تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 21556|ئىنكاس: 26

ئاشنام ماڭا كېلىن بولغىدەك! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
ئالىم
تىللا
132
تۆھپە
69
UID
20714
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


    ئاشنام ماڭا كېلىن بولغىدەك!




        تۇرمۇش ئاجايىپ قىسمەتلەرگە تولغان بىر داۋان . بۇ داۋاندىن ھەممىمىز ھەرخىل يوللار بىلەن ئۆتىدىكەنمىز . مەنمۇ ئاشۇ داۋاندىن ھېلى ئوڭ ، ھېلى تەتۈر دەسسەپ ئۆتمەكتىمەن....توۋۋا! بۇرۇن تاغ ئايلانغان بولسا ، ھازىر بوسۇغا ئايلىندىغان بولۇپ كېتىپتۇ...... مەكتەپتە ياخشى ئوقۇمىغىنىم ئۈچۈن دادام مېنى باشلانغۇچنىمۇ تۈزۈك ئوقۇتمايلا چىقىرىۋېلىپ ئۆزىگە ياردەمچى قىلىۋالغان ئىدى . مانا شۇندىن بېرى پۇل تېپىشنىڭ كويىدا يۈرۈيمەن . پۇل تاپتىم، تاپقاندىمۇ بايباياشات ياشىغىدەك ، ئائىلەمدىكىلەرنى ، بالىلىرىمنى ئىقتىسادتىن غەم قىلمىغۇدەك تاپتىم . يۈزمۇ تاپتىم، يولمۇ تاپتىم . پۇلۇم كۆپلىگەنچە دوستلىرىممۇ كۆپەيدى . ھەممىمىزگە ئايان توقلۇقتىن شوخلۇق چىقىدۇ..بارا-بارا سورۇنلىرىم كۆپىيىپ ، دوستلارلا ئولتۇرىدىغان سورۇنلىرىمىزغا ئانچە-مۇنچە ‹ رەڭ› ئارىلىشىدىغان بولۇپ قالدى . شۇنداق سورۇنلىرىم كۆپەيگەنچە يۈرىكىممۇ چوڭلاپ قالدى . بۇرۇن ئايالىمغا تېلېفۇن قىلىپ باھانە تېپىپ بارالمايدىغانلىقىمنى ئېيتاتتىم . مەست بولۇپ قالغان چېغىمدا كۆزۈمگە ھېچ نېمە كۆرۈنمەي ‹ شوخلىشىپ › كەتكىنىم بىلەن ، مەستلىكىمدىن يېشىلگەندە ، چوڭلا بولۇپ قالغان بالىلىرىم بىلەن مېھرىبانلىق بىلەن مەن ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنىلا بىلدىغان ، نېمىلا دېسەم ماڭا تاغدەك ئىشىنىپ ، ئاللادىن ماڭا ئۇزۇن ئۆمۈر ۋە سالامەتلىك ، بالىلىرىمنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ - ئىمان تىلەپ جەينامازدىن يىغا بىلەن قوپىدىغان ئايالىم كۆزۈمگە كۆرۈنۈپ : ‹‹ خەپ ، ئەمدى مۇشۇ يولغا ماڭىدىغان بولسام ›› ،-دەپ ئۆز-ئۆزۈمدىن نەپرەتلىنىپ كېتەتتىم . بىراق بۇنداق ئىشلار يەنىلا داۋاملىشىپ تۇراتتى. بۇ ئىشلىرىمنى ھېچكىم بىلمەي يۈرگەندىن كېيىن ،بارا-بارا چوقۇم مۇشۇنداق بولۇشقا تېگىشلىكتەك ، بۇ ئادەتتىكى ئىشلاردەك ، خۇددى تاماقتىن كېيىن چاي ئىچكەندەكلا تۇيۇلدىغان بوپ قالدى . بۇرۇن ئايالىمغا تېلېفۇن قىلىپ باھانە تېپىپ بارالمايدىغىنىمنى ئېيتىدىغان بولسام ، ھازىر خىيالىمغا كىرىپمۇ چىقمايتتى.