كۆرۈش: 45390|ئىنكاس: 18

سېرىق فىلىم كۆرىدىغان <ئەخلاقلىق> بالا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
مۇھەممەت
تىللا
231
تۆھپە
60
UID
20636
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-30 21:50:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

سېرىق فىلىم كۆرىدىغان <ئەخلاقلىق> بالا



    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .تۆۋەندىكى بايان ھەقىقىي بولغان ۋەقە .ئىبرەت ئۈچۈن يوللاندى .
    مېنىڭ بىر تونۇشۇم بار .بەكمۇ ئاقكۆڭۈل ،مېھماندوست ۋە تىرىشچان.ئۇنىڭ بالىسىغا بولغان تەربىيەسىگە گەپ كەتمەيدۇ .بالىسىنى كىچىكىدىن باشلاپ چوڭلارغا ھۆرمەت قىلىدىغان ،دىنىي ئىسلامدا چىڭ قىلىپ تەربىيىلىگەندەك قىلغان ئىدى.لېكىن ئۇلارنىڭ تەربىيەسىدىكى بىر خاتالىق ئاتىسى تەربىيە قىلغاندا ئانىسى ئارىلىشىۋالاتتى .دائىم شۇنداق بولاتتى .شۇڭا بۇ بالا كىچىكىدىن ئازراق تومۇرچى بولۇپ چوڭ بولدى.لېكىن بۇ بالا يەنىلا نۇرغۇن بالىلارغا ئۈلگە بولالايدىغان خىسلەتلەرنى يىتىلدۈرۈپ بولغان ئىدى.ئىشقىلىپ بۇ بالىنىڭ تاشقى قىياپىتىدىن مەن شۇنداق دەپ قارىغان ئىدىم .
    لېكىن بۇ بالا بىلەن مېنىڭ ئوتتۇرامدا سادىر بولغان بىر قېتىملىق ۋەقە مېنى بەكمۇ ئەپسۇسلاندۇردى ،بەكمۇ چوڭقۇر ئۇف دېگۈزىۋەتتى .
    ئۇلارنىڭ ئۆيىگە دائىم بېرىپ تۇراتتىم .ئۇ مېنى ئۆز ئاكىسى ئورنىدا كۆرەتتى .دادىسى بىلەن پاراڭلىرىمىز بەكمۇ بىر يەردىن چىقاتتى .بەزىدە خېلى ئۇزۇنغىچە پاراڭ قىلساقمۇ پاراڭلىرىمىز تۈگىمەيتتى .
    بىر كۈنى ئادىتىم بويىچە ئۇلارنىڭ ئۆيىگە باردىم .ئۇنىڭ ئاتىسى ئۆيدە يوق بولۇپ چىقتى .ناماز شام ۋاقتى بولغاچقا ناماز شامنى ئوقىۋېلىپ ئاتىسىنى ئازراق ساقلىماق بولدۇم .قارىسام بۇ بالا تور ئويىنى ئويناۋاتقان ئىدى .مەن تورغا چىقىپ ئازراق تېما يازماق بولۇپ ئۇنىڭدىن كومپيۇتېرنى ئالدىم .ئۇ ماڭا كومپىيۇتېرنى بېرىپ دەرس تەكرار قىلغىلى چىقىپ كەتتى .مەن ئادرېس رامكىسىدا تورلار بولسا بىۋاستە بېسىپلا كىرەي دەپ ،ئادرېس رامكىسىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى تۆۋەنگە قارىغان ئىسىترىلكىنى باستىم .شۇ ھامان  يېقىندا زىيارەت قىلىنغان ئونغا يېقىن تور بېكەت ئادرېسلىرى چىقتى .مەن بۇ ئادرېسلارغا قاراپ داڭ قېتىپ تۇرۇپلا قالدىم .نېمىنى كۆردۈم دېمەمسىز ،بۇ ئادرىسلارنىڭ ئىچىدە ئېنگىلىزچە تەرجىمىدە سېرىق كارتون فىلىم مەنىسىنى ئىپادىلەيدىغاندەك  ئۈچ دانە ئادرېس توراتتى.مەن بۇنى كۆرۈپ دەلىللەپ بېقىش ئۈچۈن بۇ ئادرېسلارنى بېسىپ كىرىپ باقتىم .ئاھ خۇدا كۆزگە ئالغۇسىز سېرىق فىلىملەرنىڭ توپى ئىكەن .بەت ئاستىدا ھەقىقىي پېرسۇناژلار رول ئالىدىغان سېرىق فىلىم تور بېكەتلەرنىڭ رەسىملىك ئۇلىنىشى تۇراتتى .مەن  بۇلارنى كۆرۈپ قاتتىق غەزەپلەندىم ،قوللىرىم تىترەپ كېتىۋاتاتتى .مەن كومپيوتېرنىڭ ۋاقىتلىق ساقلىغۇچىنى ئېچىپ باقتىم .تەكشۈرۈپ باقسام بۇ تور بېكەتلەردىن كۆرگەن فىلىملەر مانا مەن دەپ تۇراتتى .