كۆرۈش: 21556|ئىنكاس: 23

ئىجارىگە ئالغان توي كۆينىكى ۋە ئىجارىگە ئالغان خوتۇن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

تىللا
559
تۆھپە
211
UID
7655

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-23 18:53:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئىجارىگە ئالغان توي كۆينىكى ۋە ئىجارىگە ئالغان خوتۇن


      بۇرۇنلاردا ئۇيغۇر قىزلىرىمىز ئۆزىمىزنىڭ مىللىيچە تويلۇق كىيىم - كېچەكلىرىنى كىيىپ يىگىتى بىلەن نىكاھ قىلىپ تويلىشىپ، بىر ئۆمۈر ئىجىل - ئىناق بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرەتتى.
      بۈگۈنكى كۈنلەردە غەرب ئەللىرىنىڭ مودا توي كۆينەكلىرىنى (كىر كۆينەكلەرنى) ئىجارىگە ئېلىپ كىيىپ، نىكاھ قىلىپ توي قىلىدىغان بولۇۋالدى، مۇشۇ ئىجارىگە ئالغان، ھەممە ئادەم كىيىپ سېلىۋەتكەن توي كۆينەكنى كىيىپ نىكاھ قىلغانلار ئۇزۇن ئۆتمەي ئاجرىشىپ كېتىۋاتىدۇ. مېنىڭچە يەنىلا ئۆزىمىزنىڭ مىللىيچە تويلۇق كىيىملىرىمىزنى كىيىپ نىكاھ قىلىپ توي قىلساق ياخشىمىكىن دەيمەن.
      سىلەر ئىجارىگە ئالغان، ھەممە ئادەم كىيىپ سېلىۋەتكەن توي كۆينىكىنى كىيىپ نىكاھ قىلىشقا قانداق قارايسىلەر؟ ئىجارىگە ئالغان توي كۆينىكى بىلەن نىكاھ قىلغان خوتۇن ئىجارىگە ئالغان خوتۇن بولۇپ قالامدۇ قانداق؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-24 09:59  


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
نىجات
تىللا
200
تۆھپە
53
UID
14674
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 10:21:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىدۇكى، قىزلار ئىجارە ئېلىنغان توي كۆينىكى كىيىشتىن نومۇس قىلىدىغان بولىدۇ.


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
6654
تۆھپە
3361
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 10:34:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قولتۇقلىرى  بەدبۇي تەردىن كىرلىشىپ قالغان كىر  توي كۆينەكلىرىنى كىيگەن شۇ كېلىنچەكنىڭمۇ قولتۇقلىرى پۇراپ قالىدىغانلىقىنى يىگىتى ئەسكىمۇ ئېلىشمايدۇ


كۈلكە بولسا كۈلگۈلۈك يا قاپاقنى تۈرگۈلۈك،
كۆرگۈلۈكنى كۆرگۈلۈك يا بۇ ئەركمان ئۆلگۈلۈك.

Rank: 8Rank: 8

تىللا
1775
تۆھپە
1260
UID
3175

ئاۋانگارت ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 10:36:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راس شۇنداق كۇننىڭ كىلىشىگىمۇ ئۇزۇن قالمىدىغۇ


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مەڭلىسا
تىللا
917
تۆھپە
587
UID
13924
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 11:05:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي ئاللاھ ئويلانغىدەك بىر ئىشكەنغۇ بۇ باللىرىمنىڭ تويىنى قىلىپ قالسام كىيمىسە بولامدۇ نىمە بۇنداق كۆينەكلەرنى


Rank: 4

ئىسىمى
ئاللاھ بىر
تىللا
337
تۆھپە
98
UID
20965
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 11:21:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چەتئەل مەدىنىيېتىنىڭ پايدىلىق تەرىپى كىرمەيدىكەنۇ  
زىيانلىق تەرىپىنى ئاسانلا قوبۇل قىلىدىكەنمىز ؛


Rank: 6Rank: 6

تىللا
554
تۆھپە
150
UID
5302
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 11:58:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۇنا كېيىمنى كەيسە باشكىلارنىڭ كېسىلى يۇقىدۇ


