كۆرۈش: 8534|ئىنكاس: 22

مۇنبەرداشلارغا سالام [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

تىللا
330
تۆھپە
177
UID
26439
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-5 00:57:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مۇنبەرداشلارغا سالام


   مەن يېڭى ئەزا نۇر بولىمەن،مەن مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇستاز سۈپەت مۇنبەرداشلارغا سەمىمى سالام يولايمەن.ھەممىڭلارنىڭ تېنىڭلار سالامەت ،تۇرمۇشۇڭلار كۆڭۈللۈك،ئىشىڭلار ئۇتۇقلۇق بولغاي.
    مەن يېڭىدىن تورغا چىقىشنى ئۆگۈنۈپ،ئالدى بىلەن مۇشۇ مۇنبەرنى زىيارەت قىلغان ئىدىم،بۇ مۇنبەر ساغلام،مۇنبەردىكى ئەزالار جۇشقۇن،يېزىلغان ئەسەرلەر ، ئىنكاسلار جايىدا بولغان ياخشى مۇنبەر ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىپ بۇ مۇنبەرگە ئەزا بولۇشنى نىيەت قىلدىم.
   سەۋىيەرىم چەكلىك،توردىكى تەجرىبەم تۆۋەن بولغانلىقتىن كۈلكىلىك ئىشلارنى قىلىپ قويۇشۇم مۇمكىن.توردىكى ئۇستازلارنىڭ ئەپۇ قىلىپ،يېڭى ئۆگەنچە شاگىرتىڭلارنى قاتارغا قېتىۋېلىشىڭلارنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.
       سەمىمىي سالام يولىغۇچى: شاگىرتىڭلار نۇردىن.   

ۋاقىت ھەققىدە


    ۋاقىتنى ھەممە ئادەملەرگە تەڭ ئاتا قىلغان،بىرىگە ئارتۇق بىرىگە كەم بىرىلگەن ئەمەس،لېكىن ھەر-بىر ئادەمنىڭ ۋاقىتقا ئاتا قىلغىنى ئوخشاش بولمايدۇ،بەزىلەر ۋاقىتنى ئالتۇندىنمۇ قىممەتلىك دەپ قارايدۇ.ۋاقىت ئۇلارغا ھاياتى كۈچ ۋە ئىجادىيەت ئاتا قىلىدۇ.
  بەزىلەر ۋاقىتنى قىلچىمۇ قەدىرلىمەيدۇ،ۋاقىت ئۇلارنىڭ تېنىدىن ياشلىق باھارىنى ۋە ھاياتىنى تۇيدۇرماستىن ئوغۇرلاپ قاچىدۇ.
   ۋاقىت مىھرىۋان ھەم شەپقەتسىز،بارلىق پىكىر-خىياللار،ئىزدىنىشلەر ۋاقىتنىڭ مىھرىگە ئېرىشىدۇ.
   ۋاقىت ئىلىم قىممىتىنىڭ سىناقدىشى،ۋاقىت دۇنيادىكى ھەممە شەيىلەرنىڭ ئۇلۇق تەنقىتدىشىدۇر
  
مەنبە: ئىجادىيىتىم

چوڭ خاتالىق ۋە كىچىك خاتالىق


  بىرسى دوستىدىن چوڭ خاتالىق بىلەن كىچىك خاتالىقنىڭ پەرقىنى سوراپتۇ.ئۇ ئادەم مۇنداق چۈشەندۈرۈپ بېرىپتۇ:<ئەگەر سەن تاماقخانىدىن چىققان ۋاقتىڭدا ئېھتىياتسىزلىقتىن ئۆزۈڭنىڭ كۈنلۈكىنى تاماقخانىغا تاشلاپ قويۇپ،باشقىلارنىڭ كۈنلۈكىنى ئېلىپ چىقىپ كەتسەڭ،بۇنى كىچىك خاتالىق دەيمىز؛ئەگەر باشقىلارنىڭ كۈنلۈكىنى ئېلىۋېلىپ،ئۆزۈڭنىڭ كۈنلۈكىنىمۇ ئېلىپ چىقىپ كەتسەڭ ،بۇنى چوڭ خاتالىق دەيمىز>.
   ھېكمەت:بۇنى چۈشەندىڭىزمۇ؟مانا بۇ بىخەستەلىك،بىپەرۋالىقتىن ئۆتكۈزۈلگەن خاتالىق بىلەن قەستەن ئۆتكۈزۈلگەن ئوغرلىققا بولغان ناھايىتى كونكرېت چۈشەندۈرۈشتۇر.

