شىنجاڭ تەنتەربىيە مەيدانىغا <<ئوت كەتتى>> (قۇياش فوتوسى)
8-ئاينىڭ 10-كۈنى شىنجاڭ تەنتەربىيە مەركىزىدە چوڭگو پۇتبولچىلار جەمئيىتىنىڭ 2012-يىللىق B دەرىجىلىك كوماندىلار بىرلەشمە مۇسابىقىسى ئۆتكۇزۇلدى . مۇسابىقىگە شىنجاڭ تاشئالما كوماندىسى بىلەن شەنشى جايى كوماندىسى چۈشۈپ ئىككى مەيدان مۇسابقىدە 1:0 نەتىجە بىلەن شىنجاڭ تاشئالما كوماندىسى شەنشى جايى كوماندىسىنى يەڭدى . 90 مىنۇتقا داۋاملاشقان بۇ ئىككى مەيدان مۇسابىقىدە پۇتبول مەستانىلىرى جۇشقۇن روھ ، كۆتۈرەڭگۈ ئاۋاز بىلەن شىنجاڭ تاشئالما كوماندىسىغا تاغدەك ئىشەنچ ، مەدەت بېرىپ تەنتەربىيە مەيدانىنى ، ئۈرۈمچى شەھىرىنى جۈملىدىن << زېمىننى تىتىرىتىۋەتتى>> ..
تۆۋەندە مۇسابىقە مەيدانىدىن تارتىلغان سۈرەتلەردىن ھوزۇر ئالغاچ ئۇلاردىكى تولۇپ تاشقىنلىققا تولغان ، ھېچقانداق بىر كۈچ ئالدىنى توسالمايدىغان روھىدىن ھوزۇر ئالغايسىزلەر ....
