Tesewwur يوللىغان ۋاقتى 2012-8-15 13:34 
ھازىر ئۇيغۇر تىلى تەرجىمانلىرىنىڭ سەۋىيىسى بۇرۇنقى ...
«مۇراسىم ـــ تۇغۇلۇش بىلەن ئۆلۈمنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئېھتىيات بىلەن بىر ياقلىق قىلماق، دېمەكتۇر. تۇغۇلۇش ـــ كىشىلىك ھاياتنىڭ ئىپتىداسى بولسا، ئۆلۈم كىشىلىك ھاياتنىڭ ئىنتىھاسىدۇر. باشلىنىش بىلەن ئاخىرلىشىشنىڭ ناماياندىسى بولغان بۇ خىل ئىپتىدا بىلەن ئىنتىھانى ياخشى بىر ياقلىق قىلغاندا ئادىمىيلىكمۇ تامامى مۇكەممەللىكىنى تاپىدۇ! شۇڭا، ئالىيجاناب پازىللار كىشىلىك ھاياتنىڭ ئىنتىھاسىغا چىن ئىخلاسى بىلەن مۇئامىلە قىلمىقى ۋە ئۇنىڭ ئىنتىھاسىغائىزگۈ نىيەتلىرى بىلەن مۇئامىلە قىلمىقى ۋاجىبتۇر. كىشىلىك ھاياتنىڭ بۇ خىل ئىپتىداسى بىلەن ئىنتىھاسىغا باراۋەر مۇئامىلە قىلىش ئالىيجاناب پازىللارنىڭ ئەسلىيەت ئەركانى ۋە مۇراسىمنىڭ تاكامۇللاشقان مىزانىدۇر. ئادەمنىڭ ھايات چېغىنى قەدىرلەپ ئۆلۈمىنىڭ ئېتىبارىنى قىلماسلىق ھايات ئادەمگە سېزىمى بار، دەپ قىلىنغان خۇشامەتگۇيلۇق بولسا ئۆلگەن ئادەمگە سېزىمى يوق، دەپ قىلىنغان پەسەندىلەرچە ھۆرمەتسىزلىكتۇر، بۇ، پەسەندىلەرچە، بىدئەتلەرچە ئەسلىيەت ئەركانىدۇر، شۇنىڭدەك باشقىلارغا بولغان خىيانەتكارانە يۈرەكنىڭ ئەقەللىي ناماياندىسىدۇر. ئالىيجاناب پازىللار مانا مۇشۇنداق باشقىلارغا بولغان خۇسۇمەت-خىيانەتكارانە دىلى بىلەن قۇللارغا، بالىلارغا مۇئامىلە قىلماقتىن نامۇس قىلىشى لازىم، شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ مانا شۇنداق ئىپلاس دىلى بىلەن ئۆزى ئەزىزلىگەن پادشاھلار ۋە ئاتا-ئانىسىغا ئىقتىدا قىلىشى تېخىمۇ نومۇسسىزلىقتۇر! يەنە ئالايلۇق: ئۆلۈمنىڭ بىر قانۇنىيىتى بار، يەنى ھەر بىر ئادەم بىرلا قېتىم ئۆلۈدۇ ھەم بۇ ئۆلۈم زىنھار تەكرارلانمايدۇ، شۇڭا ۋەزىرلەرنىڭ پادشاھقا بولغان ھۆرمىتى، پەرزەنتلەرنىڭ ئاتا-ئانىغا بولغان ھۆرمىتى دەل مۇشۇ چاغدا يۈكسەك پەللىگە يەتكەن بولىدۇ. شۇڭا تىرىكلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغۇچىلارنىڭ ساداقەتسىزلىكى، ھۆرمەتسىزلىكى قوپاللىقتۇر؛ ئۆلگەنلەرنى ئۇزاتقۇچىلارنىڭ ساداقەتسىزلىكى، ھۆرمەتسىزلىكى پىت كۆزلۈكتۇر. ئالىيجاناب پازىللار قوپاللىق بىلەن پىت كۆزلۈكنى كۆزگە ئىلمايدۇ ھەم پىت كۆزلۈكنى نامۇس، دەپ بىلىدۇ. شۇڭا ۋەلىئەھدنىڭ جەسەد ئۈكىكى يەتتە قەۋەت، پادشاھلارنىڭ بەش قەۋەت، تۆرە-تارخانلارنىڭ ئۈچ قەۋەت، دانىشمەن-ئەزىمەتلەرنىڭ ئىككى قەۋەت بولمىقى قائىدىدۇر؛ شۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا ئۇلارنىڭ ئۆز نەسەب سالاھىيىتىگە، مەنسەب دەرىجىسىگە لايىق لىباس-يېپىنچىسى جەھەتتىمۇ ئازدۇر-كۆپتۇر، قېلىن-نېپىز سان-سۈپىتى بولمىقى خۇسۇسىدىمۇ ئەسلىيەت مىزانى ھەم باردۇر، ھەممىسىنىڭ جەسەت ئۈكىكى يوپۇقلىرى ۋە بۇ يوپۇقلارنىڭ گۈل-نەقىشلىرىدە نەسەب-مەنسەب دەرىجە پەرقلىرىمۇ باردۇر؛ ئۆلگەنلەرنى بۇلار بىلەن بېزەش ئارقىلىق ئىززەت-ئېكرام كۆرسىتىپ ئۇلارغا ھاياتلىق بىلەن ئۆلۈمنىڭ، ھاياتنىڭ ئىنتىھاسى بىلەن ئىپتىداسىنىڭ ئوخشاشلىقىنى ھېس قىلدۇرۇش، مانا شۇ ئىپتىدا بىلەن ئىنتىھا ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ ئارزۇ-ئىستەكلىرىنى قاندۇرۇش ـــ قەدىمقى مۇقەددەس پادشاھلارنىڭ ئەسلىيەت مىزانىدۇر، شۇنداقلا ساداقەتمەن ۋەزىر بىلەن ۋاپادار پەرزەنتنىڭ ئەڭ ئالىي دەستۇرىدۇر. ۋەلىئەھدنىڭ ئۆلۈمى پۈتكۈل ئىقلىمنى ماتەمگە گىرىپتار قىلىدۇ، ئۇنى تۆرىلەر جەم بولۇپ ئۇزاتماق بار. تۆرىلەرنىڭ ئۆلۈمى دوست مەملىكەتلەرنى قايغۇغا سالىدۇ، شۇڭا ۋەزىرلەر جەم بولۇپ ئۇزاتماقلىق بار. ۋەزىرنىڭ ئۆلۈمى دۆلەت تەسەررۇپىنى ماتەمگە چۆمدۈرۈدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆلۈمىنى پازىللارنىڭ جەم بولۇپ ئۇزاتماقلىقى بار. پازىللارنىڭ ئۆلۈمى بىر يۇرتنى ماتەم تۇمانلىرىغا دۇچار قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆلۈمىنى دوست-بۇرادەرلىرى جەم بولۇپ ئۇزاتماقلىق بار. ئاۋام-رەئىيەتنىڭ ئۆلۈمى بولسا مەھەللە-كويلارنى ھازىدار قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆلۈمىنى ئۇرۇغ-تۇغقان، خولۇم-خوشنىلار جامائەتلىشىپ ئۇزاتماقلىق بار. جازاغا تارتىلغان گۇناھكارلارنىڭ ئۆلۈمىنى ئۇرۇغ-تۇغقانلىرى، خولۇم-خوشنىلىرىنىڭ ئۇزىتىشى چەكلەنگەندۇر، پەقەت خوتۇن-بالىلىرىنىڭلا ئۇزىتىشى، جەسەت ئۈكىكىنىڭ بىر ئىلىك قېلىنلىقتا بولمىقى، لىباس-يېپىنچىسىنىڭ ئۈچ يۈرۈش بولمىقى خۇسۇسىدا دەستۇر باردۇر، ئۇنداقلارنىڭ جەسەت ئۈكىكىگە مەرسىيەلەر پۈتۈش چەكلەنگەندۇر، كۈندۈزى ئۇزىتىشقا بولماستۇر، پەقەت گۇگۇم چۈشكەندىلا ئۇزاتماقلىق بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنداقلارنى خوتۇن-بالىلىرى قارىلىق لىباسى كىيمەي ئادەتتىكى كىيىم-كېچەكلىرى بىلەنلا كۆمۈپ قويۇشلىرى شەرت، تۇپراق بېشىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن يىغلاپ ھازا ئېچىشىغا، قارىلىق لىباسى كىيىشىگە بولماستۇر، ئۇلارنىڭ ئۆلگۈچىنى يەرلىكىگە كۆمۈپ قويۇپلا كۈندىلىك تۇرمۇشىغا قايتماقلىقى بار، ئۆلگۈچىنى يەرلىكىدە قويۇپ بولۇپ ھېچ ئىش بولمىغاندەك يۈرۈۋەرمىكى شەرتتۇر، مانا بۇ بىر گۇناھكار ئۆز جەمەتىگە، خوتۇن-بالىلىرىغا كەلتۈرگەن ئەڭ زور نومۇستۇر!»
(ئەسكى خەنزۇ تىلىدىكى «شۈن زى: مۇراسىم بايانلىرى»دىن تەرجىمە قىلىندى، تەرجىمان: ئەركمان)
___________________________________________________________________
راست دەيسىز، مەن مۇنۇ تېكىستنى تەرجىمە قىلغىچە ھازىرقى تەرجىمان بولۇپ قالغىنىمدىن بەك پۇشايمان قىلىپ، نېمىشقا 20-ئەسىرنىڭ 50~70-يىللىرىدىكى تەرجىمان بولۇپ قالمىغاندىمەن، دەپ ئۆكۈندۈم!