تېخى ئۇ نەدىلىكىمنى سوراپ تېلېفون قىلسا: -مەن مۇشۇ ئۆينى،بالىلارنىڭ كېيىنلىكىنى ئويلاپ جاننى ئالقانغا ئېلىپ تىرىشىۋاتىمەن.مېنى <بىكار ئويناپ يۈرۈپ كەلمەيۋاتىدۇ>،-دەپ قالدىڭما؟زادى مېنى چۈشىنىدىغان ئادەمدىن بىرسىمۇ يوق!،-دەپ قاقشاپ كېتەتتىم.ھەتتا ئۇنىڭ: -مەن....شۇ سىلىدىن ئەنسىرەپ...بىرە ئىش بولۇپ قالمىغاندۇ....-دېيىشلىرنىمۇ ئاڭلىماستىن،تېلېفوننى ۋارقىراپلا قويىۋېتىدىغان بولۇپ كەتتىم.ھەتتا بەزىدە تېلېفون قىلىپ سورۇندىكىلەرنىڭ ئالدىدا <يۈزۈمنى>چۈشۈرسە،ئۆيگە كېلىپ دەردىمنى ئالىدىغانمۇ بوپ كەتتىم تېخى!...... ئەركىن دەپ بىر ئاغىنىمىز بولىدىغان،مۇشۇ جاھاندىكى ھەممە قىزلارنى شۇلا تونۇيدىغاندەك نۇرغۇن قىزلار بىلەن تونۇشاتتى.مۇشۇ سورۇن قۇرىدىغانلارنىڭ ئىچىدىمۇ ئەركىن ھەممىدىن كۆڭلۈمگە ياقاتتى.چۈنكى ئۇ ھەر قېتىم يېڭى-يېڭى قىزلارنى چاقىرىپ سورۇن قۇراتتى.بىر كۈنى ئۆيدە ياتسام ئەركىن تېلېفون قىپ قالدى: -ۋوووووي....دا لوبەن،بارمۇ ئۆزلىرى؟ يامان كەم دىدار بوپ كەتتىلە جۇما! -با دەيمە،ئۆزەڭچۇ ئاداش قانداقراق تۇردۇڭ؟نېمە ئىشلاربىلەن يۈرۈيسەن؟،-ئۇنىڭ تېلېفوندىكى خۇشچاخچاق ئاۋازىدىنلا،بۈگۈن <ياخشى>ئىشنىڭ بارلىقىنى سېزىپ ئىچىمدە خۇش بولۇپ كەتكەن ئىدىم. -ئاڭلىسام ئۆزلىرىنى چىشى ئاغرىپ قاپتۇ دەيدۇ،يامان يۇمران <پاقلان>لار بار،چىشلىرىغا داۋا بولۇپ قالار،بىر مېھمان قىلىۋالمايما؟ -پاقلان يەيدىغان ئىش بولسا يانمايمىز جۇما ئاداش ھى ..ھى..ھى....،-ئۇ كەچتە <ئاتەش>رېستۇرانىدا كۈتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تېلېفوننى قويۇۋەتتى.مىيقىدا كۈلۈپ ئولتۇرسام ئايالىم: -ئۇلار سىزنى بەك كۆپ قېتىم پاقلان سويۇپ مېھمان قىلىپ كەتتى.بىزمۇ ئۇلارنى ئۆيىگە چاقىرىپ مېھمان قىلىۋالساق بولاتتى،-دېگىنىنى ئاڭلاپ تاس قالدىم ئاغزىمدىكى چاينى پۈركىۋەتكىلى . ئايالىمنىڭ ساددىلىق بىلەن ئېيتقان سۆزلىرىنى ئاڭلاپ بىر تەرەپتىن شۇنداق كۈلگۈم كەلدى . يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنىڭدىن شۇنداق سۆيۈندۈم . نېمىلا دېگەن بىلەن ئايالىم يەنىلا ماڭا ئىشىنىدۇ جۇما! كەچتە مەن كەلگەن چېغىمدا ھەممىسى كېلىپ بولغان ئىدى . ئۇلار بىلەن بىر قۇر كۆرۈشۈپ چىقتىم . ئەركىن قولىغا رومكا ئېلىپ : -ئوماق خانلىرىم ، سىلەرنى دەپ ئاياللىرىغا <چىش ئاغرىقى>نى باھانە قىلىپ ، ماقۇل دېگەنلىرىگە ئەكىلىپ ، ياق ، بارماڭ دېگەنلىرگە ۋاقىراپ دېگەندەك ئاران كەلگەن ئەزىز دوستلۇرۇمنى بىر تونۇشتۇرۋېتەي.