مەن ئىسپات ئۈچۈن بۇ فىلىملەرنى كۆچۈرۈپ چىقىپ كومپيوتېرنىڭ بىر دېسكا رايونىغا ھۆججەت ساقلىغۇچ تەسىس قىلىپ، ئىسپات ئۈچۈن ساقلاپ قويدۇم .كۆزلىرىم غەزەپتىن قىزىرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىر ئۆزەم سېزىمەن .كومپيۇتېرنىڭ زەربىسىگە ئېغىرراق ئۇچرىغان سول كۆزۈمدىن ياش ئۆزلىكىدىن ئېقىپ كەتتى .ئۇنىڭ ماڭا ۋە باشقىلارغا شۇ قەدەر ئەخلاقلىق مۇئامىلىسى ، ياسىن ،تابارەكلەرنى يات ئوقىشى ،ۋە قۇرئاننىڭ خالىغان جايلىرىدىن تۈرتەلمەي ئوقۇشلىرى بىلەن ماۋۇ ئەھۋال مۇناسىپ كەلمىدى .مەن ئۇنى يېنىمغا چاقىردىم .ھەمدە بۇ ئەھۋالنى سورىدىم .ئۇ بۇ ئادرېسلارنى بىر ساۋاقدىشى چ چ توپىدا ئەۋەتىپ بەرگەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ پەقەت بىرلا قېتىم چېكىپ بېقىپ قايتا ئاچمىغانلىقىنى دېدى .مەن ئۇنىڭ قاراپ تۇرۇپ يالغان سۆزلەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ غەزىپىم تېخىمۇ تېشىپ كەتتى .
    مەن ئۇنىڭغا مېنىڭ  ئاللىقاچان ئۇنىڭ بۇ قىلمىشىنى تەكشۈرۈپ بولغانلىقىمنى، يالغان سۆزلىمەسلىكىنى دەپ تۇرىۋالدىم . ئۇ ئاخىرى راست گەپ قىلدى .ئۇ بۇ ئادرېسلارنى سىنىپىنىڭ چ چ توپى ئارقىلىق بىلگەندىن كېيىن، دائىم مۇشۇ ئادرېسلاردىن سېرىق فىلىم كۆرىدىكەن .بولۇپمۇ مۇشۇ تەتىلدە ئاتا-ئانىسى يوق چاغلاردا ئوغۇرلۇقچە كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتتى .بۇ ئەھۋالنىڭ سىنىپىدا بەكمۇ ئومۇميۈزلۈك ئىكەنلىكىنى دېدى .بۇنى ئاڭلاپ،مەن بەكمۇ ئۈمۈدسىزلەندىم ،بەكمۇ ھەيران بولدۇم .بۇلارنىڭ پەقەت بىر چۈش ئىكەنلىكىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتىم .مەن ئاسانلىقچە يىغلىمايتتىم .لېكىن ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ بولغىچە ئىككى كۆزۈمدىن ياشلار قانداق ئاققانلىقىنى بىلمەيمەن .ئۇمۇ ماڭا قاراپ ئۈنسېلىپ يىغلاپ كەتتى .ئۇنىڭ شەيتاننىڭ ئىسكەنجىسىگە چۈشۈپ قالغانلىقىنى پەملىدىم .ئۇنىڭ سېرىق فىلىم كۆرۈشكە خۇمار بولۇپ قالغانلىقى مانا مەن دەپ چىقىپلا تۇراتتى .
    مەن سەل ئۆزەمنى بېسىۋېلىپ ،ئۇنىڭغا ئۇنىڭ بۇ قىلمىشىنىڭ ئەشەددىي ئېغىر گۇناھ ئىكەنلىكىنى،شەرىئەت قانۇنىدا قاتتىق جازا بېرىلدىغانلىقىنى ،ئەڭ مۇھىمى، تەۋبە قىلالماي ئۆلۈپ كېتىپ قالسا ئۇ دۇنيادا قاقشاتقۇچ جازاغا ئۇچرايدىغانلىقىنى، بۇ قىلمىشىنىڭ ئۆزىنى زىنا يولىغا ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى، زىناخورغا ئەگەر توي قىلغان بولسا چالما كېسەك قىلىنىپ ئۆلتۈرۈش  جازاسى، ئەگەر توي قىلمىغان بولسا 100 دەررە يەنى خۇددى خۇەنجۇ گې گې فىلىمىدىكى يوغان سەككىز قىرلىق تاياقتەك دەررە بىلەن ئۇرۇش  جازاسى بېرىلىدىغانلىقىنى ،قەبرە دۇنياسىدا ۋە دوزاقتا بەكمۇ قاتتىق جازاغا ئۇچرايدىغانلىقىنى دېدىم .ھەمدە ئۇنىڭغا ئۇنىڭ بۇ قىلمىشى تەسىرىدىن  قىزلار بىلەن زىنا قىلىپ قالسا  ،مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسى ئانىلىرىنى بۇلغايدىغانلىقىنى ،ھەمدە مۇناپىق سۈپەتكە كېلىپ، مىللىي مۇناپىق ۋە دىنىي مۇناپىق سانىلىدىغانلىقىنى دېدىم .ئۇ سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ ھۆڭرەپ يىغلاپ كەتتى .ئاھ ،ئەمدىگىنە 15 ياشقا كىرگەن بالا ھە؟بىز 15 ياش ۋاقىتلاردا تاسادىپەن قوللىرىمىز قىزلارنىڭ قوللىرىغا تېگىپ كەتسە يۈزىمىز قىزىرىپ كېتەتتى .ھازىرقى بالىلاردىكى بۇزۇلۇش نېمىدىگەن دەھشەت ھە؟؟؟؟
