تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 15793|ئىنكاس: 19

كىم جۇڭئوننىڭ ئايالى، ناخشىچى رى سولجۇ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئىسىمى
توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي
تىللا
1490
تۆھپە
775
UID
26

تۆھپىكار

يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

كىم جۇڭئوننىڭ ئايالى، ناخشىچى رى سولجۇ



تەرجىمە قىلغۇچى: توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي





3.jpg




چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جۇڭئوننىڭ رەپىقىسى رى سولجۇ



    كىم جۇڭئون چاۋشيەن خەلقىنىڭ داھىيسى كىم ئېرسىننىڭ نەۋرىسى، چاۋشيەننىڭ ئەڭ ئالىي رەھبىرى، چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسىنىڭ سابىق شۇجىسى، مەرھۇم كىم جۇڭئېلنىڭ ئوغلى بولۇپ، بۇ يىل ئەمدىلا 29 ياشقا كىردى. ئۇ 30 ياشقىمۇ كىرمىگەن ئەھۋالدا بىر دۆلەتنىڭ ئەڭ ئالىي رەھبىرى بولۇپ قالدى، بۇنى ھوقۇق ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد مىراس قالىدىغان چاۋشيەندىكى ناچار ئىجتىمائىي تۈزۈمنىڭ كاتتا ناماياندىسى، دېسەكمۇ بولىدۇ. كىم جۇڭئون ھازىر چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ 1-شۇجىسى، مەركىزىي سىياسىي بىيورۇسىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي ئەزاسى، چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى.
    ئۆي-ئوچاقلىق بولۇشقا نىسبەتەن كىشىلەر ئانچە ھەيران قېلىپمۇ كەتمەيدۇ، بىراق كىم جۇڭئوننىڭ يېقىندىن بېرى ئاشكا سورۇنلاردا دائىم رى سولجۇ ئىسىملىك بىر يېقىملىق ئايال بىلەن بىللە زىيارەت ۋە تەكشۈرۈشتە بولۇۋاتقانلىقى جامائەتچىلىكنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. ئەمەلىيەتتە، رى سولجۇ كىم جۇڭئوننىڭ ئايالى بولۇپ، ئىككىسى 2009-يىلى توي قىلغان. ھازىر ئۇلارنىڭ بىر قىزى بار. قائىدە بويىچە رى سولجۇ ھازىر چاۋشيەننىڭ 1-خانىمى بولۇپ قالدى. رى سولجۇنىڭ سالاھىيىتى ھازىر خۇددى ئېرى كىم جۇڭئونغا ئوخشاشلا دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتىپ كەلمەكتە، نوپۇزلۇق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئۇ توغرۇلۇق تۈرلۈك قىياسلارنى قىلماقتا.



1.jpg


سول تەرەپتىكىسى رى سولجۇنىڭ 2003-يىلىدىكى ۋاقتى



    ئۇنداقتا، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاۋاتقان بۇ يېقىملىق ئايال ـــ رى سولجۇ كىم؟

