كۆرۈش: 35054|ئىنكاس: 31

ئاياللارنىڭ تورغا چىقىشى توغرىمۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

تىللا
330
تۆھپە
177
UID
26439
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-8 14:40:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئاياللارنىڭ تورغا چىقىشى توغرىمۇ؟



ئەسكەرتىش: مەن بۇ ماقالىنى بىر دوستۇمنىڭ تورغا چىقىش جەريانىدا،ئائىلىسى ۋە بىر قىسىم كىشىلەر تەرىپىدىن  ئاھەنەتكە ئۇچرىغانلىقىدىن،توردا بۇمەسىلە توغرىسىدا  مۇلاھىزە قىلىپ بېقىشنى  ھاۋالە قىلغانلىغى ئۈچۈن يازغان ئىدىم، سەۋىيەرىم چەكلىك بولغانلىقتىن يۈزەكى يېزىپ يوللاپ باقتىم،ئۇستازلارنىڭ مۇلاھىزە قىلىپ بېقىشىنى سورايمەن.                        



ئاياللارنىڭ تورغا چىقىشى توغرىمۇ؟


    ھازىر توردا ھەم مۇنبەرلەردە ياكى جەمئىيەتتە ئاياللارنىڭ تورغا چىقىشى توغرىمۇ؟دېگەن مەسىلە توغرىسىدا مۇلاھىزە كۆپ بولماقتا.تورنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى بىلەن كومپيۇتېر ئۆيلىرىمىزگە كىرىشكە باشلىدى.ئۇ جەمئىيىتىمىزنىڭ تېز تەرەققىياتى ھەم تۇرمۇشىمىزنىڭ ياخشىلىنىۋاتقانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. شۇنىڭ بىلەن ئائىلىمىزگىمۇ قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى.  تور ئارقىلىق ماتېرىيال كۆرۈش،ئۇچۇر ئىگەللەش، سودا-سېتىق ئىشلىرى  توردا ئېلىپ بېرىلماقتا،بۇ نېمە دېگەن قولايلىق ، نېمە دېگەن ياخشى ئىش ھە؟      
    ھازىر جەمئىيىتىمىزدىكى كۆپ ساندىكى كىشى توردىن ياخشى پايدىلانسا،بىر قىسىم ئادەمللەر تور قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ،پىتنە -ئېغىۋالارنى تارقىتىپ،جەمئىيىتىمىزنىڭ تۈزۈلمىسىگە،ئائىلە ئىناقلىقىغا تەسىر يەتكۈزۈۋاتىدۇ. يەنە بىر قىسىم كىشىلەر خىزمەت مەزگىلىدە،خىزمەت قولايلىغىدىن پايدىلىنىپ،ئىش قىلماي،تور ئويىنى ئويناپ،قۇرۇق پاراڭ سېتىپ،خەلقنىڭ ئىشىنى قىلماي ۋاقىت ئۆتكۈزمەكتە،بۇ قانداق خىزمەت ئىستىلى،بۇ قانداق پەزىلەت؟
    ئاياللارنىڭ تورغا چىقىشى توغرۇلۇق سۆزلەيمەن دەپ باشقا تېمىدا سۆزلەپ كېتىپتىمەن،تورداشلار ئەپۇ قىلغايسىزلەر.  جەمئىيىتىمىزنىڭ تۈزۈلمىسىدە،ئەر-ئاياللانىڭ ھوقۇقى باپبارەۋەر دەپ ئوچۇق بەلگىلەنگەن،مېنىڭچە ئاياللارنىڭ تورغا چىقىشى ئۇلارنىڭ ئەركىنلىگى ھەم ھوقۇقىدۇر.  مېنىڭچە بۇ يەردە قانداق تورغا چىقىش مەسىلىسى مەۋجۇت !