مانا ماۋۇ ئاغىنەمنىڭ ئىسمى ئادىل<قىزىل> .ساپسېرىق ئالتۇندەكلا تۇرمامدۇ دەپ قالماڭلار،ئۇ بىرلا قىزىرىپ ھۆرپىيىدىغان بولسا ھەرقانداق تىجارەتتىن پايدا ئالىدۇ.لېكىن خاتىرجەم بولۇڭلار،سىلەرگە ھەرگىز قىزىرىپلا <پايدا>ئالمايدۇ . بۇنداق يەرلەردە ئۇ بەك مەرت جۇما ! ماۋۇ ئاغىنەم بولسا سادىق ، ماۋۇ بولسا مامۇت...ئۇ شۇنداق قىززىق گەپلەر بىلەن ھەممىمىزنى ئۆزئارا تونۇشتۇرۇپ چىقتى.سورۇن بارا -بارا ئەۋجىگە چىقىشقا باشلىدى.بىر -بىرگە مەيلى چۈشۈپ قالغانلار <ئۆيدىكىلەر ئەنسىرەيتتى>دېگەن باھانە بىلەن قوپۇشقا تەمشىلەتتى .  ھەممىمىز خېلى كۆپ ئىچىۋالغاچقا تارتىنىش دېگەن يوقلا بوپ كەتكەن ئىدى . مەنمۇ دىلنار ئىسىملىك بىر قىز بىلەن خېلىلا چىقىشىپ قالدىم . بىراق ئۇ مەن بىلەن قايتىشقا ئۇنىماي تۇرىۋالدى . مەنمۇ ئۇنى دەپ بېقىپ ، بۇنى دەپ بېقىپ ئاخىر مەست بولۇپ كەتتىم ، مېنى بىرەر مېھمانخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ كېتىڭ دەپ چىڭ تۇرۋالدىم . ئۇمۇ ئامالسىز ماقۇل بولدى -دە ، مېنى بىر مېھمانخانىغا ئورۇنلاشتۇردى . لېفىتتىن چىققۇچە ئۇنىڭغا مەھكەم ئېسىلىۋالدىم . ئۇ قىزىرىپ تۇرۇپ مەندىن ئۆزىنى قاچۇردى . ئۇنىڭ شۇ چاغدىكى ھالىتى مېنى تېخىمۇ ئۆزىگە تارتىۋاتاتتى...كۆپ ئىشلار يادىمدا يوق . پەقەت ئۇنىڭ كېتىمەن دەپ ماڭغىنى ۋە ئۇنىڭغا چاپلىشىۋالغىنىم غۇۋا ئېسىمدە ، ئويغانسام ئۇ چاچلىرىنى يۇلۇپ يىغلاپ ئولتۇرۇپتۇ . -نېمە بولدى ؟نېمانچە ئەمدى ؟ بولدى جېنىم يىغلىماڭ..... -سىز مېنى نابۇت قىلدىڭىز؟مەن ئەمدى باشقىلارنىڭ يۈزىگە قانداق قارايمەن ؟ ھۈ.......ئۇنىڭ شۇنچە ئېچىنىشلىق يىغلىغىنىغا قاراپ كىرلىككە سەپ سالدىم . راستىنلا مەن بىر <قىز>نى نابۇت قىلغان ئىدىم . مېڭەمگە بىر ئاغرىق كىرىپ كەتتى  .شۇنچە يىلدىن بېرى ئويناپ يۈرگىنىم بىلەن بۇنداق.....ھەي!بىر تەرەپتىن ئۆزۈمگە ئاچچىقىم كەلسە ، ئۆزۈمنىڭ ئوغلۇم ئۆيلەنگىدەك بولۇپ قالغاندىمۇ ئويناپ يۈرگىنىمگە ئاچچىقىم كەلمىگەن بىلەن قىز بالا تۇرۇپ <بىزدەك>ئادەملەر بار سورۇنغا بارغان دىلنارغا تېخىمۇ ئاچچىقىم كەلدى : -قىز بالا دېگەنگە ئۇنداق سورۇندا نېمە بار -ھە ؟ ئىززىتىڭىزنى ساقلاپ ئۆيدە ئولتۇرسىڭىز بولمامتى ؟ دادىڭىزدەك ئادەملەرنىڭ سورۇنىدا سىزگە نېمە بار ؟،-دەپ بىرمۇنچە كايىپ كەتتىم . يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنىڭغا شۇنچىلىك ئىچىم ئاغرىدى . مەن مۇشۇ يېشىمدا ئۆزۈمنى بىلمەي ئويناپ يۈرۈيمەنۇ.....ھەي!ئۇمۇ بەلكىم بۇنداق بولۇشىنى بىلمىگەندۇ..مەن ئۇنى نابۇت قىلدىم ، ئەمدى ئۇنىڭغا ئىگە بولمىسام بولمايدۇ دەپ ئويلاپ ئۇنىڭغا: -خاتىرجەم بولۇڭ!مەن سىزگە ئىگە بولىمەن !،-دېدىم  . ئۇ ماڭا شۇنچىلىك ئۆچمەنلىك بىلەن قاراپ  ،شۇنداق ئۇزۇن ئۇھ تارتتى.......دوستلۇرۇمنىڭ ياردىمىدە ئۇنى ئۆزەمگە زورلاپ نىكاھلىتىۋالدىم . ئۇ قوشۇلماي ھەتتا مەن بىلەن كۆرۈشكىلىمۇ ئۇنىماي يۈردى . ئەمما ئەركىن ئوتتۇرىغا چۈشۈپ بۇ ئىشلانى ئوڭشاپ ، نىكاھىمىزنى ئوقۇتۇشۇمغا ياردەملەشتى.... شۇ ئىشلار بىلەن مېنىڭ <ئىككى>خوتۇنلۇق تۇرمۇشۇم  داۋاملاشقىلىمۇ 2 يىل بولۇپ قالدى . ئۇ دەسلىپىدە ماڭا يەنىلا ئوچۇق چىراي ئاچماي يۈردى . ۋاقىت ئۇزارغانچە ئۇمۇ كۆنۈپ قالدى بولغاي ، ماڭا ئۇنچە ئۆچمەنلىك قىلمايدىغان بولدى . ئۇنىڭدىن ئۇقسام ئەركىن ئۇنىڭغا : -ئەگەر سىز ماقۇل بولمىسىڭىز ،ئۇ ئۆيىڭىزگە كىرىپ بولغان ئىشلارنى دەپ ئاندىن نىكاھىمغا ئالىمەن ،-دېدى دەپ ئۇنى ماقۇل كەلتۈرۈپتىكەن . ئۇ ئەلۋەتتە ئاتا -ئانىسىنىڭ بۇ گەپلەنى ئاڭلاپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ-دە! ئەركىننىڭ بۇنداق ئەقىلنى ئويلاپ چىققىنىغا ھەيران بولدۇم.بەلكىم ئۇمۇ ئۆزىنىڭ كىچىك خوتۇنىنى شۇ ئامال بىلەن نىكاھلىۋالغان بولغىيتتى . مەنمۇ خېلى ئادەم ئالداشقا ماھىر بولۇپ قاپتىمەن.2 يىلدىن بېرى ھېچكىمگە چاندۇرماي يۈردۈم دەپ ئويلاپ يۈرۈپتىمەن.بىراق ئايالىم بۇ ئىشلارنى بىلىپ بولغان ئىكەن.گەرچە ئۇ مېنىڭ كىمنى خوتۇن قىلىۋالغىنىمنى بىلمىسىمۇ ،مېنىڭ 2-خوتۇنۇمنىڭ بارلىقىنى خېلى بۇرۇنلا بىلگەن ئىكەن.بىر كۈنى ئۇ ماڭا: -نېمە ئىشلارنى قىلىۋاتقانلىرىنى مېنى بىلمەيدۇ ، بۇ دۆت قورسقىغا كىرگەن ناننىلا بىلىدۇ دەپ قالمىسىلا . ھەممە ئىشتىن خەۋىرىم بار!مەندىن قورقۇپ گەپ قىلماي يۈرگەن ئوخشايدۇمۇ دەپ قالمىسلا ، پەقەت چوڭلا بولۇپ قالغان ئوغلىمىزنى ، چىقارغۇدەك بولۇپ قالغان قىزىمىزنىڭ كېيىنلىكىنى دەپلا ، يەنە بىرسى 30 يىلغا يېقىن ئۆي تۇتۇپتۇق  .