كۆرۈش: 64617|ئىنكاس: 45

ھىندىستاننىڭ ئاتاقلىق چولپىنى ـــ ئامرىش پۇرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئىسىمى
توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي
تىللا
1567
تۆھپە
790
UID
26

تۆھپىكار

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 16:32:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ھىندىستاننىڭ ئاتاقلىق چولپىنى ـــ ئامرىش پۇرى



توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي




Amrish_Puri-2.jpg



    مەلۇمكى، ھىندىستان ئۆزىنىڭ رەڭگاراڭ مەدەنىيەت-سەنئىتى، ئۆرپ-ئادەتلىرى بىلەن مەشھۇر بولۇپلا قالماي،  كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان كىنوفىلىملىرى بىلەنمۇ مەشھۇردۇر. ھىندىستان فىلىملىرى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن مەدەنىيەت ئامىللىرىنىڭ كۆپلۈكى بىلەن دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر كۆرۈرمەنلىرىنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغاپ كەلمەكتە. بىز كۆرگەن ھىندىستان فىلىملىرىگە دىققىتىمىزنى ئاغدۇرىدىغان بولساق، ئامىتاب باچچان، شاھرۇھخان قاتارلىقلار ۋەكىللىكىدىكى بىر قاتار كىنو چولپانلىرى بىلەن بىر قاتاردا يەنە بىر چولپان، بىر سەلىبىي ئوبراز دىققىتىمىزنى ئالاھىدە تارتىدۇ. ئۇ بولسىمۇ ھىندىستان كىنوچىلىقىغا مۇناسىپ تۆھپە قوشقان داڭلىق ئارتىس، كىنو سەنئەتكارى، سەلىبىي ئوبرازلارنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنلاپ دۇنيا كۆرۈرمەنلەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان كاتتا چولپان ئامرىش پۇرى بولىدۇ.
    ئامرىش پۇرى 1932-يىلى 6-ئاينىڭ 22-كۈنى تۇغۇلغان. ئۇ سىملا ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئاكىسىنىڭ قېشىغا پاناھلىق تارتىپ بارىدۇ، يەنە بوللىۋود ئىشلىمەكچى بولغان بىر فىلىمدە رول ئالماقچى بولىدۇ، بىراق ئۇ فىلىمنى تۇنجى قېتىم سىناق قىلىشتىلا مەغلۇب بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئامالسىز ئەمگەك ئىدارىسى ئارقىلىق بىر تىياتىرخانىدا ئارتىسلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئۇزاق ئۆتمەيلا ئۇ سەھنىدە خېلى ئۇتۇق قازىنىدۇ. نام قازىنىشقا ئەگىشىپ، ئۇ بىر قىسىم تېلېۋىزىيە ئېلانلىرىدا رول ئالىدۇ ھەمدە جاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق ئاخىرى ئۆزىنىڭ شانلىق كىنوچىلىق ھاياتىنى باشلايدۇ.

