- تىزىملاتقان
- 2015-2-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-31
- ھوقۇقى
- 20
- جۇغلانما
- 81
- نادىر
- 0
- يازما
- 5

- تۆھپە
- 9
- مۇنبەر پۇلى
- 69
- ئىشەنىچ
- 9
| مۇھىم ۋەزىپە ئۇچۇر دەۋىرىنىڭ تەرەققى قىلشغا ئەگىشىپ ئالاقە ئىشلىرى كۈندىن كۈنگە تەرەققى قىلىپ كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئھتىياجىنى تۇلۇق قاندۇرغان بولسىمۇ، ئەمما يەنە بەزى ئىشلار ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلانمىساق بولمايدىغان ھالەتكە يەتتى، بۈگۈن ئەتىگەندە ئىشقا چۈشۈپلا باشلىقنىڭ تىل دەشنامىنى ئاڭلاپ كۈڭلۈم بەكلا يىرىم بولدى، بىر كۈنلۈك خىزمەت يەنىلا مەنىسىز ھەم ئوڭۇشلۇق بولمايۋاتاتتى، نىمە قىلاي، ئۇچۇر يېزىپ تورغا ئىلان قىلدۇرۇپ ئاممىغا كىچىككىنە بولسىمۇ پايدا يەتكۈزۈپ بېرەلىگەن بولسام مەنمۇ بىر كۈنلۈك خىزمىتىمنى ئىنتايىن ئەستايىدىل قىلىۋالار ئىدىم دە، كۆڭلۈم ئازادىچىلىككە تولاتتى. «قاپاق پۇل ئەمەس باراڭ» دىگەندەك كەسپى خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىققۇدەك ۋاقىت تاپالمايۋاتساق، تورغا كەسىپ توغرىسىدا ئۇچۇر يازىسەن دەپ بۇيرۇق بولغاچقا، ئاشۇ بېسىم ئاستىدا بىر نەچچە ھەتتا ئون نەچچە پارچە ماقالە يېزىپمۇ تورنىڭ باش بېتىگە چىقىرالمايۋاتقان مەننى باشلىق تىللىماي كىممۇ تىللىسۇن. يېزىقچىلىقتىن ئىقتىدارى بارلار يازسا شۇلارغا تاشلاپ بىرىپ، بىز كەسپى خىزمەتنىڭ ھۆددسىدىن چىقساق بولماسمىدى دەپ ئۈزۈمگە شۇنداق تەسەللى بېرىپ مۇشۇ ئۇچۇر دۇنياسىدىكى دوستلارغا مۇراجىئەت قىلدىم، مۇراجەتنامەم قۇبۇل بولمىدى بولغاي، قانۇن ماددىلىرىنى يوللىسام كۈچۈرمىچى دىگەن ئاتاققا قالدىم، بوپتىلا قانۇن ھەممە يەردە ئوخشاش بولغاندىكىن نىمە بوپتۇ، دەپ ئۈزۈمچە بۇ مۇھىم ۋەزىپىنىڭ ھۆدىسىدىن چىقىش ئۈچۈن مۇشۇ «تەڭرىتاغ مۇنبىرى»نى تاللىۋالدىم. تورداشلارنىڭ مىنى سەمىمىيلىك بىلەن كەچۈرۋىتىشىنى ئۈمۈت قىلمەن، مۇشۇ ئۇچۇرلارغا بولغان قاقشاشلىرىم يالغان، مانا مەنمۇ ئەزا بۇلۇپ كۈنۈپ قالدىم، يىڭى ئۇچۇرلاردىن خەۋەر تېپىپ خېلى بىلىمگە ئىگە بۇلۇپ قالدىم.
قەشقەر يىڭشەھەر سوتتىن ياسىنجان ئابلا
|
|