بۇ سەتچىلىكلەر چۇۋۇلۇپ چىقسا بۇندىن كېيىن بىر -بىرىمىزگە قارىيالماي قالمايلى،تېخىمۇ نەپرىتىم ئۆرلەپ بالىلىرىمنى بەخىتسىز قىلىپ قويماي ، ئاشۇنداق بىر ئەخلاقسىز دادىسى باركەن دېسە ، خەق قۇدا بولۇشقا ئۇنىماي قالمىسۇن دەپ چىداپ كەلدىم . ئوغلىمىز مۇراتنىڭ قىز دوستى بار ئىكەن . ئۇنىڭ بولسىمۇ غېمىدىن خالاس بولايلى دېدىم . ئالدىمىزدىكى ھەپتە ئۇ شۇ قىزنى ئۆيگە ئېلىپ كېلىدىغان بولدى . خەۋەر تېپىپ قالسىلا ! بىلمەي قېلىپ يانا ئۇ كۈنى يۇندىغا چىلاشقىلى كېتىپ قالمىسىلا!...،- دەپ يىغلاپ كەتكىنىنى كۆرۈپ كاللام قۇپقۇرۇق بولۇپ قالدى.ھېچكىم بىلمىدى دېگەن ئىشىم ئەسلى ئاللىقاچان بايقىلىپ بوپتىكەن -دە!خوتۇن سەن ھەقىقەتەن غەيرەتلىككەنسەن . پەرىشتە سۈپەتكەنسەن   . بىراق مەنچۇ ؟ مەن نېمە ئىشلارنى قىلمىدىم -ھە!ئاشۇ بالىلار مېنىڭمۇ بالام ئىدىغۇ؟شۇلار تۇغۇلغاندا ،بولۇپمۇ تۇنجى پەرزەنتىم ئوغلۇم تۇغۇلغاندا كۆزلۈرۈمگە ياش ئېلىپ ئوغلۇمنى سۆيۈپ كەتكەنتىمغۇ؟...ھەي!! ئەمدى بۇ ئىشلاردىن قول ئۈزۈش نىيتىگە كېلىپ ،دىلنارغا ئەمدى ئاخىرلاشتۇرايلى ،ئۆي ساڭا قالسۇن دېدىم .ئۇمۇ تارتىشمايلا قوشۇلدى .ئەمدى ھەقىقىي ئادەم بولىمەن دەپ يۈرگەن كۈنلىرىمدە ئوغلۇم قىز دوستىنى ئۆيگە ئېلىپ كەلدى . سافادا كىتاب ئوقۇپ ئولتۇرۇپ ئۇلارنىڭ كەلگىنىنىمۇ تۇيماپتىمەن . ئوغلۇم : -دادا ، بۇ مېنىڭ قىز دوستۇم.....،-دېگىنىدە تاسلا قالدىم يىقىلىپ چۈشكىلى . مەن نېمىنى كۆردۈم -ھە! ئالدىمدىكى قىز دىلنار ئىدى . دىلنارنىڭمۇ چىرايى ئاقىرىپ كەتتى . ئايالىم چىرايىمدىكى ئۆزگىرىشلەرگە قاراپلا بىلىپ بولدى ، لېكىن چاندۇرمىدى . ئوغلۇمنىڭ يۈرىكىگە داغ قالدۇرۇشنى خالىمىدى . ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ قىزنى تاماققا تەكلىپ قىلدى . تاماق ۋاقتىدا پەقەت ئوغلۇم بىلەن ئايالىمنىڭلا ئانچە -مۇنچە گەپلىرى ئاڭلانغاندىن باشقا جىمجىتلا يېيىلدى . تاماقتىن كېيىن ئايالىم ئوغلۇم بىلەن ئىككىمىزنى باغنى ئايلىنىپ كىرىشكە بۇيرىدى ، مەن ئۆيۈمنى داچا شەكلىدە سېلىۋالغان ئىدىم . ئۆيىمىزنىڭ ئارقىسىدا كىچىككىنە بېغىمىزمۇ بار ئىدى  . كاللام ئېغىرلىشىپ ، ئۆزۈمنى قويىدىغان يەر تاپالماي قالدىم . ئوغلۇم ئىچكىرىدە تۇرۇپ تىجارەت قىلىدىغان بولغاچقا ، ئۇنىڭ قىز دوستىنىڭ ئىشلىرىنى بىلمەسلىكى ئېنىق ئىدى . يىلدىمۇ 2 ھېيتتىن باشقا نەچچە قېتىملا قايتىپ كېلەلەيدىغان ئوغلۇم بۇ ئىشلارنى ھەرگىز بىلمەيتتى.