توپ ئوقىنى كىم ئەڭ ئاۋال بايقىغان
جەڭ ئاياغلاشقاندىن كېيىن ئۈچ ئەسكەر مۇنداق تالاش - تارتىش قىلىشتى .
ئا : مەن توپ ئوقىنىڭ ئېتىلغان ئاۋازىنى ئاڭلىدىم . شۇڭا ، توپ ئوقىنى مەن ئەڭ ئاۋۋال بايقىغان بولىمەن. ب : ئۇنداق ئەمەس ، مەن ئاۋۋال بايقىغان . چۈنكى ، مەن توپ ئوقىنىڭ يەرگە چۈشۈپ پارتىلىغانلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم. س: ئەمەلىيەتتە مەن ئەڭ ئاۋۋال بايقىغان . چۈنكى مەن دۈشمەن توپ ئوقىنىڭ توپ ئېغىزىدىن ئېتىلغان چاغدىكى يالت قىلىپ چاقنىغان نۇرنى كۆردۈم .
سىزنىڭچە ئا ، ب ، س دىن ئىبارەت بۇ ئۈچ ئەسكەرنىڭ ئىچىدە كىم ئەڭ ئاۋۋال زەمبىرەك ئوقىنى بايقىغان ؟
ئويلاپ بېقىڭلار زادى كىم ئاۋۋال بايقىغاندۇ؟
|