يۇمۇرلار
دەرياغا چۈشۈپ كەتكەن بىر ئادەم قىرغاققا چىقالماي جان تالىشىۋاتقاندا بىر ئىشسىز كېلىپ ئۇنىڭدىن سوراپتۇ:
ئىسمىڭىز نىمە؟
-يۇنۇس،
-قەيەردە ئىشلەيسىز؟
ياغاچ زاۋۇتىدا ئىشلەيمەن، ھەي مېنى چاققان قۇتقۇزۋېلىڭ ، ئۆلەي دېدىم!
ھېلىقى ئىشسىز يۈگۈرگەن پېتى ياغاچ زاۋۇتىغا بېرىپ:-،يۇنۇس مۇشۇ زاۋۇتتا ئىشلەمدۇ؟-دەپ سوراپتۇ،
-ھەئە
ئۇنىڭ ئورنىغا مېنى قوبۇل قىلساڭلار، ئۇ ھازىر دەريادا ئېقىپ كىتىۋاتىدۇ_
-ئەپسۇس كېچىكىپ قاپسىز،يۇنۇسنى دەرياغا ئىتىرىۋەتكەن كىشى تېخى ھازىرلا ئۇنىڭ ئورنىغا ئىشقا چۈشتى.
گۆرۈگە ئېلىش
ئەر -خوتۇن ئىككىسى رېستۇراندا تاماق يەپ پۇل تۆلەيدىغان چاغدا ئېرى پۇلىنى ئۇنتۇپ قالغانلىقتىن، خوجايىنغا يالۋۇرۇپتۇ:
-كەچۇرۇڭ،كىيىم يۆتكىگەندە پۇل ئېلىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن ،خوتۇنۇمنى گۆرۈگە تۇتۇپ تۇرۇڭ، پۇلىڭىزنى ئەكىلىپ بېرەي.
-ياخشىسى باشقا نەرسىڭىزنى قۇيۇپ كىتىڭ -
-ئوھۇي بىر قېتىملىق تاماق پۇلىغا ئايالىم ئازلىق قىلىۋاتامدۇ؟-
-ياقەي، گۆرۈگە تۇتۇپ قالغان 3 خوتۇن ئۆيۈمدە تۇرۇۋاتىدۇ ، كەچتە ئۆيگە بارسام ئۇلار مېنى تالىشىپ سوقۇشۇپ قالامدىكىن دەيمەن.
مەس
ئېرى تالادىن كىرگەن خوتۇنىغا -تېلېۋىزوردا كېچىچە كۆيۈۋاتقان بىر پارچە ئوتنىلا كۆرسەتتى_ دەپ غودۇڭشىپتۇ،
-ھەي ئازراق ئىچسەڭ بولمامدۇ ، تېلېۋىزورنى ئەتىگەن رېمونتخانىغا ئاپىرىپ بەرگەن ، سەن تېلېۋىزورنى ئەمەس ، تام مەشتىكى ئوتنى كۆرۈپسەن.