    رى سولجۇ (خەنزۇچە ئاتىلىشى ئىسمى لى شۆجۇ) چاۋشيەننىڭ داڭلىق ناخشىچىسى بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى سامان يولى سېمفونىيە ئۆمىكىدە ناخشىچى بولغان، ھازىر كىم ئېرسىن ئۇنىۋېرسال ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتۇرلۇكتا ئوقۇۋاتىدۇ.
    رى سولجۇ 1989-يىلى چاۋشيەندە بىر ئاددىي ئائىلىدە تۇغۇلغان بولۇپ، دادىسى چىڭجىن شەھەرلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئاپىسى شۈينەن ۋىلايەتلىك ئاياللار دوختۇرخانىسىدا خىزمەت قىلىدۇ.
    رى سولجۇ ئىلگىرى پيۇڭياڭ ئالتۇن يۇلتۇز 2-تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن، جۇڭگودا مەخسۇس ناخشا-مۇزىكا كەسپىدە ئوقۇغان.
    2003-يىلى 3-ئايدا، رى سولجۇ جىنگاڭشەن ۋىلايىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق چاۋشيەن بىلەن كورىيە ئۆسمۈرلىرىنىڭ كوللېكتىپ پائالىيىتىگە قاتناشقان.
    2005-يىلى 9-ئايدا، رى سولجۇ چاۋشيەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ تەركىبىدە كورىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن 16-قېتىملىق ئاسىيا-ياۋروپا ينىك ئاتلېتكا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتناشقان.
    2009-يىلى، رى سولجۇ كىم جۇڭئون بىلەن توي قىلغان، تويدىن ئىلگىرى كىم ئېرسىن ئۇنىۋېرسال ئۇنىۋېرسىتېتىدا يېرىم يىل مەخسۇس تەربىيەلەنگەن.
    2010-يىلى بىر قىز پەرزەنتلىك بولغان.
    2011-يىلى 1-ئايدا، چاۋشيەن مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تارقاتقان سامان يولى سېمفونىيە ئۆمىكىنىڭ يېڭى يىللىق مۇزىكا كېچىلىكىدە، رى سولجۇنىڭ ‹‹ئەسكەرنىڭ قەدەم ئىزى›› ناملىق ناخشىسى كۆرسىتىلگەن.
    2012-يىلى 7-ئاينىڭ 6-كۈنى، رى سولجۇ تۇنجى قېتىم ئېرى كىم جۇڭئون بىلەن سورۇنلاردا ئاشكارا پەيدا بولغان.
    2012-يىلى 7-ئاينىڭ 8-كۈنى، رى سولجۇ كىم جۇڭئون بىلەن بىللە، ئېرى كىم جۇڭئوننىڭ بوۋىسى كىم ئېرسىننىڭ ۋاپات بولغانلىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتناشقان.
    2012-يىلى 7-ئاينىڭ 15-كۈنى، رى سولجۇ كىم جۇڭئونغا ھەمراھ بولۇپ يەسلىدە زىيارەتتە بولغان، باشقا ئەمەلدارلار ئۇ ئىككىيلەننىڭ بىر نەچچە قەدەم كەينىدە تۇرغان.
    2012-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى، چاۋشيەن مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى كىم جۇڭئون بىلەن رى سولجۇنىڭ پيۇڭياڭدىكى بىر باغچىدا زىيارەتتە بولغانلىق قىسقا فىلىمنى كۆرسەتكەندە، چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جۇڭئوننىڭ ئاللىقاچان رى سولجۇ بىلەن توي قىلىپ بولغانلىقىنى دەلىللىگەن.
    2012-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى ۋېكتورىيە: چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جۇڭئوننىڭ توي قىلىشى نۇرغۇن ئىشلارغا جاۋاب بەردى، ئامېرىكىنىڭ بۇ تويغا تەكلىپ قىلىنمىغانلىقى ئېنىق، ئەمما نىكاھ قەسىرىگە ئەمدىلا قەدەم باسقان كىشىلەر بەختلىك بولۇشى كېرەك، دېگەن.
    رى سولجۇ تۇنجى قېتىم كىم جۇڭئون بىلەن ئاشكارا كۆرۈنگەندە، نۇرغۇن كىشىلەر بۇ قىزنىڭ سالاھىيىتىدىن گۇمانلانغانىدى. ۋال كوچىسى گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە: ھەتتا ئۇ كىم جۇڭئوننىڭ سىڭلىسى جىن رۇجېن، دېگەندەك گۇمانىي قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويغان. پەقەت 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى چاۋشيەن ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئۇ قىزنىڭ ئىسمىنىڭ رى سولجۇ ئىكەنلىكىنى دەلىللىگەن.
    كورىيەدە چىقىدىغان ‹‹مەركەز گېزىتى››دە: رى سولجۇ ياش ھەم چىرايلىق بولغاچقا، بىر قېتىملىق كېچىلىكتە نومۇر ئورۇنلىغاندا، تاماشىبىنلار قاتارىدا كېچىلىكنى كۆرۈپ ئولتۇرغان كىم جۇڭئون بىلەن دادىسى كىم جۇڭئېننىڭ دىققىتىنى تارتقان، دېيىلدى. كېيىن رى سولجۇ كىم ئېرسىن ئۇنىۋېرسال ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئالاھىدە سىنىپىدا ئالتە ئاي مەخسۇس تەربىيەلىنىپ، چاۋشيەننىڭ ‹‹1-خانىمى››لىق سالاھىيىتىگە ئېرىشىدۇ.


4.jpg

5.jpg
6.jpg
7.jpg
2.jpg




1.jpg
توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 1

تىللا
36
تۆھپە
15
UID
170
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يامان چىرايلىق خوتۇن ئېلىۋاپتۇ دىسە بۇ كىم بودەك !!


Rank: 1

ئىسىمى
ئىلياس
تىللا
27
تۆھپە
19
UID
23194
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كم جوڭئۇن دادىسىنى دورىسا ياخشى بولاتتى ....


Rank: 1

ئىسىمى
ئىلياس
تىللا
27
تۆھپە
19
UID
23194
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىم جوڭئۇن دادىسى ۋە بوۋىلىرىنى دورىسا ياخشى بولاتتى ....


Rank: 4

تىللا
404
تۆھپە
121
UID
4364
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ پور كۆتەكنىڭ ئايالى خېلى چىرايلىق ئىكەن ھە؟


مىلللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ مۇقەددىمىسى روھنى ساغلاملاشتۇرۇش

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئابدۇرېھىمجان ئاتاۋۇللا
تىللا
888
تۆھپە
384
UID
4607
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چاۋشىيەندىكى بىردىنبىر سىمىز ئادەم...


Rank: 8Rank: 8

تىللا
1374
تۆھپە
646
UID
2263
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۆلەت باشلىقىغا لايىق لاتاپەتلىك بىر سەنئەتكار بىلەن توي قىپتۇ .


Rank: 8Rank: 8

تىللا
1374
تۆھپە
646
UID
2263
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ بىرنى چاۋشەننىڭ ئالىي رەھبىرىنىڭ تۇرمۇشىدىن خەۋەردار قىلغىنىغا مىڭلارچە تەشەككۇر


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئايبەرچىن
تىللا
1180
تۆھپە
663
UID
201

ئاۋانگارت ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمدا توختىماي كۆزدىن كەچۈرىدىكىن دىسەم گۈزەللەرنى تاللاپتۇ-دە ھى ھى ھى(چاخچاق)


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
بارسېلونا
تىللا
1342
تۆھپە
804
UID
306
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خېلى سۈپىتى بار ئايال ئىكەن ، دۆلەت سورۇنلىرىغىمۇ ياراشقۇدەك .


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-8-13 13:04, Processed in 0.087198 second(s), 29 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991