كۆرۈش: 11985|ئىنكاس: 14

كىشىلىك تۇرمۇشتىكى «ئون»نى ساقلىماسلىق [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

تىللا
431
تۆھپە
84
UID
4006
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-3 17:15:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

كىشىلىك تۇرمۇشتىكى «ئون»نى ساقلىماسلىق

1 . سۈيگۈگە ئېرىشمەكچى بولغىنىڭىزدا ئاندىن بېغىشلاشنى ساقلىماڭ
    كىشىلىك تۇرمۇش بىر مەيدان ئويۇنغا ئوخشايدۇ ، ساقلاش ئىچىدە گۈزەللىكنى قولدىن بېرىپ قويىمىز ، خۇددى ناخشىلاردا ئېيتىلغاندەك ، ئوتتۇرىغا چىقىشقا تېگىشلىك بولسا چوقۇم چىقىش لازىم .چۈنكى بەخت ئۇ سىزنىڭ يېنىڭىزدىلا، ئەمدى ئۆزەمنى بېغىشلاي دېگىنىڭىزدە، سۆيگۈ ئۇ يېنىڭىزدىن سىلىققىنە سىيپاپ ئۆتۈپ كېتىدۇ ، سىزدە قالىدىغىنى شۇ ئېچىنىش ۋە پۇشايمان .
    2 . يالغۇز قالغىنىڭىزدا ئاندىن دوستىڭىزنى ئەسلەشنى ساقلىماڭ
    دوست دېگەن نېمە ؟ ھەقىقى دوست مەڭگۈ سىزنى تاشلىۋەتمەيدۇ . كىشىلىك تۇرمۇشتا ئادەم يېقىن سىرداشقا تويۇپ ئۆتمەيدۇ، يالغۇز قالغىنىڭىزدا ، تېڭىرقاپ قالغىنىڭىزدا ، دوستىڭىز سىزنىڭ ئەڭ سادىق ئاڭلىغۇچىڭىز، ئۇلاردا غۇدۇراش يوق ، ئۇلاردا پەقەت شۇ بىر تال جاھاننى سىغدۇرالايدىغان يۈرەكلا بار .
     3 . ۋەزىپە بولغاندىلا ئاندىن تىرىشىپ ئىشلەشنى ساقلىماڭ
    بەزى كىشىلەر پۈتۈن بىر ئۆمۈرىدە ئۆزىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك خىزمەتنى ساقلايدۇ ، تاكى چاچلىرى ئاقارغۇچىلىك جاھىللىق قىلىپ ساقلايدۇ.چۈنكى بۇ دۇنيا تولىمۇ رەڭگارەڭ، پەقەت سىز تىرىشسىڭىزلا ھەممىلا يەردە ئۆزىڭىز رازى بولغۇدەك خىزمەت تاپالايسىز.
    4.مەغلۇپ بولغىنىڭىزدا ئاندىن باشقىلارنىڭ نەسىھىتىنى ئەسكە ئېلىشنى ساقلىماڭ
    قۇلاققا ياقمىغان بىلەن ھەركىتىڭىزگە پايدىلىق،ياخشى دورا ئاچچىق بولغىنى بىلەن كېسەلگە شىپا قىلىدۇ.ئادەملەر ھەمىشە چېقىمچىلىققا بەكلا ئىشىنىپ كېتىدۇ ، چۈنكى چېقىمچىلىق دېگەن شۇنداق گۈزەل، شۇنداق تۇرۇقلۇق ئادەملەر يەنىلا بۇ قەدىمى گەپنى ئۇنتۇپ قېلىشىدۇ.ئۆزىمىزنىڭ مەغلۇب بولۇشىمىزنى كۈتۈپ تۇرغۇنىمىزدا،ھەممە نەرسىلەر ھەش-پەش دېگۈچە غايىپ بولىدۇ.
    5.ئاغرىپ قالغىنىڭىزدا ئاندىن ھاياتلىقنىڭ ئاجىزلىقىنى ھېس قىلىشنى ساقلىماڭ
    ھايات ھەقىقەن بەك ئاجىز،بىر تال چۈمۈلە بەلكىم سىزنىڭ ئايىقىڭىز ئاستىدا ئۈلۈپ كېتىشى مۇمكىن،بىراق سىز بۇنى ھېىس قىلالمايسىز،بەلكىم سىز ھاياتلىقنىڭ گىرۋەكلىرىدە ئايلىنىپ يۈرۈشىڭىز مۇمكىن.شۇنداق تۇرۇقلۇق سىز يەنە نېمە ئۈچۈن ئۆزىڭىزنىڭ ھاياتىنى قەدىرلىمەيسىز؟
