تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 107525|ئىنكاس: 64

ئۇيغۇرلاردا مۇنداق چولپانلارمۇ بار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

تىللا
68
تۆھپە
54
UID
21172
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئۇيغۇرلاردا مۇنداق چولپانلارمۇ بار


艾合麦提江 .jpg


     ئۇيغۇرلارنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى، دۇنيا گىتار ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن تالانتلىق گىتار ماھىرى، ئوت يۈرەك مۇزىكانت، ئىقتىدارلىق ناخشىچى مەرھۇم ئەخمەتجان مەمتىمىن 1969ـ يىلى 10ـ ئاينىڭ 4ـ كۈنى تۇغۇلۇپ، 1991ـ يىلى 6ـ ئاينىڭ 13ـ كۈنى ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇ گەرچە ئاران 22 يىل ئۆمۈر كۆرگەن بولسىمۇ، ئۆمرىدە 15 يىلدىن ئارتۇق مۇزىكا بىلەن شۇغۇللانغان ھەمدە نۇرغۇن ناخشا - مۇزىكىلارنى ئۆزى ئىجاد قىلىپ، خەلقىمىزگە سوۋغا قىلغان.
ئۇ 4 يېشىدىن باشلاپ ساز چېلىشنى ئۆگىنىشكە باشلاپ، ئۈزلۈكسىز مەشىق قىلىپ، ئىمتىھان ئارقىلىق 7 يېشىدا خوتەن ۋىلايەتلىك ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكىگە قوبۇل قىلىنغان. شۇنىڭدىن باشلاپ ئىزچىل خوتەن ۋىلايەتلىك ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكىدە ئىشلەپ، نۇرغۇنلىغان ئېسىل ناخشا - مۇزىكىلارنى ئىجاد قىلغان. ئۇ ئۆزى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن خوتەن دىيارىنىڭ چوڭ - كىچىك مەيدانلىرىدا ئويۇن قويغاندىن سىرت، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى ۋىلايەت - ناھىيەلەردە ھەتتا، بىر قانچە قېتىم خەلقئارالىق، مەملىكەتلىك، ئاپتونۇم رايونلۇق سەھنىلەردە ئويۇن قويۇپ، ھەر قايسى ئەل خەلقلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ۋە ياقتۇرىشىغا مۇيەسسەر بولغان. شۇنداقلا ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن.
    ئۇ قىسقىغىنە ھاياتىدا «كىرىپ قاپتۇ ئانام چۈشۈمگە»، «قاپقارادۇ قاشلارىڭ»، «پاھ، سېنىڭ سۇمبۇل چاچلىرىڭ»، «ئانا»، «ياشلىق كۈيى»، «توي ناخشىسى»، «كەلمىدىڭ»، «تەنھا»، «ئۆزھال مۇقامىدىن ئارىيە»... قاتارلىق 50 دىن ئارتۇق ئېسىل، تاللانغان، شوخ ناخشا - مۇزىكىلارنى ئۆزى ئىجاد قىلغان ۋە بىر قانچە قاپلىق ئۈنئالغۇ لېنتىلىرى ۋە VCDپلاستىنكىلىرى نەشىر قىلىنغان. شۇنداقلا شۇ نادىر ناخشا - مۇزىكىلرىنى سەھنىلەردە يۇقىرى ماھارەت بىلەن ئورۇنلاپ، ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ ياقتۇرۇپ ئاڭلىشىغا ۋە يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ ناخشلىرى 80ـ 90ـ يىللاردا مودا بولۇپ كەلگەن. ھازىرمۇ ئۇنىڭ ناخشلىرى قىممىتىنى يوقاتقىنى يوق...
ئۇ بىزدىن ناھايىتى تېزلا ۋاقىتسىز ئايرىلغان بولسىمۇ، خەلقىمىزنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ ھايات! ناخشلىرى ھەر ۋاقىت خەلقىمىز بىلەن بىللە!

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 8Rank: 8

تىللا
1214
تۆھپە
791
UID
4983

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەتلىك، زەھەرنىڭ خەتىرىنى بىلمەيدىغان چاغلاردا ئارىمىزدىن بىرىنچى تۈركۈم قۇربانلىق بولغانلارنىڭ ۋەكىلى.
ناخشىلىرىنى بەك ياقتۇرۇپ ئاڭلايمەن.


Rank: 4

ئىسىمى
زاھىرجان
تىللا
409
تۆھپە
152
UID
20416
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەخمەتجاننىڭ ئۆزگىچە ئۇسلوبى كىشىنى قايىل قىلىدۇ! ئەمما تۇلىمۇ ئەپسۇس!!!................


       ئۇ بىر ياخشى سەنئەتكار ئىدى.........


