كۆرۈش: 31144|ئىنكاس: 14

دولان شىركىتى ئاڭلاڭ! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئەيسا بەگ
تىللا
652
تۆھپە
240
UID
4779
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-25 00:55:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

دولان شىركىتى ئاڭلاڭ!



    بۈگۈن ناھىيە بازىرىنىڭ ئاۋات دوقمۇشىغا جايلاشقان ئۈن- سىن  دۇكىنىدا  ئا.ئابلىز ئېتوت كېچىلىكىنىڭ2012-يىللىق دېسكىسىنى 5يۈەن ساتقانلىقىنى كۆردۈم.مەن خوجايىن بالىدىن نەچچە ئېتوت بار دەپ سورىسام مەنىلىك كۈلۈپ تۇرۇپ  بىر ئېتوت ،ئىككى ناخشا بار ،بىردىن كېلىدىغان ئوخشايدۇدېدى، مەنىلىك كۈلۈپ تۇرۇپ،نېمە دېيىشنى بىلەلمەي  كۆڭلۈم بىر قىسمىلا بولۇپ چىقىپ كەتتىم چۈنكى مەن راست سېتىلغانمىدۇ دەپ قەستەن كىرگەن ئىدىم،ئا.ئابلىز قايسى كۈنى سۆھبەت جەريانىدا  مەن ساختىسىنىڭ بازارغا چىقىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن دېگەندەك قىلغانئىدى،راسىت بۈگۈن ئىسپاتلىنىپتۇ،دولان شىركىتى ھەريىلى نۇرغۇن چىقىم چىقىرىپ ۋە جاپا تارتىپ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەنىۋىي تۇرمۇشىنى بېيىتىش ئۈچۈن  ئاز بولسىمۇ تۆھپە قوشۇپ كېلىۋاتىسىلەر(بولۇپمۇ ئا.ئابلىز ئىتوت كېچىلىكىنى ياخشى تەشكىللەپ ۋە ئۇرۇنلاشتۇرۇپ)
     مەيلى قانداق قىلىمىز ئىتوتنى دولان شىركىتى بازارغا سالسا مېنىڭ نېمىشقا ئاچچىقىم كېلەتتى،زىيان بولسا شۇ شىركەتكە ئىكەنغۇ دەپ چالا ئويلاپ  ئۆيگە چىقسام مېنىڭ ئاكام،ئايلىقى كەڭ بەلباغلىق تور ئورنىتىپ توردىن ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارنى كۈرۈپ تۇرىدىغان مۇشۇ ئېتوتنى توردا كۆرۈپ بولغان پېقىرنىڭ ئاكىسى بەش يۈەنگە بىر ئېتوت قاچىلانغان دېسكىنى ئېلىپ چىقىپتۇ،ئاچچىقىم بەك كەلدى،تولۇق ئوتتۇرا مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە ئادەم بىر ئېتوتنى بەش يۈەنگە ئېلىپ كۆرسە باشقا مەدەنىيەت سەۋىيىسى ئۇنىڭدىن تۈۋەن كىشىلەر يەنە قانچىلىك سېتىۋالماقچى،مەن يۇرتتىكى بۇ كىشىلەرنىڭ ئا.ئابلىز نىڭ يېڭى ئىتوتلىرىنى قىزىقىپ كۆرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن،چوقۇم شۇنداق بولىدۇ،نۇرغۇن كىشى ئەتىدىن باشلاپ ئالدىنىدۇ،بەش يۈەنگە بىر ئىتوت سېتىۋالغانلىقىنى دېسكىنى سېتىۋېلىپ ئۆيىگە بېرىپ ،ئىككىنچى ئىتوت قويۇلمىغاندا ياكى چىقمىغاندا ئاندىن بىلىدۇ...
ئويلاپ قالدىم ،دولان شىركىتى نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئالدىنىشىغا (ئىقتىسادى جەھەتتىن زىيان تارتىشىغا)سەۋەبچىمۇ قانداق؟نېمە ئۈچۈن بازارغا چىقارغاندىكىن  ياكى تورغا چىقارغاندىكىن تولۇق چىقارمايدۇ(بەلكىم ھايانكەشلەر چىقارغاندۇ)؟دولان شىركىتىدىكىلەر بۇ ئاز ساندىكى بىر قىسىم  ئادەملەرنىڭ (ئۈن -سىن ھايانكەشلىرىنىڭ ) چىرايلىق قىلىقىنى بىلمەمدىغاندۇ؟؟ئۆز ئادەملىرىمىز( ئۈن -سىن ھايانكەشلىرى )ئۆز ئادەملىرىمىزنى مۇشۇنداق ئالدىسا بولامدۇ؟ئۇيغۇرلار يەنە ئۆز ئادەملىرى تەرىپىدىن تاكى مۇشۇ ئېتوت  تولۇق ئاشكارىلىنىپ بازارغا سېلىنغىچە قانچىلىك ئادەملەر(ئۇيغۇرلار) ئالدىنار(ياكى ئىقتىسادى جەھەتتىن زىيانغا ئۇچرار)؟
دۇنيا ئىبرەت بىلەن تولغان،شۇنىڭدەك ئىبرەت ئالمىغۇچىلارنىڭ كۆز-ياشلىرى بىلەنمۇ تولغان!.    ‹‹داغ››دىن