AMRISH PURI-1.jpg



    ئامرىش پۇرى 1971-يىلى بوللىۋودتا ئىشلەنگەن فىلىمدە تۇنجى قېتىم رول ئالىدۇ. ئۇ 1978-يىلى ئىشلەنگەن، ئانىل كاپور بىلەن سرىدېۋى پاللاۋى باش رول ئالغان ‹‹ھىندىستانلىق ئەپەندى›› ناملىق فىلىمدە ‹‹مۇگامبو››دىن ئىبارەت سەلىبىي شەخسنىڭ ئوبرازىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ يارىتىپ كۆرۈرمەنلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن. بۇ فىلىم شىمالىي ھىندىستان كىنوچىلىقىدىكى ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن فىلىملەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. ئۇ يەنە 1980-يىللاردا ئىشلەنگەن، ئاتاقلىق كىنو چولپانلىرىدىن ئامىتاب باچچان باش رول، مىتھۇن چاكرابورتى يانداش رول ئالغان ‹‹قانلىق قىساس›› ناملىق فىلىمدە گەنگانىڭ قورو-جايلىرىنى تارتىۋېلىپ زورلۇق-زۇمبۇلۇق قىلىدىغان تولىمۇ ياۋۇز، جازانىخور ھەسەن بەگنىڭ ئوبرازىنى يارىتىدۇ. مېنىڭچە، بۇ ھەسەن بەگ ئوبرازى ئۇيغۇر كۆرۈرمەنلىرىگە ئەڭ تەسىر قىلغان ئوبراز بولسا كېرەك. داڭلىق چولپان سۇنى دېئول باش رول ئالغان ‹‹تۈرمىدىكى غەزەپ ئوتى››ناملىق زەھەر ئەتكەسچىسى پاراۋىننىڭ رولىنى ئالىدۇ. بۇ فىلىممۇ ئۇيغۇر كۆرۈرمەنلەر ئەڭ ياقتۇرۇپ كۆرگەن فىلىملەرنىڭ بىرى. ئۇ يەنە 1996-يىلى ئىشلەنگەن، داڭلىق كىنو چولپىنى ئاجەي دېۋگەن بىلەن سونالى بەدرو باش رول ئالغان ‹‹ئوت يۈرەك›› ناملىق فىلىمدە ‹‹شاكا›› قاتارلىق قاراقچىلارنىڭ كاتتىبېشى ‹‹دارا››نىڭ رولىنى ئالىدۇ. شاھرۇھخان باش رولغان فىلىم ‹‹يالقۇنلۇق قىساس››تا جازانىخور، باسقۇنچى كۆمۈر كان خوجايىنىنىڭ ئوبرازىنى يارىتىدۇ. بۇ فىلىم ھىندىستان مىقىياسىدا قويۇلغاندىن كېيىن ناھايىتى زور تەسىر قوزغاپ، ھىندىستان-پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى پەسەيتىشتە مۇئەييەن رول ئوينىغان ھەمدە ئۇيغۇر كۆرۈرمەنلىرىنىڭمۇ ياقتۇرۇپ كۆرۈشىگە سازاۋەر بولغان.
    ئامرىش پۇرى مۇشۇ تەرىقىدە ھىندىستاننىڭ داڭلىق كىنو چولپانلىرىدىن ئامىتاب باچچان، شاھرۇھخان، ئاجەي دېۋگان، سالمانخان، ئامىرخان، سۇنى دېئول، سانجاي دۇت، ھېرتىك روشەن، ئاكشاي كۇمار، ئانىل كاپور، مىتھون چاكرابورتى قاتارلىق تالايلىغان چولپانلار رول ئالغان نۇرغۇن فىلىملىرىدە قورال-ياراغ ئەتكەسچىسى، زەھەر ساتقۇچى، خىيانەتچى، پارىخور، قارا جەمئىيەتنىڭ كاتتىبېشى، ئاجىزلارنى بوزەك قىلغۇچى، ئالدامچى، باسقۇنچى، زالىم، قانخور، زومىگەر قاتارلىق  كىشى نەپرەتلىنىدىغان پېرسۇناژلارنىڭ ئوبرازىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنلاپ، شۇ فىلىمنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ئۈچۈن زور ھەسسە قوشقان. ئۇ رول ئالغان فىلىملەرگە نەزەر سالىدىغان بولساق، ئۇ خىلمۇ-خىل يامان ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ياخشى كىشىلەرنىڭ، ئاجىزلارنىڭ ئىشلىرىغا پۇتلىكاشاڭ بولىدۇ، ئۇلارنىڭ خۇشاللىقلىرىنى كۆرۈشنى خالىمايدۇ، ئۇلارنىڭ زار-زار يىغلىنىنى، ئالدىدا تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ يالۋۇرغىنىنى كۆرسە، خۇشاللىقىدىن قاقاقلاپ كۈلىدۇ، يايراپ كېتىدۇ. ئۇ ئەمەلدارلارنى پۇل بىلەن سېتىۋالىدۇ ھەم بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ رەزىل مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولىدۇ. ئاقىۋەتتە فىلىمنىڭ باش قەھرىمانى تەرىپىدىن شەرمەندىلەرچە مەغلۇب بولىدۇ.

