كۆرۈش: 3910|ئىنكاس: 4

چىۋىن ئادەم[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

تىللا
203
تۆھپە
79
UID
9596
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-5 23:37:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

چىۋىن ئادەم



مەقسۇت ئەمىن ئەركيار


ئەينەكنىڭ يۈزىدە پارلايدۇ ئىقبال،
يۆنىلىش كۆزۈمدە يۈتكىلى نېكەم.
قانىتىم كۆيسىمۇ بۈگۈن نۇرىدا،
ئىشەنچىم يېتەرلىك،پۇتۇم مۇستەھكەم...

تىنىق ئۇ ھاياتىم،ھاياتىم تىنىق،
تاملاردا مەن ئۈسۈپ قالدى تالاي ئىز.
مۆھتاجلىق ئۈستىدە گىژىلداش كەسىپ،
«تەپسىلات»نېمە گەپ؟ئۈمىد بەك ئەزىز!

ئۈستىباش  پارقىرار مايغا چىلىنىپ،
غىزاغا قائىدە كەتمەيدۇ ھەرگىز.
پىلاننى،نىشاننى رومكىغا سولاپ،
قۇسىمەن گۈلدۈرلەپ پۇل ئاقار دېڭىز...

نەسىھەت قىلمىغىن ھەرىلەر ماڭا،
بارمايمەن ئېگىلىپ باغقا رايىم يوق.
قونداقتىن تېتىدىم قونغاق تەمىنى،
باشقىسى قۇرۇق گەپ،قورساقمۇ ھوقۇق!


01300000010387131918616980462_s.jpg



شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
نىفىت
تىللا
410
تۆھپە
256
UID
461
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-6 01:24:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىشىنى ئويغا سالىدىغان شېئىر ئىكەن .


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئىزلەنگۈچى
تىللا
822
تۆھپە
559
UID
5650
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-6 01:52:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىشىنى ئويغا سالىدىغان شېئىر ئىكەن ،مەزمۇنى خېلى چۇڭقۇركەن .


Rank: 3Rank: 3

تىللا
174
تۆھپە
89
UID
2786
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-6 08:17:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلغان ئەسەر ئىكەن.


Rank: 1

تىللا
4
تۆھپە
2
UID
14997
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-6 21:31:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىم بەك تۆۋەنمۇ نىمە؟؟ مەن قانداق ئويلاشنىمۇ بىلەلمىدىم...قانداق ياخشى يېزىلىپتۇ؟؟


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-5-31 10:26, Processed in 0.078145 second(s), 28 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991