كۆرۈش: 18904|ئىنكاس: 19

كورلا نەشپۈتىنى كىم ئالىدۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

تىللا
92
تۆھپە
19
UID
4064
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-8 14:07:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

كورلا نەشپۈتىنى كىم ئالىدۇ؟



    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىگە:
   يېقىنقى ئون يىللاردىن بۇيان،كورلا شەھىرىنى ئىقتىسادىي شەھەر قىلىپ  قۇرۇپ چىقىش،تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىش ھازىرقى تەكىتلىنىۋاتقان مۇھىم قارارلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى، تېرىقچىلىقتىن بوشىتىلغان يەرلەردە ئورمان بىنا قىلىش ، بەختىيار،باياشادلىققا تولغان نەشپۈت شەھىرىنى قۇرۇپ چىقىش شەھەردىكى رەھبەر ۋە ھەر قايسى خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسى بولۇپ قالدى، دۆلەتنىڭ كۆپلەپ مەبلەغ سېلىشى،قوللىشى ئاساسىدا، كورلىدىكى يېزا-ئىگىلىك، چارۋىچىلىق، باغۋەنچىلىك قاتارلىق مۇھىم كەسىپلەر بارا-بارا ئۆز قىممىتىنى تېپىشقا باشلىدى، ئەتراپىمىزغا قارايدىغان بولساق، بۇرۇنقى ئۆلچەملەشتۈرۈپ مەيدانغا بۆلۈپ تېرىش ئۇسۇلى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى، بۇرۇنقى ئالۋان-سېلىقلار تۈگەشكە باشلىدى، تېرىقچىلىقتىن بوشىتىلغان يەرلەردە نەشپۈتلۈك باغ بەرپا قىلىش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى ھەم كورلا دېھقانلىرى ئارىسىدا ھازىر نەشپۈت، كېۋەزنى ئاساس، چارۋىچىلىقنى قوشۇمچە قىلىپ، ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تىرىشماقتا.
     نەشپۈتنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى باھاسى ياخشى باھالاردا كېتىپ بارماقتا ئىدى.2010 -يىلى كورلا شەھىرىدە كۆپ يەرلەردە نەشپۈتلۈك باغلاردا مېغىز قۇرت ئاپىتى يامراپ كېتىپ،نۇرغۇن باغۋەنلىرىمىزنىڭ نەشپۈتى كارانتىن قىلىش ئۆلچىمىگە يەتمەي،يەر ئاستىغا كۆمۈلۈپ كەتكەن ئىدى،شۇ چاغدىكى دېھقانلارنىڭ بېشىغا كەلگەن ئىقتىسادىي زىيان زور بولۇپ، دېھقانلار ئالدىنقى يىلى ۋە بۇيىل نەشپۈتلۈك باغلارنى پەن-تېخنىكا بىلەن ئەنئەنىۋىي دېھقانچىلىقنى بىرلەشتۈرۈپ،نەشپۈتنى پاكىز، سۈپەتلىك چىقىرىش ئۈچۈن نۇرغۇن جاپالارنى تارتقان.ئالدىنقى يىلى،يەنى2011-يىلى كورلا نەشپۈتىنىڭ باھاسى يۇقىرى باھادا ماڭدى،دېھقانلىرىمىز مول-ھوسۇل شادلىقىدىن تولىمۇ خوشال بولغان.نۇرغۇن دېھقانلىرىمىزنىڭ شۇ يىلدىكى ئىقتىسادىي كىرىمى يۇقىرى بولغاچقا،كۆڭلىدە ئىگىلىك تىكلەش، پارتىيە-ھۆكۈمەتنىڭ تۆۋەن نىسبەتلىك ئۆسۈمسىز قەرزنى ئېلىپ،چارۋىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش،باغۋەنچىلىكنى ئاساس،قوشۇمچە كەسىپنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن نۇرغۇن قەرزلەرنى ئالغان ئىدى.
