ELTUGH يوللىغان ۋاقتى 2012-8-28 22:47 
نىدائى ئەپەندىگە يەنە بىر تەكلىپىم: مۇنداق سەلبىي ر ...
ئەلتۇغ ئەپەندىمنىڭ مېنىڭ تېمامنى قىزىقىپ كۆرگىنىگە، ماڭا سەمىمىي تەكلىپ بەرگىنىگە كۆپ رەھمەت. بەزىلەر مېنى سىزگە قىلغىلى ئىش چىقمىدىمۇ؟ تونۇشتۇرىدىغانغا ئۇيغۇرلاردىن چولپان چىقمىدىمۇ؟ دېگەندەك گەپلەرنىمۇ قىلىشتى. بىراق مەن ئۇنداق كىشىلەرنىڭ گەپلىرىگە پىسەنت قىلىپ كەتمەيمەن. پەقەت قولىدىن ئىش كەلمەيدىغان يارىماس كىشىلەرلا بىراۋنىڭ قىلىۋاتقان ئىشى ئەھمىيەتلىك ئىش بولسىمۇ، ئۇنى مۇئەييەنلەشتۈرگۈسى كەلمەيدۇ، بىر ئاماللارنى قىلىپ ئۇنىڭغا زەربە بېرىشنى ئويلايدۇ. ئۇنداق كىشىلەر ھامان ھېچنېمىدىن رازى بولمايدۇ.
مەن مېنىڭ يازمىلىرىمدا ياكى تەرجىمىلىرىمدە كەتكۈزۈپ قويغان تەرەپلەرنى ئىلمىي پاكىتلار ئارقىلىق كۆرسىتىپ بەرگەنلەرگە سەمىمىي رەھمەت ئېيتىمەن. ئورۇنسىز، زەھەرخەندە تەكلىپلەرنى قەتئىي قوبۇل قىلمايمەن.
ئەلتۇغ ئەپەندى، ماڭا مۇشۇنداق سەمىمىي تەكلىپلەرنى داۋاملىق بېرىپ تۇرۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.