    ئاياللار دۇنيانىڭ ئانىسىدۇر،بالىلىرىمىزنىڭ ئاپىسىدۇر ھەم ئۆيىمىزنىڭ گۈلىدۇر،دېمەك ، ئايالسىز دۇنيا مەۋجۇت ئەمەس. ئاياللارنى تەرىپلىسەك تۈگىمەس سۈپەتلەر بار،ئانىلار ئۇلۇغ،ئانىلار مېھرىبان،ئانىلار كۆيۈمچان ۋە باشقىلار.دېمەك ئانىلار ئۇلۇغدۇر. بۇ يەردە ئاياللار توغرىسىدا گەپ بولغاچقا،ئاياللار توغرىسىدا سۆزلەي،ئاياللارنىڭ تورغا چىقىش مەسىلىسىدە،ھەممە ئادەمنى بىر تاياقتا ھەيدەشكە  بولمايدۇ.توردا نۇرغۇن ئايال يولداشلار بار،ئۇلارنىڭ تور بەتلىرىگە كىرسەڭلار نۇغۇن ياخشى ئەسەر، ماقالىلىرى بار،ئۇلارمۇ ئۇيغۇر سەھىپىلىرىمىزنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ بىر كىشىلىك ھەسسىنى قوشماقتا.
     يەنە بىر قىسىم ئاياللار توردا ئۆزى تونۇمايدىغان ئەرلەر بىلەن قالايمىقان پاراڭلىشىپ، ئۆيىگە،بالىلىرىغا مەسئۇل بولماي، كېچە-كېچىلەپ توردا ئولتۇرۇپ، ئەتىگەندە قوپالماي ئەرلىرىنىڭ،بالىلىرىنىڭ ناشتىلىق تامىقىنىمۇ بېرەلمەي،ئائىلىسىنىڭ بىر پۈتۈن ئىناقلىقىغا تەسىر يەتكۈزۈپ،ئەر ئالدىدا خوتۇنلۇق،بالىلار ئالدىدا ئانىلىق بۇرچىنى ئادا قىلالمايۋاتىدۇ. توردا ۋاي خېنىم دېسە،ۋاي جېنىم دەپ بىر پۈتۈن ئاياللارنىڭ ئوبرازىغا تەسىر يەتكۈزۈۋاتىدۇ.مانا بۇ ئاز بىر قىسىم ئاياللارنىڭ كۆپ قىسىم ئاياللارنىڭ گۈزەللىك خىسلىتىگە تەسىر يەتكۈزۈۋاتقان يېرى شۇ دەپ قارايمەن.
     ئاياللار گۈزەلدۇر،ئاياللار مېھرىبان ،كۆيۈمچان ھەم نومۇسچاندۇر.ئاياللىرىمىز يولدا كېتىۋېتىپ پۇتلىشىپ كەتسىمۇ ھەممە ئادملەر كۆرۈپ قالىدۇ،ئەرلەر مەست بولۇپ قۇسۇپ يېتىپ قالسىمۇ ھېچكىمنىڭ كارى بولمايدۇ.دېمەك ئاياللىرىمىز خىسلەتلىكتۇر،مېھرىبان ئانىلار،سۆيۈملىك قىزلىرىمىز ئۆزىمىزنىڭ خىسلەتلىگىمىزدىن پەخىرلىنەيلى.ئۆزۈڭلەر گۈزەلدۇر،كىيگەن كىيمىڭلار چىرايلىقتۇر،يۈزۈڭلەرگە، كىيىمىڭلارغا مەينەت يۇقتۇرۋالماڭلار بولمىسا تەغدىر پىشانەڭلەرگە نۇخسان يېتىدۇ.
    ئاياللىرىمىز،قىزلىرىمىز گۈزەل بولغانلىقتىن، كۆزگە ھەم سۆزگە يېقىن بولىدۇ،كۆزگە يېقىن بولسا ئاچ كىرىدۇ،سۆزگە يېقىن بولسا نەس باسىدۇ.ئاز بىر قىسم تور مەستانىسى ئاياللىرىمىز،قىزلىرىمىز ئۆزىمىزگە چىڭ بولۇپ،ئانىلىق بۇرچىمىزنى ئادا قىلايلى.تور مەستانىسى،ئەرلىرىمىز،ئاياللىرىمىز،ئوغۇللىرىمىز،قىزلىرىمىز،توردا بولمىغۇر ئىشلار بىلەن بولماي،ۋاقتىمىزنى ئەھمىيەتلىك ئىشلار ئۈچۈن سەرپ قىلايلى.
     ئاياللىرىمىزنىڭ تورغا چىقىشى مېنىڭچە توغرا.
         كەلگۈسى تەرەققىيات ئۇچۇن ھەممىمىز بىرلىكتە تورغا چىقايلى.


  مەنبە:ئىجادىيىتىم



شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 4

تىللا
461
تۆھپە
113
UID
3759
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-8 18:31:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ناھايىتىمۇ  ئەھمىيەتلىك  تېما يوللاپسىز .
  راست دېدىڭىز ، ئاياللار  يولدا كېتىۋېتىپ  پۇتلىشىپ  كەتسىمۇ  ھەممەيلەن  كۆرۈپ  قالىدۇ ، شۇڭا  ئاياللىق ، ئانىلىق  سۈپىتىمىز  بىلەن  ياشايلى .


