ئىگىسى: sarwi

دوستلار ، مۇشائىرە يېزىشايلى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
سەرۋى
تىللا
2119
تۆھپە
1017
UID
15884

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-5 18:54:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۈلخان يوللىغان ۋاقتى  2012-9-5 18:44
كۈتۈشلەرگە ئاتالغان سۆيگۈ،
ۋۇجۇدۇمنى  ئېزىدۇ تىنماي.
ھ ...

           
                     يۈرىكىمنى تىلغايدۇ ھارماي ،
                     ئىشقىڭ مېنى قىينايدۇ تىنماي .
                     مەن يۈرىمەن غەملەرگە پېتىپ ،
                     ئەي ، نىگارىم ھۆسنۈڭگە قانماي !


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
6739
تۆھپە
3406
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-5 19:04:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
sarwi يوللىغان ۋاقتى  2012-9-5 18:43
يا رەب ، گۇناھلىرىم كەتكۈسى  ساقىپ ،
    ...

بۇ دەردلەرگە ئۆزۈڭ دورا، ئۆزۈڭ دەرمان،
مەن ئاشقمەن، سەن مەشۇقسەن، ئۆزۈڭ جانان.
رەھىم ئەيلە، تىزلىنايمەن، قېنىم تىلەي،
بۇ جېنىمغا پەقەت سەنلا بولدۇڭ سۇلتان.


كۈلكە بولسا كۈلگۈلۈك يا قاپاقنى تۈرگۈلۈك،
كۆرگۈلۈكنى كۆرگۈلۈك يا بۇ ئەركمان ئۆلگۈلۈك.

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
نۇرئېلىجان ھېدايەت
تىللا
1274
تۆھپە
866
UID
504

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-5 19:12:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
sarwi يوللىغان ۋاقتى  2012-9-5 16:52
سېنىڭسىز ئازاپتۇر  مېنىڭ ھەر كۈنۈم ،
            ...

نىگارىم سۆيگۈمنى قىلمىغىن پايخان،
ئاھىمدىن ئېرىسۇن پۈتكۈل يەر-جاھان.
مېھرىڭدىن ئېچىلسۇن بەختىم گۈللىرى،
ئۆلسەممۇ بۇ سۆيگۈم بولمايدۇ تامان.


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
سەرۋى
تىللا
2119
تۆھپە
1017
UID
15884

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-5 20:08:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
努尔艾力江 يوللىغان ۋاقتى  2012-9-5 19:12
نىگارىم سۆيگۈمنى قىلمىغىن پايخان،
ئاھىمدىن ئېرىسۇن پ ...

         
                   ئۆلسەممۇ بۇ سۆيگۈم بولمايدۇ تامام  ،
                   بۇ جېنىم ساڭىلا تەسەددۇق ھامان !
                   تىلەيمەن نىگارىم ساڭا خۇشاللىق ،
                   كەلگەيسەن يېنىمغا كەلگەيسەن ئامان !


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەد ئەلتۇغ
تىللا
1055
تۆھپە
368
UID
75

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-5 20:10:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزئۆزۈمگە بېرىمەن قەسەم،
سەن تەرەپكە قارىماسمەن دەپ.
بىراق ئاشۇ خائىن كۆزلىرىم،
ئوغرىلىقچە قارىۋېلار، خەپ!


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
سەرۋى
تىللا
2119
تۆھپە
1017
UID
15884

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-5 20:17:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Erkman يوللىغان ۋاقتى  2012-9-5 19:04
بۇ دەردلەرگە ئۆزۈڭ دورا، ئۆزۈڭ دەرمان،
مەن ئاشقمەن، س ...


           
                        بۇ جېنىمغا پەقەت سەنلا بولدۇڭ سۇلتان ،
                        ئاھلار ئۇردۇم !  ئىشقىڭدا مەن چەكتىم پىغان !
                        ۋىسالىڭغا تەلمۈرەرمەن ھەسىرەتتە ،
                         ئاھ - زارىمدىن ئۆرتەنمەكتە پۈتكۈل  جاھان !
                        
                         بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sarwi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-5 20:19  



Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
سەرۋى
تىللا
2119
تۆھپە
1017
UID
15884

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-5 20:23:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ELTUGH يوللىغان ۋاقتى  2012-9-5 20:10
ئۆزئۆزۈمگە بېرىمەن قەسەم،
سەن تەرەپكە قارىماسمەن دەپ.
...

         
                          ئوغرىلىقچە قارىۋالار خەپ !
                          سېنىڭ ئاشۇ جادۇ كۆزلىرىڭ .
                          يۈرىكىمنى قىلىدۇ گۈلخان ،
                          تولۇنئايدەك نۇرلۇق يۈزلىرىڭ .


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
سەرۋى
تىللا
2119
تۆھپە
1017
UID
15884

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-5 20:28:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
amatlik~yigit يوللىغان ۋاقتى  2012-9-5 18:45
كېرەك ئەمەس ماڭا باشقا بىر جەننەت،
كېرەك ئەمەس ماڭا ب ...

                بولالايدۇ زادى كىم بىلەلمىدىم ئەي  نىگار ،
                ئېيتسام ساڭا چىن سۆزۈم يۈرىكىمدە سەنلا بار .
                مەنسۇپ بولغىن ماڭىلا يامان كۆزلەر تەگمىسۇن ،
                 شۇڭا جېنىم بوينۇڭغا ئېسىپ قوياي تىلتۇمار !


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ياسىنجان
تىللا
444
تۆھپە
229
UID
24291
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-5 21:06:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
sarwi يوللىغان ۋاقتى  2012-9-5 20:28
بولالايدۇ زادى كىم بىلەلمىدىم ئەي  نىگار ،
    ...

شۇڭا جېنىم بوينۇمغا ئېسىپ قويدۇڭ تىلتۇمار،
دۈشمەن قارا كۆزى بولغاي ھەر زامان.
شۇڭا دەيمەن قەدىرلىك پەرىشتەم دىلخۇمار،
ئاللاھ سىنى مەڭگۈ ساقلىغاي ئامان

.


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
6739
تۆھپە
3406
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-5 22:12:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
sarwi يوللىغان ۋاقتى  2012-9-5 20:28
بولالايدۇ زادى كىم بىلەلمىدىم ئەي  نىگار ،
    ...


دەرىخا، سەرۋىگۈلنىڭ ئۆلتۈرەرگە ياسى ئۆزگەچە،
كى بۇجاننى قىينىماققا سۈف-دۇئاسى ئۆزگەچە.
ئۆزگە دىلبەرلەر ئىزىدىن كېتەي دەپ كېتەلمەيمەن،
چۈنكى ئول سەرۋى ئىزىنىڭ تۇتىياسى ئۆزگەچە.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erkman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-5 23:06  



كۈلكە بولسا كۈلگۈلۈك يا قاپاقنى تۈرگۈلۈك،
كۆرگۈلۈكنى كۆرگۈلۈك يا بۇ ئەركمان ئۆلگۈلۈك.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-20 00:18, Processed in 0.069644 second(s), 16 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991