كۆرۈش: 11730|ئىنكاس: 13

باشلىق بولۇپ قالسام مەنمۇ ناۋادا... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

تىللا
210
تۆھپە
78
UID
444
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-2 16:56:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

باشلىق بولۇپ قالسام مەنمۇ ناۋادا...


      ( مەن مەلۇم بىر جايدىكى دوستلار سۆھبىتىدە ئەمەل تەمەسىدە تېپىرلاپ يۈرگەن بىرسى ھەققىدە ئاز-تولا سۆز-چۆچەكلەرنى ئاڭلىدىم-دە، قولۇمغا قەلەم ئالغان ئىدىم. بۇ،ئەنە شۇ چاغدىكى بايانلارنىڭ ئاددىيلا تېز سىزمىسى ئىدى، خالاس. بۈگۈن كونا يازمىلىرىمنى رەتلەۋېتىپ، بۇئەسەرنى ئۇچرىتىپ قېلىپ مۇنبەرگە يوللاپ قويغۇم كەلدى )


( ساتېرا)


باشلىق بولۇپ قالسام مەنمۇ ناۋادا،

قانات ياساپ ئۇچارمەنمۇ سامادا.

كىرىپ ياكى تويماس نەپىسم كەينىگە،

خۇمار بولۇپ قالارمەنمۇ تاماغا.


باشلىق بولۇپ قالسام مەنمۇ ناۋادا،

ئەمەل پەيزىنى سۈرەرمەنمۇ راساغا.

بولۇپ قېلىپ ياكى ئۆتمەس گال پىچاق،

قالارمەنمۇ ئوخشاپ ئەخلەت-چاۋارغا.


باشلىق بولۇپ قالسام مەنمۇ ناۋادا،

سورارمەنمۇ يۇرتنى شەرمى-ھايادا.

چاپارمەنمۇ ياكى ئابروي قوغلۇشۇپ،

قۇلاق سالماي ئەلدىن چىققان ساداغا.


باشلىق بولۇپ قالسام مەنمۇ ناۋادا،

چۈشەرمەنمۇ ئۇسسۇل ئويناپ ساماغا.

مەي-شاراپتا بۇلغاپ ئەقلى-ھوشۇمنى،

چىقالمايمۇ يۈرەرمەنمۇ تالاغا.


باشلىق بولۇپ قالسام مەنمۇ ناۋادا،

تۇتۇلارمەن چەكسىز جەۋرى-جاپاغا.

ئەمما قىلچە پېسەنت قىلىپ كەتمەيمەن،

خەقلەر رەنجىپ قىلغان تەنە-تاپاغا.


باشلىق بولۇپ قالسام مەنمۇ ناۋادا،

ئاھىم يېتىپ بىر كۈن ئۇلۇغ خۇداغا.

ئۆزگىچىلا بېجىرىمەن ئىشلارنى،

ھېچبىر قۇلاق سالماي سۈلھى-سالاغا.


باشلىق بولۇپ قالسام مەنمۇ ناۋادا،

ئولتۇرىمەن يۇمشاق لۆم-لۆم سافادا.

تىزلىنىدۇ شۇ چاغ چوقۇم ئالدىمدا،

ھاجەتمەنلەر ئوخشاپ گويا چاكارغا.


باشلىق بولۇپ قالسام مەنمۇ ناۋادا،

يولۇقىمەن كۈندە مىڭ خىل داۋاغا.

سورىمايمەن ھېچبىرىنى بەدەلسىز،

(ئاپتاپقىمۇ چىقماس مۈشۈك بىكارغا).


باشلىق بولۇپ قالسام مەنمۇ ناۋادا،

كۆمۈلىمەن كۈندە ھەمدۇ-ساناغا.

ساقلاش ئۈچۈن مەنسىپىمنى بىر ئۆمۈر،

ئەگىشىمەن تاڭ شامىلى-ساباغا.


باشلىق بولۇپ قالسام مەنمۇ ناۋادا،

قوشۇلىمەن بۈيۈك سەپكە-قاتارغا.

شۇچاغ كىملەر مەپتۇن بولۇپ، كىم-كىملەر...

قاچاركىن-تاڭ  يولۇققاندەك ۋاباغا؟


باشلىق بولۇپ قالسام مەنمۇ ناۋادا،

كۆزۇم چۈشەر چوقۇم قەددى زىباغا.

داپقا چۈشكەن ماياقلاردەك سەكرىتىپ،

كۆندۇرىمەن پەرىلەرنى ھاباغا.


باشلىق بولۇپ قالسام مەنمۇ ناۋادا،

ئۆمرۈمدە بىر تويارمەنمۇ غىزاغا.

خۇشامەتنىڭ تامىقىدا ئاچ قارنىم،

يېرىلىپلا ئۆلەرمەنمۇ ئىزاغا.


باشلىق بولۇپ قالسام مەنمۇ ناۋادا،

قەددىم ئوخشار گويا بۈيۈك چىنارغا.

ئوڭدىن كېلىپ شۇچاغ ھەممە ئامىتىم،

ئۆيۈم تولۇر ئالتۇن-كۈمۈش، دىنارغا.


باشلىق بولۇپ قالسام مەنمۇ ناۋادا،

چېھرىم چۆمەر پارلاق نۇرغا-زىياغا.

