تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 1292|ئىنكاس: 6

قوشنا قەدىرى[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

تىللا
197
تۆھپە
141
UID
16228
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 00:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

قوشنا قەدىرى



    بىر ئايال خوجىلىق ئىشخانىسىغا كىرىپ، «مەن مۇشۇ بىناغا كۆچۈپ كىرگەندىن بۇيان ئۆيۈمدىكى ئەخلەتلەرنى كۈندە ئىشىك ئالدىغا قويۇپ قويسام تازىلىقچى ئېلىپ كېتەتتى، بىر نەچچە كۈن بولدى، ئىششىك ئالدىمدىكى ئەخلەتلەر دۆۋىلىنىپ كەتتى، بۇ تازىلىقچى كېلىپ ھېچ ئېلىپ كەتمىدى» دەپ ئۇلارغا نارازىلىق بىلدۈرۈپتۇ.
خوجىلىق شىركىتىنىڭ دېرىكتورى ئۇنىڭغا: «بىزنىڭ بۇ قورۇدا تازىلىقچىلار پەقەتلا ئەخلەت چېلىكىگە مەسئۇل، ئۇلارنىڭ ئىشىك ئالدىغىچە بېرىپ ئەخلەت يىغىدىغان مەسئۇلىيىتى يوق» دەپ چۈشەندۈرۈپتۇ.
    ئەمما بۇ ئايال بۇ گەپكە ئىشەنمەپتۇ. خوجىلىق شىركىتىنىڭ دېرىكتورى ئامالسىز «ئەھدىنامە»نى ئېلىپ ئۇنىڭغا كۆرسىتىپتۇ. ئۇ «ئەھدىنامە»دىكى نىزاملارنىڭ ھەقىقەتەن بۇ دېرىكتورنىڭ دېگىنى بىلەن ئوخشاش ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ تېڭىرقاپ تۇرۇپ قاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر تازىلىقچى بۇ ئايالغا: «سىز 701-ئۆيدە تۇرىسىزغۇ دەيمەن، سىزنىڭ ھەر كۈنى ئىشىك ئالدىغا قويۇپ قويغان ئەخلەتلىرىڭىزنى 702-ئۆيدىكى بوۋاي دائىم سىز ئۈچۈن ئەخلەت چىلىكىگە ئاپىرىپ تاشلىۋېتەتتى، ھازىر ئۇ بوۋاي كۆچۈپ كەتتى» دەپتۇ.
    ئايال تازىلىقچىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ بوۋاينىڭ ئالىيجاناپ خىسلىتىدىن بەكمۇ تەسىرلىنىپتۇ ۋە گەرچە ئۆزى بوۋاي بىلەن شۇنچە ئۇزۇن قوشنا ئولتۇرغان بولسىمۇ، بىراق بىرەر قېتىم ئۇنىڭ بىلەن ئوچۇق-يورۇق سالاملىشىپ باقمىغىنىغا ناھايىتى پۇشايمان قىپتۇ.      (ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن ئېلىندى)

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 4

تىللا
230
تۆھپە
118
UID
11161
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 13:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق    ھازىر    خوشنىلار    ئارا    مۇناسىۋەت    سۇسلىشىپ     كەتتى .   


Rank: 6Rank: 6

تىللا
987
تۆھپە
520
UID
2930

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 16:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر ئۇرۇق تۇققانلار ئارا مۇناسىۋەت سۇسلىشىپ كەتسە  خوشنىلار    ئارا    مۇناسىۋەتتىن سۆز ئاچقىلى بۇلامدۇ


Rank: 4

تىللا
393
تۆھپە
80
UID
20124
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 17:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەمىمىز ئۈزمىزدىن باشلاپ  تىرشىپ باقايلى.چۇقۇم ئۈنمى بۇلدۇ.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
古丽仙
تىللا
1287
تۆھپە
488
UID
7115

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 20:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزىدە يىراقتىكى تۇققاندىن يىقىندىكى قوشناڭ ياخشى


Rank: 8Rank: 8

تىللا
869
تۆھپە
760
UID
18149

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 07:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ خوشنىدارچىلىق ھازىرمۇ يىزلاردا ھەر ھالدا ياخشى لىكىن شۇ شەھەرلەردە بولوپمۇ بىنالاردا ئۇلتىراقلىشۋاتقان.
يولداشلىرمىزدا بارغانچە يوقالماقتا.بەزەنلىرى ھەتتا .بىر يىلدىن ئاشقان خوشنىلىرنىڭ ئىمىنى  ياكى ئاھالىسىدە نەچچە ئادەم بارلىغىنىمۇ بىلمەيدىكەن . بۇنىڭدىكى ئاساسى1- سەۋەپ.؛ئۇلار تۇرمۇش ھەلەكچىلىگىدە بەكلا ئالدىراش.؛2-ئۇلار ئۇزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇشقا ۋاقىت ئورون شارائىت كەمچىل.3-ئۇلار ئۈز ئىدارە ياكى خىزمەت ئوروندىكىلەر بىلەن مىلىكە بولشۇپ . بۇ خوشنىلارغا سەل قارايدۇ4-ئۇلاردا يۇقرى تۇرمۇش خارەكتىرى يىتىلگەشكە.ھىچكىم بىرىپ بىر بىرسىنىڭ ئالدىراپ بىرىپ ئىشگىنى چەكمەيدۇ.5-بىرسى كۇزگە ئىلماسلىق بولسا يەنە بىرى جۇرەت قىلاماسلىق بىلەن بۇىىل خوشنىدارچىلىق بارغانچە يوقلوش گىرداۋىغا بىرىپ قالماقتا..؛مەنچە بولسا بىز بۇ ئىشلارنى .ئۇزئارا سالاملىشىشتىن باشلىساق .؛.بەك ياخشى  ئۇنىمى بولارمىكىن.؛


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
سەرۋى
تىللا
829
تۆھپە
333
UID
15884
يوللىغان ۋاقتى 4 سائەت ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                 قوشنا بولساڭ يۆلەك بول ،
                 بولمىسا بۆلەك بول .


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-7-24 15:02, Processed in 0.102731 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991