    6.ئايرىلىدىغان چېغىڭىزدا مۇھەببىتىڭىزنى قەدىرلىمىگەنلىگىز ئۈچۈن قىلىدىغان پۇشايماننى ساقلىماڭ
    نېمە ئۈچۈن دائىم ئايرىلىپ كەتكەندىن كېيىن ئاندىن قەدىرلەشنى تونۇپ يېتىمىز؟ چۈنكى جاھاندا مۇكەممەل ئادەم بولمايدۇ، يېتىشسىزلىكى يوق ئادەم بولمايدۇ.كەڭ قورساقلىق قىلىدىغان قەلبىمىز بىلەن باشقىلارغا چىرايلىق مۇئامىلە قىلغىنىمىز ئۆزىمىزگە چىرايلىق مۇئامىلە قىلىغىنىمز بىلەن بارۋەردۇر.
    7.باشقىلار سىزنى ماختىغاندا ئاندىن ئۆزىڭىزگە ئىشىنىشنى ساقلىماڭ
    ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە يارىشا ئارتۇقچىلىقى ۋە كەمچىلىكى بولىدۇ، ئۆزىگە ئىشىنىش مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشنىڭ ئاچقۇچى، باشقىلارنىڭ ماختىشىنى ساقلىماڭ ، بەلكىم ئۇ چاغدا سىز تولىمۇ كېچىككەن بۇلۇشىڭىز مۇمكىن، چۈنكى ھاياتلىق سىزگە بىرنۆۋەتلا تەۋە بولىدۇ، ئۇ ھەرگىزمۇ دەۋرىيلەنمەيدۇ ۋە ياكى قايتىلانمايدۇ.
    8.باشقىلار كۆرسىتىپ بەرگەندىلا ئاندىن خاتالاشقىنىڭىزنى ساقلىماڭ
    ئەمىليەتتە، خاتالىقىنى بوينىغا ئېلىشقا جۈرئەت قىلالىغان ئادەمنى ھىچكىم مازاق قىلمايدۇ، ئەكسىچە ئۇنداقلار باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە نائىل بولالايدۇ.چۈنكى ھەرقانداق ئادەمدە خاتالىق بولىدۇ، پەقەت شۇ بەزىلەر ئۆزلىرىنىڭ خاتالىقلىرىنى يۇشۇرۇشقا ماھىر كېلىدۇ، بەزىلەر خاتالىقىنى بوينىغا ئېلىشقا جۈرئەت قىلالايدۇ.
    9.باي بولغۇنىڭزدا ئاندىن نامراتلارغا ياردەم قىلىشنى ساقلىماڭ
    باشقىلارغا ياردەم قىلىشنى خوشاللىق دەپ بىلىش ئۇ بىر خىل گۈزەل ئەخلاق،باي بولغان چېغىڭىزدا سىز بەلكىم خوشال بولالماسلىغىڭىز مۇمكىن، چۈنكى بۇ چاغدىكى سەدىقىلىرىنىڭىزنى باشقىلارنىڭ قۇبۇل قىلىشى ناتايىن.
    10.سەكراتقا چۈشۈپ قالغان ۋاقتىڭىزدا ئاندىن تۇرمۇشنى سۆيىدىغانلىغىڭىزنى ساقلىماڭ
    تۇرمۇش دېگەن شۇنداق گۈزەل، نېمە ئۈچۈن ئويۇنغا ئوخشايدىغان كىشىلىك تۇرمۇشقا مۇھتاج بىز.كىشىلىك تۇرمۇش ئۇزۇن كەتكەن بىر دەرياغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ مەڭگۈ چېكى بولمايدۇ، چېگرىسى بولمايدۇ.ئاغرىق-سىلاق ۋە ئۆلۈم-يىتىم سەۋەبلىك ئۇ ھەرگىزمۇ ئۆزگىرىپ قالمايدۇ.تۇرمۇشنى سۆيگەنلىك ئۆزىمىزنى سۆيگەنلىك، چۈنكى ھاياتلىقتىكى بىر قانائەتلىنەرلىك چىكىت ھامان قويۇلىدۇ.