    ئۇ ماڭا بۇنداق ئىشلارنىڭ مەكتىپىدە بەكمۇ ئومۇمىيۈزلۈك ئىكەنلىكىنى ،تېخى ئاز ساندا  قىزلارنىڭمۇ كۆرىدىغانلىقىنى دېدى. ئۇ دائىم ساۋاقداشلار يىغىلىشلىرىغا بارمىسا ئۇنى مازاق قىلىپ<ئۆي ئەركىكى> يەنى<宅男> دېگەن ئاتاققا قېلىۋاتقانلىقىنى، ھەتتا  سېرىق فىلىملارنى قول تېلېفۇنلارغا سولاپ مەكتەپكە ئاپىرىپ كۆرىدىغانلارنىڭ بار ئىكەنلىكىنى دېدى.ھەمدە ساۋاقداشلار چ چ توپلىرىدا بۇنداق ئادرېسلارنىڭ دائىم ئەۋەتىلىپ تۇرىلىدىغانلىقىنى دېدى.ھەمدە كومپيۇتېرىدىكى بۇ تور ئادرېسلارنى بىر ساۋاقدىشى ئەۋەتىپ بەرگەنلىكىنى ئۆزىنىڭ ھەرگىز توردىن ئىزدەپ تاپمىغانلىقىنى ئېيتتى .
    ئۇنىڭ بۇ ئىقرارلىرىدىن مەسىلىنىڭ بەكمۇ ئېغىر، ھەتتا ۋەھشى ئېغىرلىقىنى ھېس قىلدىم .ئائىلىلىرىمىزدە ئاتا ئانىلارنىڭ قىز- ئوغۇللىرىمىزغا زىنا تەربىيەسىنىڭ بەكمۇ سۇس ياكى يوق ئىكەنلىكىنى پەملىدىم .
    بۇ ئىشلاردىن شۇنى ھېس قىلدىمكى ئۆزىمىز ئۆيدە يوق چاغلاردا بالىلىرىمىزغا ھەرگىز كومپيۇتېرنى ئېچىپ بەرمىسەك ،ئۇلارنىڭ تورلاردىكى ئىش ھەرىكىتىنى كۆزىتىپ تۇرساق دېگەن ئويغا كەلدىم .بۇ سەبىي بالىلىرىمىز بۇ سېرىق تور بىكەتلەرنى ئۆزلىرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىزدەپ يۈرمەيدۇ .بەلكى باشقا يامان يولغا كىرىپ قالغان ئاز ساندىكى بالىلار چ چ لار ياكى باشقا ئالاقىلىشىش ۋاستىلىرى ئارقىلىق تارقىتىدۇ .
    ئۇ ماڭا يىغلاپ تۇرۇپ يالۋۇرۇپ بۇ ئىشلارنى ھەرگىز ئاتىسىغا دېمەسلىكىمنى بولمىسا بەك ئۇرىۋېتىدىغانلىقىنى دەپ تۇرۋالدى. مەن ئەسلى بۇ ئىشلارنى ئۇنىڭ دادىسىغا دېمەسلىك قارارىغىمۇ كېلىپ باققان ئىدىم .لېكىن ئاساسلىق زىنا تەربىيەسى قىلغۇچى يەنىلا ئۇنىڭ ئاتىسى ئىكەنلىكىنى بىلىدىغانلىقىم ئۈچۈن ،ئۆيدىن سىرتقا چىقىپ ئۇنىڭ ئاتىسىغا تېلېفۇننى باستىم .ئاتىسى ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن ،ئۇمۇ قاتتىق ھەيران بولدى ۋە دەرغەزەپكە كەلدى .ھەمدە ماڭا رەھمەت ئېيتىپ ،بۇ ئىشنى ۋاقتىدا خەۋەر قىلغانلىقىنىڭ بەكمۇ ياخشى بولغانلىقىنى ،بولمىسا ئۆزىنىڭ تولدۇرۇۋالغۇسىز ئازاپتا قالىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ،دەرھال ئۆيىگە بېرىپ تەربىيە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى .
ئەي ئاتىلار !!!ئاي ئانىلار بىزدە سىلكىنىش بولغاي !!!بىزدە ئويغىنىش بولغاي!!!ئادەمدەك ياشايدىغان بىر ئەۋلات تەربىيەلەشكە تىرىشايلى!!!
تەۋسىيە :
مېنىڭ بۇ سۆزلىرىمگە ئىشەنمىسىڭىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 9-10-11 دا ئوقۇۋاتقان ئۇكىلىرىڭىز ياكى بالىڭىز بولسا بۇ ئەھۋاللارنى سۈرۈشتۈرۈپ بېقىڭ .
بۇ ئىشلار ئويدۇرما ياكى قۇتراتقۇلۇق قىلغان ئىشلار ئەمەس ،ئەمەلىيەت .
مەنبە:
http://bbs.12tagh.com/