Rank: 2

تىللا
78
تۆھپە
26
UID
12628
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
★Jackie★  يوللىغان ۋاقتى  2012-8-7 11:39
رەھمەتلىك، زەھەرنىڭ خەتىرىنى بىلمەيدىغان چاغلاردا ئا ...

ئەپەندىم! دادىڭىز ئەخمەتجان زەھەر چىكىپ ئۆلۈپ كەتكەن دەپ ھىكايە قىلىپ سۆزلەپ بەرگەنمىتى؟؟؟؟  شۇڭا كەلسە كەلمەس جۆيلۈپ، ئۇنىڭ نامىغا داغ تەككۈزمەڭ!!!!   راستىنى ئاللاھ بىلىدۇ!!


Rank: 4

تىللا
273
تۆھپە
137
UID
11161
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇمۇ بىر  ئاللاھ نىڭ ئورۇنلاشتۇرشى،  رەھمەتلىكنىڭ  رىسقىنى شۇنچىلىك پۈتكەن بولغىيتى .ئاللاھ گۇناھلىرىمىزنى مەغپىرەت  قىلسۇن


Rank: 8Rank: 8

تىللا
1144
تۆھپە
766
UID
990

ئاۋانگارت ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گىتتار دېگەننى خەلق ناخشىللىرى ۋە مۇقاملارغىمۇ ئالامەت چېلىپ قوياتتى،90-80يللادىكى سەئەت ئاسمىنىدا چاقنىغان يۇلتۇز ئىدى.
مەرھۇمنى چوڭقۇر سېغىنىش ئىچىدە ئەسلەيمىز.


Rank: 1

تىللا
37
تۆھپە
13
UID
20599
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راس دەيدۇ...ئەخمەتجان مەمتىمىننىڭ ئۆلۈمى ئۇيغۇر خەلقى ئارسىدا تا ھازىرغىچە بىر سىر بولۇپ كەلمەكتە ...  ئاق چىكىپ ئۆلۈپتۇ دېگەن گەپنى ئارىمىزدىكى بەزىبىرلەر ئويدۇرۇپ چىققان.
بەلكىم دېققەت قىلغان بولىشىڭلار مومكىن ئەخمەتجاننىڭ ئوڭ پۇتى سول پۇتىدىن سەل ئۇزۇن ، ماڭغاندا بىلىنەر بىلىنمەس ئاقساپ ماڭىدۇ، ئەينى ۋاقىتتا ئەخمەتجاننىڭ مىيىتىنى ئەكەلگەندە ئەخمەتجاننىڭ ئاپىسى مىيىتنىڭ پۇتىنىڭ ئۇزۇن قىسقىلىقىنىڭ ئوخشاشلىقىنى ،ئوغلى ئەخمەتجاننىڭ بولسا ئوڭ پۇتىنىڭ سول پۇتىدىن سەل قىسقا ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ئۆز ئوغلى ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلغان ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەخمەتجان دەپ ئەكەلگەن مىيىتنىڭ چىرايى بۇزۇلۇپ كەتكەن بولۇپ ، ئەخمەتجاننىڭ ئاپىسى بۇ جەسەتنىڭ ئۆز ئوغلىنىڭ جەسىتى ئىكەنلىكىگە زادىلا ئىشىنمىگەن ئىكەن .....
دېمەك ئەخمەت گىتارنىڭ ئۆلۈمى تا ھازىرغىچە بىر سىر بولۇپ ، تورداشلارنىڭ قالايمىقان پەرەز بىلەن مەرھۇم سەنئەتكارنىڭ نامىغا داغ تەككۈزمەسلىكىڭلارنى سورايمەن.....


Rank: 2

ئىسىمى
نىجات
تىللا
101
تۆھپە
25
UID
14674
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەخمەتجان زادى نېمە بولۇپ ئۆلۈپ كەتكەن؟ قاتناش ۋەقەسىدىمۇ ياكى باشقا سەۋەبتىنمۇ؟ بىلىدىغانلار ئۇچۇر بەرسەڭلار!


Rank: 2

ئىسىمى
نىجات
تىللا
101
تۆھپە
25
UID
14674
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قانداق تۈگەپ كەتكەن ئۇ رەھمەتلىك؟


Rank: 6Rank: 6

تىللا
843
تۆھپە
176
UID
20124
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەتلىكنىڭ ‹‹كىرىپ قاپتۇ ئانام چۇشۇمگە›› دىگەن ناخشىسى بەك ياخشتى،تورنى شۇنچە ئىزدەپمۇ تاپالمىدىم بىرەسىڭلىدا بوسا يولاپ قويساڭلار بوپتىكەن،


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-8-13 13:01, Processed in 0.080994 second(s), 29 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991