    ئەپسۇس،2012-يىلى كورلا نەشپۈتى 9-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن باشلاپ ئۈزۈلۈشكە باشلىدى،بىرىنچى دەرىجىلىك نەشپۈتنىڭ باھاسى 7.4يۈەن، 2-دەرىجىلىك نەشپۈتنىڭ باھاسى 4.5يۈەن، 3-دەرىجىلىك نەشپۈتنىڭ باھاسى 2.5يۈەن ئەتراپىدا مېڭىۋاتقان ئىدى،نەشپۈت ئۈزۈش بەش كۈنگە يەتمەي تۇرۇپلا، ھازىر نەشپۈتنىڭ باھاسى چۈشۈپ كەتتى، نەشپۈت ئالىدىغان خېرىدارلار بەكلا ئازلاپ كەتتى، تېخى نۇرغۇن دېھقانلىرىمىز نەشپۈت ئۈزۈشنى باشلىمىغان ئىدى، ھازىر نەشپۈت ئۈزۈپ ساتىلى دېسەك، نەشپۈت ئالىدىغان خېرىدارلار بەك ئاز، ئالدىنقى يىلىغا ئوخشاش بەك باس-باس ئەمەس، نەشپۈت ئالىدىغان نۇرغۇن خېرىدارلار ئۈن-تىنسىز غايىپ بولدى، نۇرغۇن دېھقانلىرىمىزنىڭ كاللىسى قاتماقتا، بانكىدىن ئالغان قەرزنى تۆلەش، كېلەر يىلى باغۋەنچىلىكنى قانداق داۋاملاشتۇرۇش كورلا دېھقانلىرىنىڭ بېشىنى قاتۇرماقتا، تۈنۈگۈن نەۋرە ئۇكام، دوست-ئاغىنىلىرىم تېلېفون قىپتۇ،ئۇلار ماڭا ئۆز مەھەللىسىدە نەشپۈت ئالىدىغان خېرىدارلارنىڭ يوقلىقىنى، مەن ئولتۇرۇۋاتقان كەنتتە نەشپۈت ئالىدىغان خېرىدارلارنىڭ بار-يوقلىقىنى سورىدى، بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم تولىمۇ يېرىم بولدى، ئۆزۈممۇ دېھقان بولغاچقا،نەشپۈتنىڭ باھاسىنىڭ 4-5كۈنگە قالمايلا چۈشۈپ كېتىشى، نەشپۈت ئالىدىغان خېرىدارلارنىڭ ئۈن-تىنسىز غايىپ بولۇشى نۇرغۇن سۆيۈملۈك دېھقانلىرىمىزنى ئەنسىرەتمەكتە. ئالدىنقى يىللاردا نەشپۈتنىڭ باھاسى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى بولغان چاغدا،چۈشەتتى، چۈنكى،ئۇ چاغدا،كورلا نەشپۈتى سارغىيىپ كېتىدۇ،دېھقانلار بۇرۇن 9-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە ئۈزۈپ بولاتتى.لېكىن،10-چىسلاغا بارا-بارمايلا نەشپۈتنىڭ باھاسى شىددەت بىلەن چۈشۈپ كەتتى ھەمدە نەشپۈت ئالدىغان خېرىدارلار ئازلاپ كەتتى.
     مەنمۇ دۆلەتنىڭ گىراژدانلىق پۇقراسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن،بۇ ئەھۋاللارنى مۇشۇ يول ئارقىلىق رەھبەرلىرىمىزگە بىلدۈرۈش نىيىتىگە كەلدىم. مېنىڭ كۈتىدىغان ئۈمىدىم، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كورلا نەشپۈتىگە كۆڭۈل بۆلۈپ قويۇشىنى ھەمدە نەشپۈتنىڭ تۇراقلىق قىممەت بويىچە 9-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە نورمال ئېلىپ بېرىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.بۇ پۈتۈن كورلا دېھقانلىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى.دېھقانلارنىڭ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشى ۋە ئىناق سوتىسيالىستىك جەمئىيەتتە بەختىيار،باي-باياشاد ياشىشى ئۈچۈن كورلا نەشپۈتىنىڭ سېتىلىشى ھەممىدىن مۇھىم.ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىنىڭ مەن ئىنكاس قىلغان ئىشلارغا ياخشى جاۋابلارنى قايتۇرىشىغا ئىشىنىمەن.
كامالىي ئېھتىرام بىلەن:تۇرسۇنجان مۇھەممەت
كورلا شەھىرى شاڭخۇ بازار شاڭخۇ 3-كەنتتە ئولتۇرۇشلۇق دېھقان.