ئۇنىڭ خۇشاللىق بىلەن ماڭا گەپ قىلىۋاتقان چىرايىغا قاراپ ئاللادىن ئۆزۈمگە ئۆلۈم تىلىدىم.تۇيۇقسىز ئۆيدىن ۋارقىراشقان ئاۋازلار ئاڭلاندى . يۈگۈرۈپ كىرسەك ، ئايالىم بىلەن دىلنار ۋارقىراشقىلى تۇرۇپت ۇ. بىز كىرگەن ۋاقتىمىزدا دىلنار : -ئۆزۈڭ قانچىلىك نېمىلەتىڭ -ھە!ھەممە ئىپلاسلىق سەنلەردىن چىقىدۇ !،-دەپ ئايالىمغا ۋارقىراۋاتاتتى . ئوغلۇم بارغىنىچە دىلنارنىڭ تەستىكىگە بىرنى سالدى-دە : -سەن ئاپامغا تىل سېلىۋاتامسەن ؟ يوقىلە كۆزۈمدىن ...دەپلا تەستەككە بىرنى سېلىپ تالاغا ئىتتىرىۋەتتى . دىلنار يۈگۈرگەن پېتى چىقىپ كەتتى . ئوغلۇم ئايالىمدىن زادى نېمە بولغانلىقىنى سورىدى . ھەمدە ئاشۇنداق بىر ئەدەپسىز قىزنى بۇ ئۆيگە ئېلىپ كەلگىنىگە پۇشايمان قىلغانلىقىنى ، ئەمدى ھەرگىز ئىزدىمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى . ئايالىم نېمە بولغانلىقىنى ئېنىق ئېيىتمىدى . پەقەتلا : - گەپ تالىشىپ قالدۇق ، پىكىرىمىز بىر يەردىن چىقماي قالدى . ئۇ قىز ھاكاۋۇر ، چوڭلارنى ھۆرمەتلىمەيدىغان قىزكەن . گىپىم قۇلىقىغا ياقماي قېلىپ تىللاپ كەتتى . ئەمدى ئۇنىڭ بىلەن يۈزتۇرانە ئەمەس تېلېفوندىمۇ بىر قېتىم كۆرۈشۈپ قالساڭ مەن سەندىن رازى ئەمەس! مېنى ئانام دېمە!،-دەپ يىغلاپ كەتتى . ئوغلۇم ئانىسىغا ھەرگىز ئۇنداق قىلمايدىغىنىنى ئېيتىپ ، ھۇجرا ئۆيىگە كىرىپ كەتتى . ئايالىمغا قاراپ ئۆزۈممۇ بىلمەيلا كۆزۈمدىن ياش چىقىپ كەتتى . ئۇ مەندەك بىر دادىنىڭ بالىلار ئالدىدىكى ئوبرازى ، ئاتىلىق سۈپىتىنىڭ يوقالماسلىقى ، بالىلىرىمنىڭ يۈزىنى كۆتۈرەلمەي قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ، مەندەك بىر ئازغان ، ئازغاندىمۇ چوڭ ئازغان مەندەك بىر دادىنى ساقلاپ قالدى . ئىسىت  ، ئۆزۈمنى ئادەم دەپ يۈرگىنىم ،اللا ماڭا <مانا مانىمۇ كۆرۈپ قوي!>قىلغان ئەتكەنلىرىم ئۈچۈن يەتتە دوزاخ ئازابىدىنمۇ ئۆتە بىر ئازاپنى كۆرسەتتى.......ئوغلۇم كاللامنى سەگىتىپ كېلەي دەپ يانا ئىچكىرىگە كەتتى . ئۇ ھېچ ئىشنى بىلمىگەنلىكتىن مەن بىلەن قۇچاقلىشىپ خوشلاشتى . ئۇ مېنى قۇچاقلىغاندا بەدىنىم كۆيگەندەك بولدى  . چۈنكى ئوغلۇمنىڭ 4 يىللىق مۇھەببىتى بەربات بولدى...ئوغلۇم  ، مەن......داداڭ بولۇشقا لايىق ئەمەس ، مەن بىر ئازغۇن مەن...