    ئەخمەت ساتتار تەرجىمىسى


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 4

تىللا
278
تۆھپە
156
UID
21793
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-3 18:02:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت ،ئەممازە  مۇشتا ياخشى تېمىنى ساقلاڭ


Rank: 6Rank: 6

تىللا
1399
تۆھپە
319
UID
20124
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-3 18:17:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساقلاش، كۈتۈش بۇ بىر  خىل ئاجىزلىقنىڭ  ئىپادىسى،


Rank: 4

تىللا
431
تۆھپە
84
UID
4006
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-3 18:47:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
rastqi يوللىغان ۋاقتى  2012-9-3 18:17
ساقلاش، كۈتۈش بۇ بىر  خىل ئاجىزلىقنىڭ  ئىپادىسى،

توغرا دەيسىز.


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەلبىنۇر
تىللا
1841
تۆھپە
1555
UID
2498
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-3 18:59:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
7---بۇ مېنىڭ تۇرمىشىم ،،،،،،،،،،ئادەتتە كىشلەرنىڭ ماختىشىنى ئانچە  ياقتۇرمايمەن .


قەدىرلىكىم قەدىرلىگىن ،قەدىرىڭنى قىلغان قەدىردانلارنى،
قەدىرلىكىم قەدىرلىمە، قەدىرىڭنى قىلمىغان قەدىرسىزلەرنى!!!
                       

Rank: 4

تىللا
431
تۆھپە
84
UID
4006
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-3 19:13:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
KALBIM يوللىغان ۋاقتى  2012-9-3 18:59
7---بۇ مېنىڭ تۇرمىشىم ،،،،،،،،،،ئادەتتە كىشلەرنىڭ ماخت ...

شۇنداقمۇ، لېكىن بەزىدە شۇنداقراق بىر گەپلەرنى ئاڭلىسىڭىز ئۆزىڭىزگە خېلى ئىلھام بولۇپ قالىدىكەن.


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەلبىنۇر
تىللا
1841
تۆھپە
1555
UID
2498
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-3 19:27:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايتۈرك2 يوللىغان ۋاقتى  2012-9-3 19:13
شۇنداقمۇ، لېكىن بەزىدە شۇنداقراق بىر گەپلەرنى ئاڭلىس ...

ئۇغۇ  شۇ ،،بىراق ماڭا  تەنىدەكلا  بىلىنىدۇ ..ماختاشنى  ئانچە ياقتۇرمايمەن ..ئۇتتۇر،،ئۇدۇللا  گەپ قىلغان ياخشى دەپ قارايمەن ،.شۇ...


قەدىرلىكىم قەدىرلىگىن ،قەدىرىڭنى قىلغان قەدىردانلارنى،
قەدىرلىكىم قەدىرلىمە، قەدىرىڭنى قىلمىغان قەدىرسىزلەرنى!!!
                       

Rank: 4

تىللا
288
تۆھپە
170
UID
16228
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-4 11:17:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەكراتقا چۈشۈپ قالغان ۋاقتىڭىزدا ئاندىن تۇرمۇشنى سۆيىدىغانلىغىڭىزنى ساقلىماڭ


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
زەمزەم
تىللا
974
تۆھپە
682
UID
2990
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-4 12:05:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەزمونى شۇنداق ياخشىكەن. تەرجىمىنىڭ ئايرىم جايلىرى تازا راۋان چىقمىغاندەك تۇيۇلدى ماڭا. تېما يوللىغۇچىغا رەھمەت!


ئۆزەڭنى بىل، ئۆزگىنى قوي!

Rank: 4

ئىسىمى
ئالىم
تىللا
340
تۆھپە
178
UID
20714
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-4 13:06:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇمكىن بۇلسا بۇمەزمۇنلارنى قايسى ماتىريالدىن  پايدىلاندىڭز  . شۇنمۇ ئەسكەرتسىڭىز  تىخمۇ ياخشى بولاتتى


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-4 10:13, Processed in 0.083291 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991