- تىللا
- 199
- تۆھپە
- 132
- نادىر
- 0
- يازما
- 132
- جۇغلانما
- 595
- ھوقۇقى
- 30
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-10-3
- تىزىملاتقان
- 2012-8-31
- UID
- 25911

- تىللا
- 199
- تۆھپە
- 132
- UID
- 25911
|  |  |  |  | قىزىل چىراق 
«1–ئاۋغۇست كىنو سىتودىيىسى 1975-يىلى ئىشلىگەن بولۇپ،ئۇيغۇر ئوشاق مۇقامى ئاساسىدا ئۆزلەشتۈرۈپ ئىشلەنگەن.» ئاساسلىق روللاردا: لى يۈخې-ئابلىمىت سادىق،ھېيتەم ھۈسەن لى موماي-ئايشەم كېرىم لى تېيمېي-تۇنىسا سالاھىدىن ۋاڭ لىيەنجۈي-مەخمۇت ھامۇت جىيۇ شەن- ئابدۇكىرىم باقى
فىلىمنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى:
ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش دەۋرىدە لوڭتۇەن پويىز ئىستانسىسى تۆمۈر يولىدا ئىشلەيدىغان يەر ئاستى پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى،تۆمۈر يول ئىشچىسى-لى يۈخې پارتىيە تەشكىلىدىن ئەۋەتكەن مەخپىي ھۆججەتنى بەيشەن پارتىزانلار ئەترىتىگە يەتكۈزۈپ بېرىش ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. ئەمما ۋاڭ لىيەنجۈينىڭ ئاسىيلىق قىلىشى ئارقىسىدا لى يۈخې ئائىلىسىدىكى لى موماي، لى تېيمېي قاتارلىق كىشىلەر ياپون قاراقچىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىدۇ. لى يۈخې تۈرمىدە دۈشمەنلەرنىڭ ھەر خىل يۇمشاق-قاتتىق جازالىرىغا قىلچە باش ئەگمەيدۇ. دۈشمەنلەر ئاخىرى تۈرمىدە لى يۈخې بىلەن لى موماينى ئېتىپ ئۆلتۈرىۋىتىدۇ. تېيمىنىڭ ئاغزىدىن مەخپىي ھۆججەتنىڭ ئىز-دىرىكىنى ئالماقچى بولغان ياپون قاراقچىلىرى لى تېيمىنى قويۇپ بېرىپ يوشۇرۇن كۆزۈتۈپ تۇرغاندا تېيمىنىڭ خوشنىسى- خۇيلىيەننىڭ ياردىمىدە لى تېيمىي بۆرە چاڭگىلىدىن سالامەت قۇتۇلۇپ، مەخپىي ھۆججەتنى بىخەتەر ھالدا بەيشەن پارتىزانلار ئەترىتىگە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. ئارمىيىمىز مەخپىي ھۆججەتنى تاپشۇرىۋىلىپ بارلىق دۈشمەنلەرنى تارمار قىلىدۇ. بۇ فىلىم بېيجىڭ تىياتىرى قىزىل چىراق ئاساسىدا ئۆزلەشتۈرۈپ ئىشلەنگەن بولۇپ، ئاساسلىق ناخشىلارنى ھېيتەم ھۈسەن، ئايشەم كېرىم، تۇنىسا سالاھىدىن قاتارلىق مەشھۇر چولپانلار ئورۇنلىغان. بۇ فىلىمنىڭ ۋەقەلىكى قىزىقارلىق ئۆزگىچە بولۇپ،ئوشاق مۇقامى ئاساسىدا ئورۇنلانغان بۇ ناخشىلار تاماشىبىنلارنىڭ يۈرەك تارىنى چىكىپ، ئۇلارنىڭ مەنىۋىي تۇرمۇشىغا ھوزۇر ئاتا قىلىدۇ.مەسىلەن:
دادام ئۆلگەم جەسۇر قورقماس،ۋۇجۇدى كۈچ بىلەن تولغان. ئىنقىلاپچىقلار تىرەپ ئالار، گەر ئۆرۈلسىمۇ ئاسمان.
تەييارلىغۇچى-قەشقەر شەھەر 16-ئوتتۇرا مەكتەپتىن-ئابدۇمىجىت مۇھەممەتئېلى 2012-يىلى 9-سىنتەبىر قەشقەر






|  |  |  |  |
|

|