    -تۈگىدى


         -مەنبە ئۆز قەلىمىم بۇ مېنىڭ بىر سەپەردىشىمنىڭ بېشىدىن ئۆتكۈزگەنلىرى!ھەممىزنىڭ كۆڭلىگە اللا ئىنساپ بەرسۇن!ھەرگىزمۇ ئەتىدىكى <مەن>بوپ قالمايلى قېرىنداشلىرىم!

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 2

تىللا
175
تۆھپە
37
UID
3988
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاتائاللا ناھايتى سەۋىرچان،بەزى بەندىلىرىگە ئۇدۇنيادا كۆرسەتسە،بەزى بەندىللىرىگە بۇ دۇنيادىلا كۆرسىتىدۇ.ئىبرەت!ئىبرەت!ئىبرەت!


Rank: 1

تىللا
8
تۆھپە
3
UID
18360
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قانداق تىمىكىن دەپ كىتىپتىمەن


Rank: 8Rank: 8

تىللا
1214
تۆھپە
791
UID
4983

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەي قالدىم. ئىلگىرى ‹ئۇيەردە مۇنداق ئىش بوپتۇ، بۇيەردە بۇنداق ئىش بوپتۇ› دېگەننى كۆپ ئاڭلىغان، لېكىن بىر يەردە تۇرۇپ بىلمەي قالامدۇ دەپ ئويلاپتىكەنمەن. بۇھەقىقى ۋەقە بولسا، بەزىلەر ھەقىقەتەن كاللىنى سىلكىيدىغان يەرگە كېلىپتۇ.


Rank: 6Rank: 6

تىللا
843
تۆھپە
176
UID
20124
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنۇڭغا نىمە دىگۈلىك .بۇ دۇنيادا ھەرخىل ئىشلا بۇلۇپ  تۇردىكەن.ئبرەت ئاللى ھەممىمىز،


Rank: 4

ئىسىمى
تۇرغۇنجان
تىللا
257
تۆھپە
105
UID
16645
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي بۇ قانداق گەپ بوپ كەتتى ئەمدى


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئەيسا بەگ
تىللا
555
تۆھپە
203
UID
4779
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راسىت ئىشلار خاتىرىسىما؟ ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟


دۇنيا ئىبرەت بىلەن تولغان،شۇنىڭدەك ئىبرەت ئالمىغۇچىلارنىڭ كۆز-ياشلىرى بىلەنمۇ تولغان!.    ‹‹داغ››دىن

......ھايۋاننى چۈشىنىش ئۈچۈن كۆپ ۋاقت كەتمەيدۇ ، ئادەمنى چۈشىنىش ئۈچۈن بىر ئۆمۈر يەتمەيدۇ .....

Rank: 1

تىللا
38
تۆھپە
12
UID
22730
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەخلاق جەھەتتە زور بۇزۇلۇش ،ئىبرەت ئالايلى!


Rank: 3Rank: 3

تىللا
224
تۆھپە
36
UID
252
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە بىر قېتىم كۆرگىنىمدىن خوشالمەن .


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مەخپىي
تىللا
595
تۆھپە
202
UID
404
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راست بولغان ئىش ئىكەنلىكىگە ھەيران قېلىۋاتىمەن!!.....................


چوڭراق نەپەس ئېلىشتىنمۇ قورقىدىغان بولۇپ كەتتۇق....
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-8-13 13:01, Processed in 0.085665 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991