باشقىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىشنىڭ پرىنسىپى
1.چىراي-قىياپىتى باشقىلارنى بىزار قىلمايدىغان بولۇش، ئەگەر چىرايلىق بولمىسا، ئىقتىدارلىق بولۇش كېرەك. ئەگەر ئىقتىدارىمۇ بولمىسا، ئۇنداقتا داۋاملىق كۈلۈمسىرەپ تۇرۇش كېرەك.
2. مىجەز-خاراكتېرى ئىنتايىن مۇھىم. ئەگەر مودا بولۇشنى بىلمىسە، ئەڭ ياخشىسى ساددا، ساپ بولۇش كېرەك.
3. باشقىلار بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەندە، ئۇزاقراق تۇتۇپ تۇرۇش كېرەك. سەمىمىيىلىك بىر گۆھەر.
4. ھەممە سۆزگە «مەن» دېگەننى قوشۇپ ئىشلىتىش ھاجەتسىز.
5. دوستلىرىدىن پۇل قەرز ئالماسلىق.
6. دوستلىرىدىن ئۆزىنىڭ ئائىلە رەسىملىرىنى كۆرۈشكە قىستىماسلىق.
7. تاكسىغا چىققاندا، شوپۇرنىڭ يېنىدىكى ئورۇندا تالىشىپ ئولتۇرۇش.
8. باشقىلارنىڭ كەينىدىن ياخشى گېپىنى قىلىش، بۇ ياخشى گەپلەرنىڭ ئىگىسىنىڭ قۇلىقىغا يەتمەسلىكىدىن ئەندىشە قىلماسلىق.
9. باشقىلار سىزنىڭ ئالدىڭىزدا مەلۇم كىشىنىڭ يامان گېپىنى قىلغاندا، سىز پەقەت كۈلۈپلا قويۇڭ.
10. ماشىنا ھەيدىگەندە ھەرگىزمۇ توختاپ ۋېلسىپىت مىنگەن خىزمەتدىشىڭىز بىلەن سالاملاشماڭ. بولمىسا باشقىلار سىزنى كۆز-كۆز قىلۋاتقان ئوخشايدۇ دەپ قالىدۇ.
11. خىزمەتدىشىڭىز ئاغرىپ قېلىپ يوقلاپ بارغاندا ئۇنىڭ كارۋېتىدا ئولتۇرۇڭ. ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن قوللىرىڭىزنى ئەستايدىللىق بىلەن يۇيۇڭ.
12. ئۆتكەن ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى باشقىلارغا دەپ يۈرمەڭ.
13. سىزنى ياقتۇرمايدىغان كىشىلەرنى ھۆرمەتلەڭ.
14. ئىشقا قارىتىڭ، ئادەمگە قاراتماڭ. ئىشقا رەھىمسىز بولسىڭىزمۇ، ئادەمگە رەھىمدىل بولۇڭ ياكى ئادەم بولۇشنى بىرىنچى ئورۇنغا، ئىش قىلىشنى ئىككىنچى ئورۇنغا قويۇڭ.
15. ئۆزىڭىزنى تەنقىد قىلسىڭىز باشقىلار ئىشنىدۇ، ئۆزىڭىزنى ماختىسىڭىز ھېچكىم ئىشەنمەيدۇ.
16. باشقىلارنى ماختاش ۋە ئالقىشلاشتا پىخسىقلىق قىلماسلىق.
17. باشقىلارنىڭ سىزگە بولغان ياخشىلىقىنى بولۇشقا تېگىشلىك ئىش دەپ قارىماڭ. رەھمەت ئېيتىشنى بىلىڭ.
18. ناھايىتى ياخشى ئاڭلىغۇچىدىن بولۇشنى ئۆگىنىۋېلىڭ.
19. خەۋەرلىشىش ئۆيىدىكى ئۇستام بىلەن تازلىق قىلىدىغان ئايالنى ھۆرمەتلەڭ.
20. بەزىدە ئېنىق بىلسىڭىزمۇ قەستەن «ئالماس ئۈزۈكىڭىز ناھايىتى قىممەتمۇ؟» دەپ سوراڭ. بەزىدە سورىغىڭىز كەلسىمۇ سورىماڭ. مەسىلەن: نەچچە ياشقا كىردىڭىز؟ دېگەندەك.
21. گەپ قىلغاندا «بىز» دەپ باشلاشنى ئۆگىنىۋېلىڭ.
22. سەھنىگە چىقىپ ناخشا ئېيتقانلارغا چاۋاك چېلىڭ.
23. كۆپ سۆزلىسە خاتالىق كۆرۈلىدۇ. شۇڭا ئادەم كۆپ سورۇندا ئاز سۆزلەش كېرەك.
24. ئېغىزىڭىزدىن چىقمىغان «ياق» دېگەن سۆزنى «بۇنىڭغا ۋاقىت كېتىدۇ»، «مەن تىرىشىپ باقاي»، «ئېنىق بىر نەرسە دېيەلمەيمەن»، «مەن قارار قىلغاندىن كېيىن سىزگە تېلېفون قىلاي» دېگەنلەرگە ئۆزگەرتىڭ.
25. ھەممە كىشىنىڭ ئۆزىڭىزنى ياقتۇرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىڭ. ئۇنداق بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. كۆپ سانلىق كىشىنىڭ ياخشى كۆرۈشىشى مۇۋاپىقىيەت قازانغانلىقنىڭ ئىپادىسى.
26. ئەلۋەتتە، ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىز ياخشى كۆرۈڭ.
27. ئەگەر سىز ئويۇن قويغاندا ياكى نۇتۇق سۆزلىگەندە پەقەت بىر ئادەم ئەستايدىل ئاڭلىغان بولسا، سىز داۋاملاشتۇرۇڭ. باشقىلار ئالقىشلىمىسىمۇ داۋاملاشتۇرۇڭ. چۈنكى بۇ سىزنىڭ مۇۋاپىقىيەت قازىنىش يولىڭىز. سىز باشقىلارنىڭ مۇۋاپىقىيەت قازنىشىغا ئەمەس، بەلكى ئۆزىڭىزنىڭ مۇۋاپىقيەت قازىنىشىڭىزغا قاراڭ.