توققۇزۇم تەل بولۇپ ھەتتا ھېچكىمگە،

ھاجىتىممۇ چۈشمەس بىرتال گىياھغا.


باشلىق بولۇپ قالسام مەنمۇ ناۋادا،

يولۇقمىسام دەيمەن ھېچبىر بالاغا.

كورنى كۆرسەم قىساي شۇڭا ھەممە ۋاق،

ئوخشىتىپراق  كۆزلىرىمنى  ئەماغا.


باشلىق بولۇپ قالسام مەنمۇ ناۋادا،

ئەسلا يېقىن يولىمايمەن گۇناھغا.

چۈنكى نۇرغۇن ساۋىقىم بار، يىقىلدى-

يېقىن كېلىپ قالسا كىم، تىك قىياغا.


باشلىق بولۇپ قالسام مەنمۇ ناۋادا،

تارتىلمايمەن ھېچبىر سوراق-جازاغا.

چۈنكى تولۇق ئەمەل قىلماي قالمايمەن،

چوڭلىرىمغا بەرگەن ۋەدە-ۋاپاغا.


باشلىق بولۇپ قالسام مەنمۇ ناۋادا،

يۈز تاپىمەن بۇ ماكاندا-بازاردا.

ئارمىنىم يوق ياشىۋالسام يەپ-ئىچىپ،

بۇ ئالەمدىن كەتكۈچىلىك مازارغا.


1996-يىل 13-سىنتەبىر


(  مەنبە:ئەركزات نەزمىلىرىدىن  )


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
古丽仙
تىللا
2055
تۆھپە
734
UID
7115

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-2 20:25:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىچىىككىنە خوجايىن بولۇپ قالسام ئەگەردە
......................................................
........................................................

مىنىڭ ئارزۇيۇم، ئادىل - ئىنساپ بىلەن تىجارەت قىلىدىغان كىچىك خوجايىن   بولۇش،  شۇ كۈنلەرگىمۇ ئاز قالدى،ھى-ھى-ھى            


Rank: 6Rank: 6

تىللا
1538
تۆھپە
353
UID
20124
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-2 21:04:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
diし__SiЯi يوللىغان ۋاقتى  2012-9-2 20:25
كىچىىككىنە خوجايىن بولۇپ قالسام ئەگەردە
......................... ...

ئاللاھ خالىسا چۇقۇم  ياخشى خۇجايىن بۇلالايسىز،
ماۋۇ شئىرمۇ  ناھيىتى ياخشى يېزلىپتۇ،نەچچە قېتىم ئۇقۇپ كەتتىم.مىنىڭ پەقەت باشلىق بوغۇم يوق،


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
古丽仙
تىللا
2055
تۆھپە
734
UID
7115

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-2 21:05:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
rastqi يوللىغان ۋاقتى  2012-9-2 21:04
ئاللاھ خالىسا چۇقۇم  ياخشى خۇجايىن بۇلالايسىز،
ماۋۇ ش ...

خاتىرجەم كۆڭلى توق بولسا  ھەممىدىن ئەۋزەل،


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئىگىلمەس
تىللا
1021
تۆھپە
539
UID
1236
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-2 22:11:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


          مەن كۆرگەن مەن سۆزلەشكە تېگىشلىك ساتېرا ئىدى
    مانا ئەركزات دەل جايىدا كۆڭىلدىكىدەك يىزىپ چىقىپتۇ         
         
         
         
        


Rank: 1

تىللا
30
تۆھپە
6
UID
25952
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-3 00:03:42يانفوندا يوللانغان|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك پەيزى...^_-


Rank: 1

تىللا
30
تۆھپە
6
UID
25952
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-3 00:20:10يانفوندا يوللانغان|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك پەيزى...^_-


Rank: 2

ئىسىمى
ئۆل
تىللا
37
تۆھپە
21
UID
22408
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-3 01:00:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەق توغرا سۆزلىگەنلەر ھەرگىز باشلىق بۇلالمايدۇ.


Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
ئابلىكىم يۈسۈپ
تىللا
265
تۆھپە
43
UID
12800
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-3 12:41:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ناھايىتى ياخشى يېزىلىپتۇ,ھازىرقى زاماندىكى بىر قىسىم باشلىقلارنىڭ قىلمىشلىرى تۇلۇق يېزىلىپتۇ,رەخمەت سىزگە.


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەلبىنۇر
تىللا
1886
تۆھپە
1571
UID
2498
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-3 19:10:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشلىق بولۇپ قالسام مەنمۇ ناۋادا،

كۆزۇم چۈشەر چوقۇم قەددى زىباغا.

داپقا چۈشكەن ماياقلاردەك سەكرىتىپ،

كۆندۇرىمەن پەرىلەرنى ھاباغا.

بۇ  نەق ھازىرقى دەۋىرنىڭ ئۆزىغۇ....


قەدىرلىكىم قەدىرلىگىن ،قەدىرىڭنى قىلغان قەدىردانلارنى،
قەدىرلىكىم قەدىرلىمە، قەدىرىڭنى قىلمىغان قەدىرسىزلەرنى!!!
                       
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-23 06:58, Processed in 0.086855 second(s), 27 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991