مەنبە:ھېكمەتلەر دەستۇرىدىن.

ئېرىشىش ۋە يوقىتىش


  بىر داڭلىق كارخانىچى بىر كۈنى دادىسى بىلەن داڭلىق ئاشخانىدا تاماق يېگەچ بىر ئىسكىرىپكىچىنىڭ ئۇلار ئۈچۈن چالغان مۇزىكىسىدىن ھۇزۇلىنىپتۇ .
   بۇ داڭلىق كارخانىچى بۇ يېقىملىق  ئىسكىرىپكا مۇزىكىسىنى ئاڭلىغاچ ئۆزىنىمۇ ئىلگىرى ئىسكىرىپكا چېلىشنى ئۆگەنگنلىكى يادىغا يېتىپ ئاتىسىغا :ئەگەر مەن مۇشۇ چاغدا ئىسكىرىپكا چېلىشنى كۆڭۈل قۇيۇپ ئۆگەنگەن بولسام ،بەلكىم مۇشۇ جايدا ئىسكىرىپكا چالغان بۇلاتىم :دەپتۇ .
   ئاتىسى ئوغلىغا :توغرا بالام ،ئەگەر ئەينى چاغدا شۇنداق قىلغان بولساڭ ،ھازىر بۇجايدا ئولتۇرۇپ تاماق يىمىگەن بۇلاتىڭ :دەپتۇ .
   ھېكىمەت :بىز دائىم دېگۈدەك قولدىن كىتىپ قالغان ئاشۇ پۇرسەتلەر ئۈچۈن ئاھ ئۇرۇمىز -يۇ ،ھازىرقى ئېرىشكىنىمىزگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنى ئۇنتۇپ قالىمىز .


كۈلۈپ ياشاش كېرەك


     بىر ئادەم ئېھتىياتسىزلىقتىن ئۆستەڭگە چۈشۈپ كېتىپتۇ شۇنۇڭ بىلەن ئەتىراپتىكى كىشىلەر بۇ ئادەمنى سۇدىن تارتىپ چېقىرىپتۇ ،بۇ ئادەم سۇدىن تارتىپ چېقىرىلغاندىن كىيىنمۇ قىلچە ئازابلىنىپمۇ قويماستىن ،بەلكى قاقاقلاپ كۈلۈپ كېتىپتۇ .
    كىشىلەر بۇ ئادەمنىڭ قاقاقلاپ كۈلۈشىدىن غەلىتىلىك ھىس قىلىپ ،ئۇنى ساراڭ بۇلۇپ قالغان ئوىشايدۇ ،دەپ ئويلاپتۇ .ئارىدىن بىرەيلەن :"نېمىگە كۈلىسىز ؟" دەپ سوراپتۇ .
   بۇ ئەر :نېمىگە كۈلىسىز دەمسىز ؟مەن تېخى ھايات ئىكەنمەن ،ھەتتا كىچىكىنە يېرىمۇ زەخمىلەنمەپتۇ بۇ كۈلۈشكە ئەرزىگۈدەك ئىش ئەمەسمۇ ؟:دەپتۇ .
   ھېكىمەت :دۇنيادا ھايات تۇرۇشتىنمۇ بەكرەك خوشاللىق بولمىساكېرەك ،مۇشۇ قائىدىنى چۈشۈنۈپ يەتكەندىلا ،بۇ ھايات مىننەتدارلىققا ھەم خۇشاللىققا تولغان بولىدۇ .