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئابدۇرېھىمجان ئاتاۋۇللا
تىللا
1182
تۆھپە
507
UID
4607
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-30 22:50:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىلبۇزۇردا بىرىلىۋاتقان ھۆسىن تۈزەشكە دائىرئىلانلار، يەنە ئاللىقانداق جىنسىي كىسەللىكلەرنى داۋالاش ئىلانلىرى، ئامىرىكىنىڭ لاۋزا كىنولىرى، ھورمونلۇق يىمەكلىكلەر بالىلىرنىڭ بالدۇر يىتىلىپ قىلىشىنى ۋە جىنسىي غىدىقلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، بىزنىڭ قورۇدىكى ئەمدى باشلانغۇچنىڭ 2-3-سىنىپلىرىدا ئوقىيدىغان بالىلارنىڭ قىلىقلرىنى...ھەي! ئىغىزغا ئالغۇسىز، ھەتتا بەزى جايلاردا كىچىك تۇرۇپ...  
        ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا كۆڭۈل بۆلمىسە، مۇشۇ توغىرسىدىكى تەربىيەنى ۋاقتىدا كۈچەيتىپ، نازارەت قىلىپ تۇرمىسا بولمايدىغان يەرگە يىتىپتۇ.
             تېما يوللىغۇچىغا رەھمەت


