دوستلار ، مۇشائىرە يېزىشايلى
( 1 )
شاتلىقتىن يۈرىكىم سىغماس تېنىمغا ،
ئامرىقىم شوق كۈلۈپ كەلسەڭ يېنىمغا .
ئىشەنگىن ئامرىقىم پەقەت سەن ئۈچۈن ،
رازىمەن دولقۇنلاپ ئاققان قېنىمغا .
( 2 )
يېنىمدا بولساڭسەن چەكمەسمەن پىغان ،
چىن سۆيگۈم ساڭىلا تەسەددۇق ھامان .
ۋە لېكىن قەلبىمنى چۈشەنمەي جېنىم ،
تۇرارسەن يەنىلا شۇنداق خىرامان .
( 3 )
ئۇنتۇلسۇن ئازاپلىق ئاشۇ كەچمىشلەر ،
يازايلى سۆيگۈدىن يېڭى بىر داستان.
شۇ گۈزەل ۋىسالغا ئاچايلى قۇچاق ،
مۇڭلارغا تولمىسۇن جىمجىت خىيابان .
دوستلار ، مۇشائىرە يازغاندا يۇقۇرىدىكى ئۈچ كۇپلېت شېئىرنىڭ خالىغان بىر كۇپلېتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مىسراسىنى شېئىرىڭىزنىڭ 1- مىسراسى قىلىڭ ، يازغان شېئىرىڭىز چوقۇم يۇقۇرىقى شېئىر بىلەن مەزمۇن ۋە ئاھاڭدارلىق جەھەتتە ماس كېلىشى ، يەنى بوغۇم سانى يۇقۇرىقى شېئىر بىلەن تەڭ بولىشى ، ھېسسىيات قويۇق ئىپادىلىنىشى كېرەك . مەسىلەن: يېزىش ئۇسۇلى تۆۋەندە كۆرسىتىلگەندەك بولۇشى لازىم .
كۈتىمەن بىر ئۆمۈر بېرىپ ئىشتىياق ،
بۇ ئالەم كۈمپەيكۈم بولسىمۇ بىراق .
سۆيىمەن يۈرىكىم قېتىدىن سېنى ،
ياقىمەن قەلبىڭگە مېھرىمدىن چىراق .
ياقىمەن قەلبىڭگە مېھرىمدىن چىراق ،
سۆيگۈمىز ئەبەدى چاچسۇن خۇشپۇراق.
مۇھەببەت گۈلىمىز ياشنىسۇن مەڭگۈ ،
بولمىسۇن ھەرگىزمۇ سارغايغان ياپراق .