تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 75854|ئىنكاس: 90

جالاپ ئەرلەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

تىللا
34
تۆھپە
12
UID
22305
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

جالاپ ئەرلەر





مەمىتمىن غوپۇر (يادىكار)






ئەل ئۈچۈن باغرى ئاتەش كاۋاپ ئەرلەر ،

بار لېكىن تۈگەتكۈسىز ساناپ ئەرلەر .

تېكىنى بولغىنىدەك قىزىلگۈلنىڭ ،

يوق ئەمەس ئارىمىزدا جالاپ ئەرلەر …






بىر ئوبدان ئائىلىسى ، ئۆيى تۇرۇپ ،

بېغىدا پۇرايدىغان گۈلى تۇرۇپ .

قاترايدۇ ھەممە ياققا جالاپ ئەرلەر،

چاڭقىسا ئىچىدىغان سۈيى تۇرۇپ …






سۆزلىرى شېرىن – شىكەر بالدىن تاتلىق ،

ئىزلەيدۇ شاختىن- شاخقا قونۇپ شادلىق .

ئۆكۈنمەس مەنزىلىگە جالاپ ئەرلەر ،

پىيادە قايتىپ كەلسە بېرىپ ئاتلىق …






بىر دەملىك خوش قىلماقلىق كۆڭلىنى ئۇ ،

چۈشەنمەس چىن ئەقىدە ،سۆيگۈنى ئۇ .

رەزىلدۇر ھايۋاندىنمۇ جالاپ ئەرلەر ،

مىكىردە تۇتقان ئۇستاز تۈلكىنى ئۇ …






ئويلىماس مىللەت نېمە ، ئىززەت نېمە ،

ئىنسانغا كېرەك بولغان قىممەت نېمە .

بىلمەيدۇ ۋىجدان نېمە جالاپ ئەرلەر ،

غۇرۇرنى ساقلايدىغان زىننەت نېمە …







پوق يەيدۇ ئىتمۇ تاللاپ ئۇ تاللىماس ،

ئۇ ياخىشى بۇ يامان دەپ يا ئايرىماس .

بۇلغانغان تامام ئەقلى جالاپ ئەرلەر ،

كىم كېرەك ، كىم كېرەكسىز ئۇ شاللىماس …







بىلمەيدۇ ئار- نومۇسنى ھاياسى يوق ،

پەسلىكتە يېتىدىغان باھاسى يوق .

ئوخشايدۇ بىر ئىبلىسقا جالاپ ئەرلەر ،

كېسەل ئۇ ساقايمايدۇ ، داۋاسى يوق …







ئاتقاندا خەقنىڭ خوتۇن -قىزىغا قاش ،

ئاتقاندۇر دېمەس كىملەر ئۆگزەمگە تاش .

زەھەرلىك بىر يىلاندۇر جالاپ ئەرلەر ،

ئاپىرار گۆرگە سۆرەپ شۇنداق ياشاش …






ئويلىماس ئوينىغاندا ئانىسنى،

سىڭلىسى ،ئوماق قىزى -بالىسىنى .

يۈزلىرى تۆكۈلىسىمۇ جالاپ ئەرلەر ،

سىلكىمەس يەنە قاتتىق كاللىسىنى …






سورىساڭ دەيدۇ ئويۇن ياشاش دېگەن ،

كۆڭلىدە يوقتۇر ئۇنىڭ ئاياش دېگەن .

يوق ئۇندا ئادىمىيلىك، جالاپ ئەرلەر ،

چاڭ سالار دوست رىسقىغا ئاداش دېگەن …






قارىساڭ دىدارىغا شۇنچە خۈنۈك ،

كېتىدۇ تۇرۇپ كۆرسە ،گۆردە ئۆلۈك .

ئوخشايدۇ گاھ چايانغا  جالاپ ئەرلەر ،

سالىدۇ شەيتانغىمۇ نۇقتا – چۈلۈك…






قىلىقى ھايۋاندنىمۇ بەتتەر ئۇنىڭ ،

قوينىدا باردۇر بسسىز خەنجەر ئۇنىڭ .

بولمايدۇ ئەمما ئاگاھ  جالاپ ئەرلەر ،

يولىمۇ ماڭغان ئەسلى خەتەر ئۇنىڭ …






خوتۇنى قالار يالغۇز تالاي تۈنلەپ ،

تەڭرىگە قىلىپ نالە ئاچچىق ئۈنلەپ .

بولغاچقا ئالا كۆڭۈل جالاپ ئەرلەر ،

سوقۇشار ئۆزگىلەردىن كۈندە كۈنلەپ …





بۇزدى ئۇ چاڭگىسىنى تالاي قۇشنىڭ ،

ياكى ئۇ ئەۋلادىمۇ شۇ ھۇقۇشنىڭ .

پۈتكەنمۇيا ھارامدىن جالاپ ئەرلەر ،

مەھسۇلى بولۇپ ئاشنا ئاھ تۇتۇشنىڭ …






ھەيرانمەن ھەتتا نەۋرە كۆرگەندىمۇ ،

ئاتمىشقا يېقىنلىشىپ يۈرگەندىمۇ .