13-r.jpg
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 4

تىللا
199
تۆھپە
132
UID
25911
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-6 16:18:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلەم ئىگىسىگە رەخمەت. يەنىمۇ تىرىشىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن.


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەلبىنۇر
تىللا
1841
تۆھپە
1555
UID
2498
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-6 17:54:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا  دەيسىز ..ئۆلۈم ئالدىدىمۇ كۈلۈش كېرەك!


قەدىرلىكىم قەدىرلىگىن ،قەدىرىڭنى قىلغان قەدىردانلارنى،
قەدىرلىكىم قەدىرلىمە، قەدىرىڭنى قىلمىغان قەدىرسىزلەرنى!!!
                       

Rank: 8Rank: 8

تىللا
1775
تۆھپە
1260
UID
3175

ئاۋانگارت ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-6 18:00:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىما ئىگىسىگە رەھمەت


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ياسىنجان
تىللا
444
تۆھپە
229
UID
24291
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-6 19:00:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
KALBIM يوللىغان ۋاقتى  2012-9-6 17:54
توغرا  دەيسىز ..ئۆلۈم ئالدىدىمۇ كۈلۈش كېرەك!

ماۋۇ گەپنى نىمە دەپ چۈشەنسەم بولا...بولسا كۈلمەي ئۆتكۈزگەن گۇناھلارغا تۆۋۋە قىلىشىمىز كېرەكتۇ


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەلبىنۇر
تىللا
1841
تۆھپە
1555
UID
2498
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-6 20:00:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
amatlik~yigit يوللىغان ۋاقتى  2012-9-6 19:00
ماۋۇ گەپنى نىمە دەپ چۈشەنسەم بولا...بولسا كۈلمەي ئۆتكۈ ...

مەن گۇناھنىڭ گېپىنى قىلمىغاندىمەن..


قەدىرلىكىم قەدىرلىگىن ،قەدىرىڭنى قىلغان قەدىردانلارنى،
قەدىرلىكىم قەدىرلىمە، قەدىرىڭنى قىلمىغان قەدىرسىزلەرنى!!!
                       

Rank: 4

تىللا
278
تۆھپە
156
UID
21793
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-6 20:02:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىما ئىگىسىگە رەھمەت


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ياسىنجان
تىللا
444
تۆھپە
229
UID
24291
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-6 20:52:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
KALBIM يوللىغان ۋاقتى  2012-9-6 20:00
مەن گۇناھنىڭ گېپىنى قىلمىغاندىمەن..

گۇنا گېپى قىلمىدىڭىز ئەمما مۇسۇلمان ئۆلۈش ئالدىدا كۈلۈپ ئەمەس گۇناھلىرى ئۈچۈن كۆز ياش بىلەن بولىشى كېرەك...


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئابدۇرىېھىمجان
تىللا
2532
تۆھپە
1330
UID
281

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-6 22:04:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا  دەيسىز ..ئۆلۈم ئالدىدىمۇ كۈلۈش كېرەك!


قەدىرلىكىم قەدىرلىگىن قەدىرىڭنى قىلغان قەدىردانلارنى،
قەدىرلىكىم قەدىرلىمە قەدىرىڭنى قىلمىغان قەدىرسىزلەرنى

Rank: 8Rank: 8

تىللا
3276
تۆھپە
933
UID
1186
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-6 23:54:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
amatlik~yigit يوللىغان ۋاقتى  2012-9-6 20:52
گۇنا گېپى قىلمىدىڭىز ئەمما مۇسۇلمان ئۆلۈش ئالدىدا كۈ ...

شۇنداق چوقۇم بىچارىلەرچە ياشاش كېرەك.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-4 04:59, Processed in 0.086054 second(s), 29 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991