Rank: 4

تىللا
278
تۆھپە
156
UID
21793
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-30 22:55:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللا ھەممىنى كۇرۇپ تۇرغۇچى .


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مەڭلىسا
تىللا
917
تۆھپە
587
UID
13924
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-30 23:41:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ سەل قاراشقا بولمايدىغان ئىشكەن تېمىڭىزگە رەخمەت


Rank: 4

تىللا
321
تۆھپە
154
UID
21734
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 01:10:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توۋا راس دەيسىلە   مەۋجۈت مۇشۇنداق ئىشلا


Rank: 4

ئىسىمى
قۇياش
تىللا
395
تۆھپە
204
UID
17035
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 11:21:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راست دەيسىلەر ھازىرقى پەن تېخنىكىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى بىزنىڭ باللىرىمىزنى بالدۇر يېتىلدۇرۇۋاتىدۇ، ئالدىنقى كۇنى بىر تېلۋىزىيە تىياتىرى كۆرۈۋاتقان ئىدۇق ، مەن ياتاق ئۇيدىن بىر نەرسە ئېلىپ كىرسەم تېلۋىزوردىكى باش پىرسۇناژ يىغلاپ ئولتۇرىدۇ، مەن ئايالىمدىن بۇنىڭغا نىمە بولدى دىسەم ، ئالتە ياشلىق قىزىم  «بۇ قىزبالىنىڭ بويىدا قاپتۇ ، ھېلىقى ئەر مېنىڭ ئەمەس دىدى ،شۇڭا يىغلاۋاتىدۇ»... دىمەسمۇ ، ئەر ئايال ئىككىمىز بىر بىرىمىزگە قاراپ تۇرۇپلا قالدۇق.   
ئاتا ئانىلار باللار بىلەن ھەرگىز تېلۋىزىيە تىياتىرلىرىنى تەڭ كۆرمەڭلەر بولدى ، باللىلار بىلەن باللار پروگراممىلىرى ، كۆڭۈل ئېچىش پروگراممىلىرى ، قونچاق ، تەنتەربىيە ، خەۋەر كۆرۈڭلەر ، باللارنىڭ ئىدىيەسى ھازىردىن باشلاپ مۇنداق تەرەققىي قىلىپ كەتسە ئەتە ئۆگۇن باشقۇرۇش تەس كېلىدۇ جۇمۇ ...


ئاداققىچە كۇلەلىگەن ئادەم ھەقىقىي يەڭگۇچىدۇر!!!

Rank: 8Rank: 8

تىللا
1578
تۆھپە
756
UID
2263
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 16:33:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتا بولغۇچى تورنى بىر قوللۇق چىڭ تۇتۇسۇن
باللارغا پۇرسەت بىرىشكە بولمايدۇ.


Rank: 8Rank: 8

تىللا
1305
تۆھپە
692
UID
2930

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 17:20:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالىلارنىڭ بۇ ئىشىغا سەل قارىساق بولمايدۇ


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
گۈلزىنە
تىللا
348
تۆھپە
229
UID
9404
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-1 13:03:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي ھازىرقى باللارنى زە ،كۆپ خىل تەرەپلەرنىڭ سەلبى تەسرى تۈپەيلى ،‹گۈدەك ›دىگەن ئاتالغۇلارغا ئىرشەلمەيلا مۇددەتتىن بۇرۇن قېرېپ كىتدىغان بولدى دە


Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
زىلالە
تىللا
156
تۆھپە
77
UID
12376
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-1 13:21:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالىنى كىيمى پۈتۈن، قورسىقى توق قىلىسىلا باققان بولمايدۇ.....ئەخلاق تەربىيىسىنى ئەڭ ئاۋال چىڭ تۇتۇپ ئېلىپ بېرىشى كېرەك......بولمىسا بۇلار مىللەتنى بۇلغايدۇ.....


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-4 12:19, Processed in 0.082130 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991