ ئۈزەرمەن خىيالىمدا دەريانى،

بەردى ماڭا ئېنتىرنېت ئەقىل-ئىدراك،دەرماننى،

دەل شۇ كۈنى ئاڭلايمەن بۈگۈن كەلگەن پەرماننى،

ئارىلايمەن كۈندە مىڭ سەھرا-شەھەر توردا بار.



تەسىرلەنمەي تۇرامدىم يازمىسىدىن ئاقىلنىڭ،

چۇۋۇپ تۇرار مېزىنى مۇناپىقنىڭ-قاتىلنىڭ،

ماھىيىتىنى بىلدۈردى مۇتىھەمنىڭ-ئاجىزنىڭ،

بىلىۋالدۇق ئەپتىنى مۇتەئەسسىپ جاھىلنىڭ،

دېمەك ئويغاق زىيالىي ۋەتەنپەرۋەر توردا بار.



ھەق دېگەنكەن كىم دېسە تورنى<< جاھان ئەينىكى>>،

بولار ئۇندا نامايەن ئىزدەنگەننىڭ ئەمگىكى،

ئىكەن گاھى بىكارچى زېرىككەننىڭ ئەرمىكى،

يازما يازساق ماختىنىپ باركەن تەنبىھ -تەستىكى،

چالما-كېسەك،تاش-توقماق،سېسىق گەپلەر توردا بار.



شېئىر-قوشاق،فىليەتۇن،ماقال،رومان،ھېكايە-

يازار ئىكەن يازغۇچى بەكمۇ سىلىق-سىپايە،

تەسىر قوزغاپ قوياركەن ئۆتكۈر ھەجۋىي-كىنايە،

بەك قوپالكەن ئوقۇسام بەزى ئىنكاس-ئىبارە،

ئەپسۇسلىنىپ قارايمەن ئوغا-زەھەر توردا بار.



باركەن بىلسەم توردىمۇ نادانلىرى-لۈكچىكى،

ئاللا چۇقان سۈرەركەن چاقچاق قىلسا شۇنچىكى،

تىللايدىكەن ئەسەرنى ياخشى يازساڭ قانچىكى،

سايرايدىكەن يېقىمسىز ھۇقۇش بولۇپ تۈندىكى،

كۆرەلمەسلىك،يالقاۋلىق دىلغا زەرەر توردا بار.



توردا تەركىپ مۇرەككەپ ياخشىلارمۇ كۆپ ئىكەن،

سۆزى قايماق،كۆڭلى ئاق،پاختىلارمۇ كۆپ ئىكەن،

كىنو،ئېتوت،كۈلدۈرگە،ناخشىلارمۇ كۆپ ئىكەن،

سۇپى،ئىشان،داموللا،باخشىلارمۇ كۆپ ئىكەن،

گاھى شەربەت،گاھ شېكەر،بەلكى نەشتەر توردا بار.



پات-پات قىزىپ قالىمەن توردا تېما يازاي دەپ،

چىرىكلىكنى پاش قىلىپ يىلتىزىدىن قازاي دەپ،

نەيزە قىلىپ قەلەمنى ياۋ كۆكسىنى ياراي دەپ،

ئاچكۆزلەرنى مات قىلىپ نەگە بارسام باراي دەپ،

لېكىن ماڭغا كۆز-قۇلاق خېيىم-خەتەر توردا بار.



مەۋھۇم دۇنيا بولسىمۇ قىلماق زۆرۈر ئېھتىيات،

دەۋەتتىغۇ كىم-كىملەر:<< تور كۆرگەنگە پەندىيات>>،

زىيان سالدى بەزىگە تەرەققىيات-كەشپىيات،

بىز تاپمايلى بىھۇدە ئۆزىمىزگە مۈشكىلات،

ھەر جۈملىگە بىر تەھلىل،ساقچى-لەشكەر توردا بار.