قالماسكەن خۇي -پەيلىدىن  جالاپ ئەرلەر ،

ئەزرائىل رەنجىپ قاپاق تۈرگەندىمۇ …






توۋا دەپ تالاي قېتىم تۇتتۇم ياقا ،

دېدىم ھەم شۇنداق ياشاپ نېمە جاپا .

شۈركەندىم قىلمىشىدىن جالاپ ئەرلەر ،

سوققاچقا چوتىنى دائىم شۇنداق  خاتا …






قىلمايدۇ پېسەنت ئەلنىڭ نەپرىتىگە ،

زوقلىنار قاراپ قىلغان پەسلىكىگە .

خۇمسىدۇر تەڭدىشى يوق جالاپ ئەرلەر ،

ئوخشايدۇ بۇ دۇنيانىڭ ئەخلىتىگە …






يوقتەكلا بۇ ئالەمنىڭ تارازىسى ،

بىر كۈنى سورايدىغان ھەم قازىسى .

يۈرۈيدۇ شىلتىڭ ئېتىپ جالاپ ئەرلەر ،

يوقتەكلا ھەم تەڭرىنىڭ ئارغامچىسى …






يامرىدى ھەممە ياقتا مانا ئەيدىز ،

يانمىدى ئارقىسىغا ئۇلار ھەرگىز .

ياشايدۇ ئۆلۈم يوقتەك جالاپ ئەرلەر ،

ئويلىماس بۇلارنى ھەم قەدىرسىز …






خۇلاسە :ئەجەل كەلسە باشلىرىغا ،

قىلمايدۇ ئەلمۇ پېسەنت ياشلىرىغا .

شۇمبۇيا ئەلگە ئۈنگەن جالاپ ئەرلەر ،

لايىقتۇر مەڭگۈ لەنەت تاشلىرىغا ….



2012-8

باشقا مۇنبەرلەرگە رۇخسەتسىز كۆچۈرمەڭ.


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

تىللا
559
تۆھپە
270
UID
2910
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمىدىگەن  ياخشى  تېما  بۇ  .
بۇنى  كۆرگەن  بۇزۇق  ئەر  ئاياللار  ئىبىرەت  ئالسا بولغۇدەك  .


Rank: 6Rank: 6

تىللا
559
تۆھپە
270
UID
2910
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت  تېمىڭىزغا  .  قەلەم  قۇۋۋىتىڭىزگە  قايىلمەن . يارايسىز .


Rank: 1

تىللا
38
تۆھپە
12
UID
22730
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2-قەۋەتتتىكى خانقىز يازغان ئىنكاسىڭىزنىڭ  مەنىسىگە دىققەت قىلىڭ !{:


Rank: 2

تىللا
78
تۆھپە
26
UID
12628
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ شىئېردىن ئاپتۇرنىڭ قەلەم قۇۋتىنىڭ كۈچلۈكلىكىنى ھىس قىلالمىدىم!!!      يامانلار ئۈچۈن قوشاق تۇقۇپ ئاۋارە بولغىچە  ياخشىلار ئۈچۈن مىسرا يېزىڭ!! يامانلارننى ئېلان قىلىپ نامى چىقىرىشنىڭ ئورنى يوق، پەقەت ياخشى كىشىلەر قوشاق تۇقۇپ تەرىپلەشكە لايىق!!!    ئىچىمىزدىكى ياخشى كىشىلەرنىمۇ ماختاپ بىرە تال ئەسەر، بىرە تال شىئېر يېزىپ باقساق بىزنى بىرسى تىللىمايدۇ!


Rank: 1

تىللا
34
تۆھپە
12
UID
22305
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇ تەبىقىدىكلەرگە قارىتا ئازىراق تەسىر قىلىش   قىممىتى بولۇپ قالار دىگەن مەخسەتتە يىزىلغان ..


Rank: 4

تىللا
273
تۆھپە
137
UID
11161
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شېرنى يازغۇچە  ئاچىغى بەك كەلگەن چېغى .شۇنداق كىشىلەرمۇ يوقمۇ ئەمەس بار .ئەمدى ھەر ياخشىنىڭ -يامىنى  بىللە كەلگەندەك ئۇ  'جاللاپ ئەرلەرمۇ '  ئۆزلىرىنى تېپىۋالا


Rank: 4

تىللا
406
تۆھپە
152
UID
6455
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جالاپ ئەرلەر! بۇمۇنبەردە ئورنىڭلار يوق جالاپ ئەرلەر!   رەھمەت  تېمىڭىزغا   بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   يۇلغۇن1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-7 13:32  



Rank: 1

تىللا
6
تۆھپە
2
UID
22919
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مونبەرگە ئونداقلار كىرىپ ۋاقىتىنى ‹.ئسراپ ›قىلمايدو...


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
چالقۇشى
تىللا
523
تۆھپە
298
UID
13725
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خو!!!!!!~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-8-13 13:01, Processed in 0.086083 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991