AMRISH-6.jpg



    ئامرىش پۇرى مۇتلەق كۆپ فىلىمدە سەلىبىي ئوبرازلارنى ياراتقان بولسىمۇ، ئۇ يەنە خېلى كۆپ فىلىملەردە ئىجابىي ئوبرازلارنىمۇ ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنلىغان. ئۇ داڭلىق كىنو چولپىنى ئاجەي دېۋگەن تۇنجى باش رول ئالغان، 1991-يىلى ئىشلەنگەن ‹‹گۈل ۋە تىكەن›› ناملىق فىلىمدە، قارا جەمئىيەتنىڭ كاتتىبېشىنىڭ، فىلىمدىكى باش پېرسۇناژ ۋىجىنىڭ دادىسىنىڭ ئوبرازىنى يارىتىدۇ. ئاجەي دېۋگەن بىلەن رېۋىنا تەندان باش رول ئالغان، 1996-ئىشلەنگەن ‹‹قارا نىيەت›› ناملىق فىلىمدە، تولىمۇ مېھرىبان دادا، ئادىل تىجارەتچى سۈپىتىدە نامايان بولىدۇ. ئۇ يەنە ‹‹قىزىل يوپۇرماق››، ‹‹بۇنداق ئىشلار بولۇپ تۇرىدۇ›› قاتارلىق كۆپلىگەن فىلىملەردە تۈرلۈك ناملاردىكى ئىجابىي روللارنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنلايدۇ.
    ئامرىش پۇرى پۈتۈن ئۆمرىدە جەمئىي 254 فىلىمدە رول ئالغان بولۇپ، بوللىۋود ئىشلىگەن فىلىملەردە رەسمىي رول ئېلىشقا باشلىغاندا، ئاللىقاچان 40 ياشقا يېقىنلىشىپ قالىدۇ. لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ تەبىئىي ئوبرازى، رول ئېلىشتىكى ئالاھىدە تالانتى بىلەن بوللىۋود تارىخىدا سەلىبىي شەخسلەرنىڭ ئوبرازىنى يارىتىشتىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر چولپانغا ئايلىنىدۇ.
    ئۆزىنىڭ 30 نەچچە يىللىق يۈرەك قېنىنى ھىندىستاننىڭ كىنوچىلىق ئىشلىرىغا بېغىشلىغان بۇ كاتتا چولپان ـــ ئامرىش پۇرى 2005-يىلى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى مېڭىدە قان توختاپ قېلىش كېسىلى بىلەن 72 يېشىدا ۋاپات بولغان. ئۇ ۋاپاتىدىن بىر ھەپتە بۇرۇن بىر قېتىم تاشقى كېسەللىكلەر ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرغان. ئۇنىڭ ۋاپاتى ھىندىستاننىڭ كىنوچىلىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدىكى بىر يوقىتىش ھېسابلىنىدۇ، ئەلۋەتتە. ئۇ گەرچە ئارىمىزدىن كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ياراتقان تالايلىغان ئوبرازلار مىليونلىغان كىنو مەستانىلىرىنىڭ قەلبىدە ئەبەدىي ياشايدۇ.

    ئەسكەرتىش: بۇ تېمىنىڭ ئشلىتىش ھوقۇقى ئاپتورغا ۋە تەڭرىتاغ تورىغىلا تەۋە. ئاپتورنىڭ ئىجازىتىنى ئالماي تۇرۇپ، ھەرقانداق تور بېكەت، رادىيو ئىستانسىسىلىرى، گېزىت-ژۇرناللارنىڭ ئىشلىتىشى بىردەك مەنئىي قىلىنىدۇ. خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.


    تۆۋەندە ئۇنىڭ بىر قىسىم سۈرەتلىرى:



amrish-10.jpg

amrish-11.jpg

AMRISH-8.jpg

AMRISH-9.jpg

AMRISH-4.jpg

AMRISH-5.jpg


AMRISH-7.jpg





توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 1

تىللا
51
تۆھپە
16
UID
23707
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 16:41:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹ھىندىستانلىق ئەپەندى›› ناملىق فىلىمدە ‹‹مۇگامبو››دىن ئامرىش پۇرى نىڭ شۇ كىشى ئىكەنلكىنى بىلدىم رەخمەت سىزگە. ئىنكاس يازماي دىسەم قارىسام ئەڭ بالدۇر كورگەندك قىلىمەن.
.


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەلبىنۇر
تىللا
1886
تۆھپە
1571
UID
2498
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 17:28:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ ئادەمنىڭ چىرايىنى كۆرسەملا  قورقىمەن ،،بەك  ،،،،،،،،،،،،،


قەدىرلىكىم قەدىرلىگىن ،قەدىرىڭنى قىلغان قەدىردانلارنى،
قەدىرلىكىم قەدىرلىمە، قەدىرىڭنى قىلمىغان قەدىرسىزلەرنى!!!
                       