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مەلىكە مەتتوختى
تىللا
2324
تۆھپە
1218
UID
684

جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-8 18:31:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تورنى ئۇيۇن ئورنىدا كورمەي ، ئۇنىڭدىن مۇئاپىق پايدىلانساق، بىلىم ئالساق توغرا بولاتتى،،، ،،،،،


ھايات ـــ مەن ئۈچۈن بىر سىناق.

Rank: 3Rank: 3

تىللا
235
تۆھپە
88
UID
14563
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-8 20:48:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزى تونۇمايدىغان ئەرلەر بىلەن قالايمىقان پاراڭلىشىپ، ئۆيىگە،بالىلىرىغا مەسئۇل بولماي، كېچە-كېچىلەپ توردا ئولتۇرۇپ، ئەتىگەندە قوپالماي ئەرلىرىنىڭ،بالىلىرىنىڭ ناشتىلىق تامىقىنىمۇ بېرەلمەي،ئائىلىسىنىڭ بىر پۈتۈن ئىناقلىقىغا تەسىر يەتكۈزۈپ،ئەر ئالدىدا خوتۇنلۇق،بالىلار ئالدىدا ئانىلىق بۇرچىنى ئادا قىلالمايۋاتىدۇ.

سىزنىڭ مۇنۇ سۆزلىرىڭىز ھەقىيقەت، بۇلۇپمۇ بىزنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەدەپ ئەخلاق پەزىيلىتىگە مۇخالىپ، لىكىن تۇساپ تۇساپ كەتكىلى بۇلمايدۇ نىمە ئۈچۈن ؟ ھازىر ئەر ئايال قانۇن ئالدىدا باپ باراۋەر دەپ قانۇن چىقىپ قىلىپ قىسمەن ئاز ساندىكى ئاياللار بەكلا --------كىتىۋاتىدۇ. بۇنداق دىسەم بۇ توردىكى خانىم قىزلارنىڭ ئۆزىگە تارتىۋالماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمەن.


Rank: 1

تىللا
12
تۆھپە
2
UID
15431
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-9 00:09:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت !!!!!! ھەقىقەتەن ئەھمىيەتلىك تىما يوللاپسىز . توردا بولمىغۇر ئىشلار بىلەن بولماي،ۋاقتىمىزنى ئەھمىيەتلىك ئىشلار ئۈچۈن سەرپ قىلىش لازىم ھەم زۈرۈر
.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
تۇرغان ئۆمەر
تىللا
852
تۆھپە
349
UID
3999
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-9 00:54:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوستۇم ياخشىمۇ سەن؟ ئەھمىيەتلىك ياخشى تىما يوللاپسەن،توردىن ئىلمىي پايدىلىنىشنى بىلىدىغانلار ئۈچۈن تور ئەر، ئايال دەپ ئايرىلمايدۇ،بىر مۇنبەردىشىمىز ئېيتقانداق كوم ئالدىدا  تۈن بويى ئولتۇرۇپ  قىممىتى يوق قۇرۇق پاراڭ سالىدىغان، ۋاقىتنى قەدىرلىمەيدىغان مەيلى ئايال مەيلى ئەر بولسۇن  ئوخشاشلا تورغا چىقمىغىنى ياخشى.


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىتۆھپەيىغىشسەۋەبى
mubina + 10赞一个!

ھەممە باھا نومۇرى : تۆھپە + 10  باھا خاتىرىسى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مەڭلىسا
تىللا
917
تۆھپە
587
UID
13924
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-9 00:59:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنچە تورنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرىدىن مۇۋاپىق پايدىلانساق بولدۇغۇ دەپ قارايمەن، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ناشتىلىقىنىمۇ تەيارلىيالمايدىغان دەرىجىدە ئەمەسمىز ،شۇنداق ئىشلارمۇ بارمۇيا


Rank: 8Rank: 8

تىللا
1578
تۆھپە
756
UID
2263
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-9 01:40:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاياللارمۇ ھازىرقى زامان ئۇچۇرۇدىن پايدىلانسا بولىدۇ.گەپ توردىن قانداق پايدىلىنىشتا


Rank: 4

تىللا
413
تۆھپە
112
UID
14483
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-9 01:55:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولمايدۇ.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئىگىلمەس
تىللا
1017
تۆھپە
539
UID
1236
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-9 08:36:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



           بۇنداق ئاياللار تور بولمىسىمۇ كوچىغا چىقىۋالىدۇ .


     ياخشى ئاياللىرىمىزغا كۆز تەگمىسۇن.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-4 04:11, Processed in 0.086708 second(s), 27 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991