Rank: 2

تىللا
105
تۆھپە
68
UID
21452
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 17:48:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىروران715 ئەپەندى ، سىز «   سىلەر ئىجارىگە ئالغان، ھەممە ئادەم كىيىپ سېلىۋەتكەن توي كۆينىكىنى كىيىپ نىكاھ قىلىشقا قانداق قارايسىلەر؟» دەپسىز. خاتالىشىپ قالماڭ، توي كۈنى نىكاھ ئەتىگەندە بامداتتىن يېنىپلا ئوقۇلىدۇ، ئۇچاغدا تويى بولىدىغان قىز ئۆزىنىڭ پاكىزە، مىللىيچە كىيىمىنى كىيىپ، بېشىغا ياغلىق ئارتىپ، (ئارتقان ياغلىق ياكى شارپىسى يۈزىنىمۇ توسۇيدۇ) پاك ھالەتتە نىكاھقا قاتنىشىدۇ. سىز بۇيەردە دەۋاتقان ئىجارىگە ئالغان توي كۆينىكى پەقەت مەرىكە ئۆتكۈزىلىدىغان زالدا، كەچتە يېڭى ئۆيگىچە قايتىپ كەلگىچىلىك ئارىلىقتا كىيىلىدۇ. مەنمۇ باشقىلارنىڭ كىيىمىنى كىيىشنى قەتئىي خالىمايمەن. مەندەك بارلىق قىزلار شۇنداق. لېكىن توي كۈنى پەقەت توي كۈنى كىيىش ئۈچۈنلا مەخسۇس بىر توي كۆينىكى سېتىۋېلىش بەك بەتخەجلىك ئەمەسمۇ. بۇرۇنلاردىغۇ توي كۆينىكى كەيمەيمۇ توي قىلاتتى. لېكىن ھازىر توي كۆينىكى كىيىش ئوموملىشىپ كەتتى. ئىچكى ئۆلكىلەردىن ئەكىرگەن يېرىم ئوچۇق توي كۆينىكىدىن باشقىمۇ ھازىر رايونىمىزدا خېلى سۈپەتلىك مىللىي ئۆرپ-ئادىتىمىزگە ماس كېلىدىغان، ئەنئەنىۋى ئادەت بويىچە تىكىلگەن چىرايلىق توي كۆينەكلىرى بار تۇرسا. قىزلار بۇ ئۆمرىدە بىرلا قېتىم كېلىدىغان توي كۈنى شۇ توي كۆينەكلىرىنى ئىجارە ئېلىپ كىيسە نېمە يامىنى بار؟ خاتىرجەم بولۇڭ، شۇ تويى بولىۋاتقان ۋە بولىدىغان قىزلار سىزدىن نەچچە ھەسسە پاكىز ۋە چېچەن. ھېچكىم پالان پۇل تۆلەپ مەينەت كىيىمنى ئىجارە ئالمايدۇ. ھازرقى توي كۆينەكلىرى ھەر بىر قېتىم كىيىلىپ بولغاندىن كېيىن مەخسۇس يۇيۇش سۇيۇقلىقىدا مەخسۇس توي كۆينىكى يۇيۇش كىرئالغۇسىدا پاكىزە يۇيۇلۇپ ، قۇرۇتىلىدۇ. سىز بەلكىم تاللا بازارلىرىدا پوپايكا يۇيۇش سۇيۇقلۇقى، ئاق كۆينەك يۇيۇش سۇيۇقلىقى دېگەندەكلەرنى كۆرگەن بولغىيتىڭىز، ئەنە شۇنىڭدەك مەخسۇس توي كۆينىكىنى يۇيۇش سۇيۇقلۇقى بار. بەك ئارتۇقچە ئەنسىرەپ كەتتىڭىزمۇ قانداق؟

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قونچاق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-24 17:54  



Rank: 2

تىللا
105
تۆھپە
68
UID
21452
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 17:55:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە قىزلار توي كۆينىكى  ئىجارە ئالغاندا مىللىيچە پوسۇندا تىكىلگەن ئەنئەنىۋى ئادىتىمىزگە ماس كېلىدىغانراق كۆينەكلەرنى تاللىسا دەيمەن. بۇنداق بولغاندا توي قىزمۇ بىركۈن كەچكىچە ئۇيەرىم ئېچىلىپ قالدى، بۇيەرىم ئېچىلىپ قالدى دەپ دەككە-دۈككىدە بولمايدۇ، ھەم چوڭلارنىڭ ئالدىدىمۇ  يۈرەكلىك ئولتۇرالايدۇ. مەن نەچچە تويغا بېرىپ قىزلارنىڭ  توي كۆينىكىنىڭ ئېتەك پوسۇنىنىڭ چىرايلىقلىقىنى دەپلا ئۈستى تەرىپى ئوچۇق بولسىمۇ تاللاپ كىيىۋېلىپ، ئۇنىڭ ئىچىگە گاز شارپا قىستۇرۇپ، ئىلمەكلەر بىلەن ئىلىپ دېگەندەك، بىر كۈن كەچكىچە توي كۆينىكىنى ئوڭشاپ ئاۋارە بولغىنىنى بەك تولا كۆردۈم.


Rank: 2

تىللا
105
تۆھپە
68
UID
21452
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 17:57:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«ئىجارىگە ئالغان توي كۆينىكى بىلەن نىكاھ قىلغان خوتۇن ئىجارىگە ئالغان خوتۇن بولۇپ قالامدۇ قانداق؟
»
بۇ سەپسەتىنى ئۆزىڭىز چىقىرىۋالغان ئوخشىمامسىز؟ ياكى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بىرەر سىياسىتى يا قانۇنىنىڭ بىرەر ماددىسىدا بولسا مەن كۆرمەي قالدىممۇ -يا؟


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-4 05:11, Processed in 0.079349 second(s), 27 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991