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەشقەر ئوغلى
تىللا
2222
تۆھپە
1647
UID
354
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 19:05:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ كىشى ھىندىستان كىنوچىلىقىنى يۇقىرى بالداققا كۆتۈرگەن، ئۇنىڭ ئورۇنلىغان سەلبى ئوبرازى كىنونى كۆرۈشچانلىققا ئىگە قىلىدۇ


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
古丽仙
تىللا
2055
تۆھپە
734
UID
7115

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 19:24:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ كۆرۈپتىكەنمەن، ھىندىستانلىق ئەپەندى،ئوت يۈرەك دىگەن كىنوسىنى


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەد ئەلتۇغ
تىللا
1064
تۆھپە
371
UID
75

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 20:20:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    بۇ كىشى ئۇيغۇر تاماشىبىنلارغا ئىنتايىن تونۇشلۇق بولغان داڭلىق ئارتىسىت. خۇددى بۇ ئادەم چىقمىغان كېنو قىزىمايدىغاندەكلا بىلىنىدۇ. قىزىق يېرى، بۇ ئادەمنى كۆرسەملا ئالغان ئىجابىي روللىرىدىنمۇ بۇ ئادەمنىڭ ئوبدان ئادەم ئىكەنلىكىدىن گۇمانلىنىمەن...بۇ نۇرغۇن كۆرۈرمەنلەر قەلبىدىكى ئورتاق بىر تۇيغۇ بولسا كېرەك.
  بىر چاغدا ‹‹رەنانىڭ تويى›› فېلىمىدە لۈكچەك شۆھرەتنىڭ رولىنى تازا ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئالغان فېردەۋىس ئەزىزى ھاجىمنى  مەن خېلى يىللارغىچە ياقتۇرمايتتىم.كۆز ئالدىمدا بىر لۈكچەك قىياپىتىدە نامايەن بولاتتى. يەكەندىكى بىر قانچە قېتىملىق ئولتۇرۇش-قوپۇشلاردا فېردەۋىس ئەزىزى ھاجىم بىلەن پاراڭلىشىپ ئۇنىڭ تولىمۇ پەزىلەتلىك، كۆپنى كۆرگەن، بىلىملىك، كەمتەر ۋە ئېغىر-بېسىق بىر زات ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم.
   نىدائىي ئەپەندىمنىڭ قەلەم قۇۋۋىتى ھەقىقەتەن كۈچلۈككەن.  ماۋۇ  ماقالە بەك ئوبدان تەييارلىنىپتۇ. قۇرۇلمىسمىۇ پۇختا، باش تېمىسى ئېنىق، پاكىتلىق يېزىلىپتۇ.
   تەكلىپىم:ئامرىش پۇرىنىڭمۇھەببەت، نىكاھ ۋە  شەخسىي تۇرمۇش كەچۈرمىشلىرى ۋە مېجەز-خاراكتېرى ھەققىدىكى مەزمۇنلارنى يەنىمۇ تولۇقلاپ ‹‹شىنجاڭ سەنئىتى›› ياكى ‹‹تەڭرىتاغ ئىكرانى›› ژۇرنىلىغا بەرسىڭىز بوپتىكەن. نۇرغۇن ئوقۇرمەنلەر ۋە تاماشىبىنلار بۇ ئارتىسىت بىلەن تونۇشۇپ چىققانلىقى ئۈچۈن سىزدىن چوقۇم سۆيۈنمەي قالمايدۇ.


Rank: 4

ئىسىمى
تۇرغۇنجان
تىللا
332
تۆھپە
128
UID
16645
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 20:56:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئادەم سەلبى روللارغا كۆپ چىقىۋەتكەنلىكتىن مۇنبىرىمىز ئەزالىرىمۇ بۇ ئادەمنىڭ سۈرىتىنى كۆرۈپلا قورققىلى تۇرۇپتۇ مانا


Rank: 6Rank: 6

تىللا
674
تۆھپە
338
UID
4664
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 23:09:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ شۇنداق ئويلايمەن  بەك سەلىبى ..قورقۇنۇچلۇق  بۇ  ئادەم


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مەڭلىسا
تىللا
974
تۆھپە
620
UID
13924
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 23:15:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ  ئارتىس رول ئالغان كىنولار راستىنلا بەك ياخشى


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئەيسا بەگ
تىللا
660
تۆھپە
241
UID
4779
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 23:19:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ELTUGH يوللىغان ۋاقتى  2012-8-24 20:20
بۇ كىشى ئۇيغۇر تاماشىبىنلارغا ئىنتايىن تونۇشلۇق بول ...

توغرا دەيسىز.......


دۇنيا ئىبرەت بىلەن تولغان،شۇنىڭدەك ئىبرەت ئالمىغۇچىلارنىڭ كۆز-ياشلىرى بىلەنمۇ تولغان!.    ‹‹داغ››دىن

......ھايۋاننى چۈشىنىش ئۈچۈن كۆپ ۋاقت كەتمەيدۇ ، ئادەمنى چۈشىنىش ئۈچۈن بىر ئۆمۈر يەتمەيدۇ .....
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-22 18:00, Processed in 0.104572 second(s), 28 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991