مەن ئۈرۈمچىدە بايقىغان ئىككى ئۇزۇن جۈملە
1- كوچا ئاپتوبۇسىغا چىققىنىڭىزدا ئاپتوبۇسنىڭ تورىسىغا چاپلاپ قويغان بىر يېشىل تاختا كۆزىڭىزگە چېلىقىدۇ، بۇنىڭغا "ئاپتوبۇسغا چىققان يولۇچىلار ئارقىغا ئۆتەيلى" دەپ يېزىلغان، بۇ سۆزنىڭ خەنزۇچىسمۇ شۇ مەزمۇندا يېزىلغان، بۇ سۆز قارىماققا خاتا ئەمەس، ئەمما كىچىككىنە تاختىغا ئارتۇقچە سۆزلەر يېزىپ قويۇلغان، يەنى "ئاپتوبۇسقا چىققان" دېگەن سۆز ئارتۇقچە، چۈنكى ئاپتوبۇسقا چىقمىغان ئادەم ئۇ خەتنى كۆرمەيدۇ، ھەم ئاپتوبۇسقا چىقمىغان ئادەمنىڭ ئارقىغا ئۆتۈشىنىڭمۇ ھاجىتى يوق. شۇڭا "يولۇچىلار ئارقىغا ئۆتەيلى" دېسىلا بولمىدىمۇ؟
2- كوچا ئاپتوبۇسىدا "گۇۋاڭيەن ئولتۇراق رايونىغا كەلدۇق"، "بەيخۇالى ئولتۇراق رايونىغا كەلدۇق" دېگەندەك جۈملىلەرنى ئاڭلايسىز، بۇمۇ ئاڭلىماققا خاتا ئەمەستەك، ئەمما بۇ سۆزنى "گۇۋاڭيەن مەھەللىسىگە كەلدۇق"، "بەيخۇالى مەھەللىسىگە كەلدۇق" دەپ ئالسا، تېخىمۇ ئېدىتلىق بولمامدۇ؟ بەلكىم سىزنىڭمۇ مۇشۇنداقراق ئۇزۇن جۈملىلەرنى ئاڭلىغان، بايقىغانلىرىڭىز باردۇ؟