......ھايۋاننى چۈشىنىش ئۈچۈن كۆپ ۋاقت كەتمەيدۇ ، ئادەمنى چۈشىنىش ئۈچۈن بىر ئۆمۈر يەتمەيدۇ .....
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
تۇرغان ئۆمەر
تىللا
852
تۆھپە
349
UID
3999
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-26 01:03:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشىمۇ سىز؟ ماقالىڭىزنى تەپسىلى ئوقۇمىغان بولساممۇ،ئەمما تىمىسىنى كۆرۈپلا ماقالا مەزمۇنىنى چۈشۈنۈپ بولدۈم، دىمىسىمۇ ھازىرقى بازار ئىگىلىكى دەۋرىدە بىر يىڭى مەسۇلات بازارغا سىلىنىشى بىلەن تەڭ ئۇ مەسۇلاتنىڭ ساختىسىمۇ  بازاردا پايدا بولىدىغان بولۇپ قالدى،ئاتاقلىق ئىتىوتچىمىز ئابدۇكېرىم ئابلىزنىڭ 2012-يىللىق ئىتوت كىچىلىكىنىڭ پىلاستىنكىسى بازارغا سىلىنمىغان بولسىمۇ ساختىسى بالدۇر بازار تىپىپتۇ، مەنچە كوچىلاردا،بۇلۇڭ پۇشقاقلاردا ئوغۇرلۇقچە  ساختا پىلاستىنكا سىتىپ جان بىقىۋاتقانلاردىن ساختا پىلاستىنكا سىتىۋالمىساق ياكى ئۇلارغا ئاز-تولا پۇل بەرسەك ۋە ياكى جان باققۇدەك ئىش بەرسەك ساختا پىلاستىنكا بازارغا چىقماس بولغىيتى،مەنچە.

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ياسىنجان
تىللا
444
تۆھپە
229
UID
24291
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-26 01:44:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاراڭغۇ بازارلارنى باشقۇرىدىغان ئورۇن بار بولغىيتى..مۇشۇنداق ساختا مەھسۇلاتلارنىڭ بازار تېپىشىنىڭ ئالدىنى ئالسا بولمامدىغاندۇ

Rank: 4

تىللا
353
تۆھپە
180
UID
5867
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-26 02:12:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
amatlik~yigit يوللىغان ۋاقتى  2012-8-26 01:44
قاراڭغۇ بازارلارنى باشقۇرىدىغان ئورۇن بار بولغىيتى..م ...

شۇ  قاراڭغۇ بازارلارنى باشقۇرىدىغان ئورۇن  بىرىنجى بوپ ساختا پىلاستىنكىنى ئۆزلىرى كۆرەمىكى دەيمەن .  

