ھەق ئېلىش پونكىتىدىكى كەچۈرمىشىم
مەن بۇرۇن يۇرتىمىزدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللاردىكى ھەق ئىلىش پونكىتىدا ئىشلەيدىغانلارنىڭ خىزمىتىنى ناھايىتى ئوڭاي، پەقەت پۇل يىغىپ بەرسىلا بولىدۇ، دەپ ئويلايتىم، لېكىن بۇ يىرىم يىلدىن بۇيان مېنىڭ ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەنلىرىم بۇ قارىشىمنى تۈپتىن ئۆزگەرتتى. بۇ جەرياندا شۇنى بايقىدىمكى، ھەق ئېلىش پونكىتلىرىدا ئىشلەيدىغانلار، بولۇپمۇ بۇ يەردە ئىشلەيدىغان قىز - ئاياللىرىمىزنىڭ خىزمىتى ھەقىقەتەن قىيىن ئىكەن، بۇنداق ھەق ئېلىش پونكىتىدا ئىشلەيدىغان قىز - ئاياللىرىمىزنىڭ ھالىغا ۋاي. مەن دوستلارغا بېشىمدىن ئۆتكەن بىر ئىشنى سۆزلەپ بېرەي.
بۇ يىل 2 - ئايدا مەن خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن بىر يىللىق ئۈرۈمچىدىن ئاتۇشقا چۈشكەن ئىدىم، يۇرتۇم قەشقەر بولغاچقا ھەر ھەپتە ئاخىرى چوڭ ئۆيگە قايتىمەن، بەزى ۋاقىتلاردا تاكسىدا ئولتۇرۇپ ھەق ئىلىش پونكىتىدىن ئۆتىمەن. بەزىبىر شۇنداق ئەخلاقسىز، ساپاسىز، بىزەڭ شوپۇرلار باركى، ھېيىقماستىن پۇل يىغىدىغان قىز - ئاياللىرىمىزغا قىلىقسىز چاقچاق قىلىدۇ، ھەتتا پۇل قايتۇرغان چاغدا شۇ قىزلارنىڭ قولىنى قەستەن تۇتۇۋالىدۇ. نەچچە قېتىم مۇشۇنداق ئىشلارنى كۆرۈپ: «بولدىلا، خەقنىڭ يۇرتىدا ئوشۇق ئىشقا ئارلاشماي» دەپ ئۆزۈمنى ئاران تۇتۇپ ئولتۇردۇم. بىراق بۇنداق ئىش بىر نەچچە قېتىم كۆزۈمدىن ئۆتىۋەرگەچكە ئاخىرى چىدىغۇچىلىكىم زادىلا قالمىدى.
ئىككى ھەپتىنىڭ ئالدىغۇ دەيمەن، قەشىقەردىن ئاتۇشقا قايتقۇچە بىر قارا تاكسىغا ئولتۇردۇم، شۇ چاغدا ماشىنىدا جەمئىي 4 يولۇچى بولۇپ، بۇنىڭ ئىككىسى شوپۇرنىڭ دوستلىرى ئىكەن، قالغان ئىككىمىز بۇلار بىلەن تونۇشمايمىز ھەم ئۆزئارامۇ تونۇشمايمىز. شوپۇر ماشىنىنى ھەيدەپ قەشقەر بىلەن ئاتۇشنىڭ ئارىلىقدىكى ھەق ئېلىش پونكىتىغا كەلگەندە، شوپۇر كۆزنەكتىكى پۇل يىغقۇچى قىزغا لاپپىدە بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن ئاغىنىلىرگە قاراپ: «‹ئاغىينىلەر، بۇ ھېلىقى يىڭى كەلگەن تۇمۇچۇقكەن!» ›دېدى. پۇل يىغقۇچى قىز بۇنى ئاڭلىدىيۇ، يەنىلا ناھايىتى ئىللىقلىق بىلەن كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ: ‹«بەش يۈەن تاپشۇرۇڭ» ›دېدى. ھېلىقى بىزەڭ شوپۇر ناھايىتى سەت ھىڭگىيىپ تۇرۇپ: «‹ۋاي جېنىم، سىزنىڭ مۇشۇ گۈزەل جامالىڭىزنى كۆرۈش ئۈچۈن ھېلىغۇ بەش يۈەن ئىكەن، بەش يۈز يۈەن تاپشۇرۇشقىمۇ مانا مەن رازى جۇما» دەپ تۇرۇپ قىزغا يۈز يۈەنلىك پۇلدىن بىرنى تەڭلىدى. گەرچە ئۇ قىز بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ناھايىتى بىزار بولغانلىقى چىقىپ تۇرسىمۇ، ئۆزىنى تەستە بېسىۋېلىپ پارچىسنى ئىزدەشكە كىرىشىپ كەتتى. بۇ جەرياندا شوپۇر يەنە: «‹جېنىم، ئى پاپياۋنىڭ ئارقىسىغا تېلېفون نومۇرىڭىزنى يېزىپ بەرمەمسىز» دېدى ۋە باشقا تېخىمۇ تىتىقسىز بولغان گەپلەرنى قىلدى، باشتىن - ئاخىرى بۇنى كۆرۈپ تۇرغان شوپۇرنىڭ ئىككى ئاغىنىسى ھەدەپ پىخىرلاپ كۈلۈپ تاماشا كۆرۈۋاتاتتى. قىز پارچە پۇل قايتۇرۇدىغان چاغدا ئۇ قىزنىڭ قوللىرىنى تۇتۇۋالدى، بۇ چاغدا بۇ ئاھانەتكە چىدىمىغان قىز ۋارقىراپ ئادەم چاقىرغاندىلا ماشىنىسىنى ھۇقىيتىپ كېتىپ قالدى. بۇ ئىشلارنى كۆرۈپ ناھايىتى ئاچچىقىم كەلگەن بولسىمۇ ئۆزۈمنى سەل بېسىۋېلىپ تۇرۇپ شوپۇرغا: «‹بۇرادەر، بايا نېمانداق بەتقىلىقلىق قىلىسىلە، سىلەرنىڭمۇ سىڭلىڭلار باردۇ›؟» دېدىم. گېپىم ئەمدىلا تۈگىشىگە شوپۇر ئەپتىنى بۇزۇپ: «‹ۋاي ئاداش، سېنىڭ نېمە كارىڭ، ئۇ قىز سېنىڭ سىڭلىڭمۇ، يا ئاچاڭمۇ؟» ماشىنىدىكى ئىككى لاۋزىمۇ شوپۇرغا يان بىسپ: «‹سېنىڭ بىر نەرسەڭمىتى»› دەپ مېنى ئەيىبلىدى، بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ زادىلا چىدىمىدىم ۋە ئۇلارغا ۋارقىرىدىم: ‹«ھۇ بەدبەخ، ئادەم بولمايدىغان ھارامزەدىلەر!›» بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئۇلارنىڭ قاتتىق ئاچچىقى كەلدى بولغاي، شوپۇر شۇئان ماشىنىنى توختاتتى ۋە مېنى ئەدەبلىمەكچىمۇ بولدى... ئەگەر شۇ چاغدا مەن خىزمەت (ساقچى) كىنىشكامنى چىقىرىپ:‹ «شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىگە ھەيدە، قالدى گەپنى شۇ يەردە قىلىشىمىز» ›دېمىگەن بولسام ۋە بىر كىلومىتىرغا يەتمىگەن يەردە ساقچىلارنىڭ تەكشۈرۈش پونكىتى بولمىغان بولسا، خېلى ئاۋارىچىلىككە قالار ئىدىم بەلكىم! ئالدىمىزدىلا تەكشۈرۈش چازىسى بولغاچقا ئۇلار ئاۋارىچىلىككە قېلىشتىن قورقتى بولغاي، مەندىن كەچۈرۈم سورىدى، مەنمۇ ئاچچىقىمدىن يېنىپ قالدىم. بايىقى ئەلپازدا شوپۇرنى ‹ئاياللارغا پوخۇرلۇق قىلدى ›دېگەن نام بىلەن چازىدىكى سەپداشلارغا تۇتۇپ بېرىشنى ئويلىغان ئىدىم (ھېچ بولمىغاندا ساقچىخانىدا يېرىم كۈن ئاۋارە بولاتتى)، لېكىن ئۇنىڭ كېيىنكى بىچارە ھالىتىنى كۆرۈپ يەنىلا بۇ نىيەتتىن ۋاز كەچتىم... شۇڭا دەيمەن، بەزى بىر كىشىلىرىمىز زادى نېمىنى ئويلايدىغاندۇ، ئۇيات دېگەن نەرسە يوقمىدۇ، ئەگەر بىراۋلا ئۇلارنىڭ ھەدە - سىڭىللىرىغا مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلسا ئۇلارنىڭ يۈرىكى پۇچىلانماسمۇ؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-9 09:47