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 3Rank: 3

تىللا
164
تۆھپە
73
UID
333
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-8 16:52:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۈل چاينى ئالمىدى دەپ زار - زار قاخشىساق ، كۆرلا نەشپۈتىنىمۇ ئالمىدىما ؟! نەشپۈتنى قومۇرۇپ كۆلاپ قوناق تىرىيدىغان يەرگە كەلدىمۇ نىمە ؟ ! ئاھ بىچچارە دېھقان .......


Rank: 3Rank: 3

تىللا
181
تۆھپە
49
UID
24737
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-8 17:16:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۆكمەت  ما پاختىنىڭ ئىشنىمۇ ئوبدانراق ئويلاشسا بۇلاتتى ،بۇ يىل يىلاردىكىدىن مەبلەغ قىمەت بولدى،ئۇنۇڭ ئۈستىگە،تەبئى ئاپەتمۇ كۆپ بولدى،يىغۋېلىش تەننەرقىمۇ 2 كويدىن ئاشقىدەك،


Rank: 2

تىللا
63
تۆھپە
25
UID
3903
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-8 17:58:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tuygun يوللىغان ۋاقتى  2012-9-8 16:52
گۈل چاينى ئالمىدى دەپ زار - زار قاخشىساق ، كۆرلا نەشپۈت ...

گۈل چاينى ھەممەيلەن بولۇشىغا تېرىۋالسا باھاسى چۈشمەي نېمە بولاتتى، بازار ئەھۋالىغا قاراپ ئىش تۇتۇشنىمۇ ئۆگىنىۋېلىش كېرەك، كورلا نەشپۈتىگە كەلسەك، بۇنىڭ سەۋەبىنى تېپىپ چىقىپ، ھۆكۈمەت بەزىبىر خېرىدار جەلپ قىلىش ئۇسۇللىرىنى قوللانسا بولىدۇ، ئالدىنقى يىلى نۇرغۇن جايلاردا بەرەڭگىنى سېتىپ چىقىرالماي دېھقانلار بەك زىيان تارتىپتىكەن، دەل شۇ ۋاقىتتىمۇ ھۆكۈمەت ئاكتىپ تەدبىر قوللانغان.


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مەلىكە مەتتوختى
تىللا
2324
تۆھپە
1218
UID
684

جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-8 18:28:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جان باقماق  نىمانچە تەسلىشىپ كەتتى بۇ جاھاندا


ھايات ـــ مەن ئۈچۈن بىر سىناق.

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
تۇرغان ئۆمەر
تىللا
852
تۆھپە
349
UID
3999
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-9 01:06:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۆكىمەت قاراپ تۇرماس، باغۋەنلەرنىڭ نىداسىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان ئۇلار ئۈچۈن بازار ئىزدەيدىغان خەلىق سويەر كادىرلار چىقار، قىشتىمۇ بىر قىسىم دېھقانلارنىڭ ساتالمىغان پىياز، بەرڭگىلىرىنىمۇ بازار ئىزدەپ سىتىشىپ بەردىغۇ


Rank: 6Rank: 6

تىللا
1786
تۆھپە
181
UID
4871
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-9 13:40:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۆكۈمەت  خېرىدار جەلپ قىلىش ئۇسۇللىرىنى قوللانسا بولىدۇ


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
古丽仙
تىللا
2041
تۆھپە
732
UID
7115

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-9 17:29:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ھازىر نەشپۈت يەپ ئولتۇرغان تىخى، ئاشۇ سۇلۇق كورلا نەشپۇتىدىن


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ياسىنجان
تىللا
444
تۆھپە
229
UID
24291
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-9 21:06:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۆكۈمەتمۇ بۇ ئىشلارغا ئالاھىدە قاراپ چوقۇم تىزلىكتە ياردەم قىلىدۇ


Rank: 2

ئىسىمى
زۇننار
تىللا
73
تۆھپە
42
UID
208
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-9 22:02:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
diし__SiЯi يوللىغان ۋاقتى  2012-9-9 17:29
مەن ھازىر نەشپۈت يەپ ئولتۇرغان تىخى، ئاشۇ سۇلۇق كورلا  ...

ئەكىلىڭە بىرگە  يەيلى  ،


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-4 04:11, Processed in 0.100756 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991