Rank: 1

تىللا
10
تۆھپە
3
UID
21981
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-26 02:19:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇلارنىڭ ھەممىسىگە  مەدىنيەت ئىدارىسى سەۋەپچى ، ئۇلار نىمە ئۈچۈن   مۇشۇنداق ياخشى  مىديا شىركەتلىرىنىڭ قانۇنى ھوقۇق مەنپەتىنى قوغدىمايدۇ ؟ نىمە ئۈچۈن قانۇنسىز نەشىر پىلاستىنكىسىنى ساتقانلار   قانۇننىڭ زەربە بىرشىگە ئۇچىرىمايدۇ ؟
  ئوغۇرلۇقچە ساختا پىلاستىنكا سېتىپ جان باققانلار ۋەئۇلاردىن پىلاستىنكا سېتىۋالغانلارمۇ    ئېنىقلا  خەخنىڭ ھەققىنى يىگەن بۇلىدۇ ،ئۇلار ھارامدىن قورقمغىغاچقىلا   ئەرزان -بىكالىق نەرسىگە باشچىلاپ دۇم چۇشۇىغان خەلىقنىڭ پىسخىكىسىن پايدىلىنىپ مۇشۇنداق ئالدامچىلىق ھۈنۈرىنى ئىشقا سالدى .

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
6654
تۆھپە
3361
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-26 09:36:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناۋادا بۇ ئەھۋالات ئابدۇلكەرىم ئابدۇلئەزىزنىڭ كېيىنكى قېتىملىق ئېتوتىغا ماتېرىيال تەييارلاش يۈزىسىدىن ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ قالسىچۇ؟
كۈلكە بولسا كۈلگۈلۈك يا قاپاقنى تۈرگۈلۈك،
كۆرگۈلۈكنى كۆرگۈلۈك يا بۇ ئەركمان ئۆلگۈلۈك.

Rank: 4

ئىسىمى
ئاللاھ بىر
تىللا
337
تۆھپە
98
UID
20965
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-26 14:31:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىتىۋالغىنىم ساختىسى ئىكەن دە .............؛

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ياسىنجان
تىللا
444
تۆھپە
229
UID
24291
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-26 14:38:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Erkman يوللىغان ۋاقتى  2012-8-26 09:36
ناۋادا بۇ ئەھۋالات ئابدۇلكەرىم ئابدۇلئەزىزنىڭ كېيىنك ...

بۇنداق بولىشى مۇمكىن ئەمەس...چۈنكى مەن ئاخشاملا بۇ ئەھۋاللارنى دىگەن....بۇ ئىشلاردىن ئابدۇكېرەم ئابلىز(ئاكام)نىڭمۇ خەۋرى باركەن..شۇڭا ماتىرىيال توپلىشى ناتايىن

Rank: 3Rank: 3

تىللا
213
تۆھپە
43
UID
3988
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-26 17:40:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق دىگەن بىلەن قانچىمىزنىڭ  كومپىيۇتېرىدا ھەقىقىي نەشىردىكى سېستىما بار.مىنىڭچە بۇنىڭدىكى سەۋەپنى يالغۇز لىنتا ساتقۇچىلاردىلا قويۇشقىمۇ بولمايدۇ،ئەڭ مۇھىمى ئىستىمالچى،چۈنكى ئۇلار ساختا نەرسىنى سىزگە زورلاپ ساتمايدۇ دە.

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئۇبۇل ھەسەن
تىللا
629
تۆھپە
151
UID
2851
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-27 18:32:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساختا نەرسىنى زورلاپ تاڭمىغاندىن كىيىن كۆرمىسەڭلار بولمىدىمۇ ؟
مۇشۇ نامرەتچىلىقتا بۇنداق ئىشلاردىن رەنجىپ يۈرۈشنىڭ نىمە ھاجىتى !!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-4 05:06, Processed in 0.079960 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991