********

مەنبە:ئۆزقەلىمىم(ئابدۇۋەلى راخمان ھەققانىي)


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مەڭلىسا
تىللا
917
تۆھپە
587
UID
13924
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-10 18:26:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك توغرا يىزىپسىز


Rank: 3Rank: 3

تىللا
203
تۆھپە
89
UID
5621
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-10 19:02:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەۋھۇم دۇنيا بولسىمۇ قىلماق زۆرۈر ئېھتىيات،

دەۋەتتىغۇ كىم-كىملەر:<< تور كۆرگەنگە پەندىيات>>،

زىيان سالدى بەزىگە تەرەققىيات-كەشپىيات،

بىز تاپمايلى بىھۇدە ئۆزىمىزگە مۈشكىلات،

ھەر جۈملىگە بىر تەھلىل،ساقچى-لەشكەر توردا بار.


بۇ كۇبلىت بەك ياقتى.رەھمەت ،ئىسىل يازمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي.

********


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئۇبۇل ھەسەن
تىللا
629
تۆھپە
151
UID
2851
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-10 19:56:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەققانىينى ئامرىكا تىرورلۇق تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپتۇ دىققەت قىلارسىلەر ھەققانىي ئەپەندىم!!


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئەمەتجان زۇنۇن
تىللا
628
تۆھپە
142
UID
4528
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-10 20:11:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايرىش كىرەك مېغىزنى   شاكىلىدىن يىمىشنىڭ ،

ۋاختى ئۆتتى ئورۇنسىز  غەيۋەت -نىزا قىلىشنىڭ ،

سىنىلىدۇ  باتۇرلار   مەيدانىدا  چېلىشنىڭ ،

نېمە مەنا مىكرىدىن  ئەلگە داۋراڭ سېلىشنىڭ ،

توققۇزى رەڭ بىرى جەڭ مەنزىل ،سەپەر توردا بار .











Rank: 4

ئىسىمى
قۇياش
تىللا
395
تۆھپە
204
UID
17035
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 11:11:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى يېزىپسىز دوستۇم ،
باركەن بىلسەم توردىمۇ نادانلىرى-لۈكچىكى،
موشۇنداق ناكەسلەرنى توردىن ھەيدىۋەتسەك دەيمەن.


ئاداققىچە كۇلەلىگەن ئادەم ھەقىقىي يەڭگۇچىدۇر!!!

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
زاھىرجان
تىللا
571
تۆھپە
211
UID
20416
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 18:07:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنتېرنىت ئىنقىلابى!


Rank: 3Rank: 3

تىللا
196
تۆھپە
71
UID
5535
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 18:28:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توردا تەركىپ مۇرەككەپ ياخشىلارمۇ كۆپ ئىكەن،

سۆزى قايماق،كۆڭلى ئاق،پاختىلارمۇ كۆپ ئىكەن،

كىنو،ئېتوت،كۈلدۈرگە،ناخشىلارمۇ كۆپ ئىكەن،

سۇپى،ئىشان،داموللا،باخشىلارمۇ كۆپ ئىكەن،

گاھى شەربەت،گاھ شېكەر،بەلكى نەشتەر توردا بار.
بۇ مىسرالار تور دۇنياسىنى ناھايتى ئېنىق،جانلىق ئىپادىلەپ بىرىپتۇ.
ھەققانىي ئەپەندى تىللىرىدىن شىئېر پۇراق جۇش ئۇرۇپ تۇرىدىكەن!!!




Rank: 4

تىللا
330
تۆھپە
177
UID
26439
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 20:37:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسىرىڭىز نادەرلانغانلىغىغا مۇبارەك بولسۇن.


Rank: 6Rank: 6

تىللا
516
تۆھپە
178
UID
11362
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 03:21:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  بەك ياخشى يېزىپسىز ، يازغانلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى ئەمەلىيەت . قەلىمىڭىز ھەرگىز توخــتاپ قالمىغاي !


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-4 04:36, Processed in 0.080573 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991