ئىگىسى: sarwi

دوستلار ، مۇشائىرە يېزىشايلى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
6739
تۆھپە
3406
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-4 16:14:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
sarwi يوللىغان ۋاقتى  2012-9-4 15:41
توغرا سۆزنى ئېيتار ئىكەن بۇ دۇني ...

يەنە شۇنداق رەھىمسىزدۇر بۇ دۇنيا،
ھەق سۆزلىسەڭ كۆزنى يۇمۇپ ياتىدۇ.
كۆزنى يۇمۇپ سۆزلىسەڭ قىلماي ھايا،
تەنتەنەدە سېنى كۆككە ئاتىدۇ.


كۈلكە بولسا كۈلگۈلۈك يا قاپاقنى تۈرگۈلۈك،
كۆرگۈلۈكنى كۆرگۈلۈك يا بۇ ئەركمان ئۆلگۈلۈك.

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
سەرۋى
تىللا
2119
تۆھپە
1017
UID
15884

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-4 16:29:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Erkman يوللىغان ۋاقتى  2012-9-4 16:14
يەنە شۇنداق رەھىمسىزدۇر بۇ دۇنيا،
ھەق سۆزلىسەڭ كۆزنى  ...

     تەنتەنىدە سېنى كۆككە ئاتىدۇ ،
     ئابرويىڭنى بىر تىيىنغا ساتىدۇ .
     يۇۋاش بولسڭ سېنى ئاتكەن دەپ بىلىپ ،
     تەپتارتماستىن ھارىۋىغا قاتىدۇ .
     
  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىتۆھپەيىغىشسەۋەبى
Erkman + 20赞一个!

ھەممە باھا نومۇرى : تۆھپە + 20  باھا خاتىرىسى

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
سەرۋى
تىللا
2119
تۆھپە
1017
UID
15884

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-4 16:44:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
努尔艾力江 يوللىغان ۋاقتى  2012-9-4 16:01
ئىشەنگىن ئامرىقىم پەقەت سەن ئۈچۈن،
كۆيگەن بۇ يۈرىكىم  ...

               
                       كۆيىمەن نىگارىم پەقەتلا ساڭا ،
                       ھەسرەتتە  ھەر كۈنۈم زىمىستان ماڭا .
                       قەلبىمنى ئۆرتەيدۇ ئازاپلىق ھىسلار ،
                       سېنىڭسىز زۇلمەتتۇر بۇ يورۇق دۇنيا .


Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
قار گۈلى
تىللا
222
تۆھپە
52
UID
1363
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-4 17:32:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
sarwi يوللىغان ۋاقتى  2012-9-4 16:44
كۆيىمەن نىگارىم پەقەتلا ساڭا ،
...

سېنىڭسىز زۇلمەتتۇر بۇ يورۇق دۇنيا ،
ئىزدەيمەن ھىدىڭنى ھەر بىر تىنىقتا.
يۈرىكىم پەقەتلا سەن ئۈچۈن سوقار ،
كەل يايرىم سايىۋەن بولاي باشىڭغا  .


دۇنيادا ھەمىدىن كەڭ نەرسە ئادەمنىڭ كۆڭۈل- كۆكسىدۇر

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەلبىنۇر
تىللا
1886
تۆھپە
1571
UID
2498
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-4 17:55:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Erkman يوللىغان ۋاقتى  2012-9-4 16:08
بالىلىقتىكى ئارمىيە-دۈشمەن ئويۇنى ئېسىڭلارغا كېلىپ ق ...

ۋاي قىزىقچى  ھەممە ئادەم سىزدەك قارىسىغۇ مەيلى،،بەزەنلەر  دېيىشمىسە بۇلاتتىغۇ..


قەدىرلىكىم قەدىرلىگىن ،قەدىرىڭنى قىلغان قەدىردانلارنى،
قەدىرلىكىم قەدىرلىمە، قەدىرىڭنى قىلمىغان قەدىرسىزلەرنى!!!
                       

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەلبىنۇر
تىللا
1886
تۆھپە
1571
UID
2498
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-4 17:57:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
mazargojam يوللىغان ۋاقتى  2012-9-4 15:12
مەن ھىچكىمنى دۈشمەن سانىمىدىم. مۇنبەردە دۈشمەن نىمىش ...

  رەنجىش ماڭا يات.   ئۇنچىۋىلا  زىغىرلاپ  كېتىشنىڭ ھاجىتى بارمىتى....خۇددى جانغا تاقىلىدىغاندەك ..بىرەر قېتىم سەۋەنلىك..ئالتۇنمۇ 100%  بولمايدىغۇ..


قەدىرلىكىم قەدىرلىگىن ،قەدىرىڭنى قىلغان قەدىردانلارنى،
قەدىرلىكىم قەدىرلىمە، قەدىرىڭنى قىلمىغان قەدىرسىزلەرنى!!!
                       

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەلبىنۇر
تىللا
1886
تۆھپە
1571
UID
2498
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-4 18:37:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    چوغلاندى ئاداققى ئۆكسۈش بىر ئەجەپ،
     خامىئلۇن  مەخلۇقلار كۆپەيدى ئەجەپ.
     قالمىدى مەندە سۆيگۈ ۋە ئاداۋەت،
     ئاللاھتىن تىلەيمەن كەچۈر مېنى دەپ.
          ****************************
     پورەكلەر مۇھەببەت گۈللىرى ھەر ئان،
     يەلپۈنەر شامالدا جاننى ئالغۇر چاچ.
     تەشۋىشكە ئاتلاندى روھلار تېنىمسىز،
     مۇھاببەت ئالدىراش،سۆيگۈ يالىڭاچ.

             ***********************
         
              قايتقۇم يوق ئەزەلدىن ئۆڭكۈرۈڭگە قايتا،
              باغرىمغا سىڭدىغۇ تېڭىرقاش قانچىلىك.
             ھاياتتا مۇمكىنلىك بولسىلا چوقۇم،
             تۇرمۇش ۋە توي قىلىش دېگەن قانچىلىك؟؟


قەدىرلىكىم قەدىرلىگىن ،قەدىرىڭنى قىلغان قەدىردانلارنى،
قەدىرلىكىم قەدىرلىمە، قەدىرىڭنى قىلمىغان قەدىرسىزلەرنى!!!
                       

Rank: 4

ئىسىمى
بۇغداي
تىللا
275
تۆھپە
101
UID
20698
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-4 18:38:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
sarwi يوللىغان ۋاقتى  2012-9-4 16:44
كۆيىمەن نىگارىم پەقەتلا ساڭا ،
...

سېنىڭسز زۇلمەتتۇر بۇ يورۇق دۇنيا،
رايىم يوق ھەتتاكى ھايات يۇرۇشكە.
ئىشقىڭ يولىغا ئەبەتلىك كىردم،
رازى مەن ئوتۇڭدا كۆيۇپ ئۆلۇشكە.


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
6739
تۆھپە
3406
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-4 18:50:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاشىقى بىقارار بولۇشۇپ قالمايلى يەنە جۇمۇ بۇ تېمىدا، شۇنداق كەلگەن ئىلھاملىرىمنى داشقازانغا تۆكۈپ ئۈستىگە مۇز سالدىم مۇز


كۈلكە بولسا كۈلگۈلۈك يا قاپاقنى تۈرگۈلۈك،
كۆرگۈلۈكنى كۆرگۈلۈك يا بۇ ئەركمان ئۆلگۈلۈك.

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
سەرۋى
تىللا
2119
تۆھپە
1017
UID
15884

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-4 18:54:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
bugdai يوللىغان ۋاقتى  2012-9-4 18:38
سېنىڭسز زۇلمەتتۇر بۇ يورۇق دۇنيا،
رايىم يوق ھەتتاكى ھ ...

      
                     رازىمەن ئوتۇڭدا كۆيۈپ ئۆلۈشكە ،
                      رازىمەن ئىشقىڭدا ئۆتسەم ئاھ ئۇرۇپ .
                      تەلمۈردۈم ئامرىقىم يولۇڭغا ھەركۈن ،
                      تەلمۈردۈم كۆزۈمدىن دەريا ئاققۇزۇپ !


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-20 00:17, Processed in 0.068344 second(s), 18 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991