كۆرۈش: 6069|ئىنكاس: 7

شائىر ئابدۇلئەھەد سىدىق ئالەمدىن ئۆتتى[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
بىدار قۇتلان
تىللا
436
تۆھپە
214
UID
734

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-5 20:03:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

شائىر ئابدۇلئەھەد سىدىق ئالەمدىن ئۆتتى



ئەقىدە- ئىتىقاتلىق، قەلىمى پاكىز يازغۇچى، ئاكا يوللۇق، ئىككى ئالەملىك بۇرادىرىم ئابدۇلئەھەد  سىدىق 5- ئاينىڭ 2- كۈنى ئالەمدىن ئۆتتى، ئۇ ھايات چىغىدا توردا ئېلان قىلدۇرماقچى بولغان ئەمما مېنىڭ ۋاقتىدا يوللاشقا سەل قاراپ بۈگۈنگىچە يوللاپ بولالمىغان بىر شېئىرىنى دىقىىتىڭلەرگە سۇنماقچىمەن.






باق
ئابدۇلئەھەد سىدىق
تاپ ھۇشۇڭنى دوستلۇرۇم، پەيلى ئەپئالىڭغا باق،
قۇترىغان تەتۈر قۇيۇندەك پەيلى رەپتارىڭغا باق،
بۇلغۇنۇپ پاكلانمىغان روھى ئەلپازىڭغا باق،
ئوڭغا باق ھەم سولغا باق، ئالەمگە باق،
بۇ رىئاللىق يازمىسى نامۇ ئەمالىڭغا باق.

تاپتى ئىرپان نۇرىدىن ئەقىل-پاراسەت ئۆزگىلەر،
بىر نىيەت بىرتەن بولۇپ، ئىللەتكە پەشۋا ئۇردىلەر،
ئۆم ئىناقلىق قۇدرىتىدىن جەڭگىۋار سەپ تۈزدىلەر،
ئىلىم پەن دەرياسىدا مەردانە ئالغا ئۈزدىلەر،
ئاڭا ھەيران ھەس بولۇپ، يۈرگەن ساياق ھالىڭغا باق.

رەزگى ئىللەت، شۇم زالالەت بولمىدى سەندىن جۇدا،
ياتلىشىپ ھەم زىدلىشىپ، ئۆتتۈڭ ھەمىشە ئۆزئارا،
بولدى پايخان مىللى ئەخلاق گۈللىرى شەرمى ھايا،
شۇ تۈپەيلى ناتىۋان جىسمىڭ يارا-قەلبىڭ يارا،
قۇل ئىتىپ ئەقلىڭگە مىنگەن نەپسى شەيتانىڭغا باق.

ساپ نىيەت خالىس بولۇپ، غەيرەتنى جارى ئەتمىدىڭ،
تەلىيىڭگە پال ئىچىپ، رەمبال قىشىدىن كەتمىدىڭ،
بۇ ھايات سەيناسىدا ئىجتىھات كۆرسەتمىدىڭ،
«چالا تەگكەن ئوق»كەبى مەقسەت نىشانغا يەتمىدىڭ،
ئىچ-ئىچىڭدىن ئۆرلىگەن ئوت، نالە-پۇغانىڭغا باق.

ئارقىدا قالغانلىقىڭنى تىل-يىزىققا دۆڭگىدىڭ،
كۆرسۈتۈپ تۈرلۈك سەۋەب بىر دۆۋە ئارخىپ توپلىدىڭ،
قىلمىشىڭغا ھەل بىرىپ، نوقسىاننى ياپتىڭ، يۆگىدىڭ.
ھەرنە قىلساڭ ئاقمىدى، غەپلەتتە قۇچقاچ ئوۋلىدىڭ،
شۇ تۇتامسىز تەدبىرىڭ، خەيلى ئىمكانىڭغا باق.

ئىللىتىڭگە ئوت ئېچىپ ئابدۇخالىق ئۇيغۇرى،
تەدبىرىڭنى كۆرسۈتۈپ داموللا ئابدۇقادىرى،
بىر يورۇق تاڭدىن بېشارەت بەرگەن سائادەت دىلبىرى،
ئۇشبۇ دەستۇر جەۋھىرى نەشرى ئەپكارىڭغا باق.

سىنى دەپ چەككەن رىيازەت نى- نى ئۇلۇغ ئالىملىرىڭ،
قەدرىنى خار ئەيلىدى بەدنىيەت زالىملىرىڭ،
جان تىكىپ ھۆرلۈك ئۈچۈن قىلغان كۈرەش پەلۋانلىرىڭ،
يازدى تارىخ قان بىلەن ئارىپ، ئەدىب، نازىملىرىڭ،
شۇ يورۇق تاڭدىن گۈزەل روھى پەرۋىش كارىڭغا باق،

ئەھلى ئەجداد قەرزىنى بۇرچۇڭنى ھىچ قىلماي ئادا،
ئىككى نان تاپساڭ بىرىنى داپ ئىتىپ چالدىڭ راسا،
بۇ نادانلىق ياخشىلارنىڭ بەختىنى قىلدى قارا،
كۆرمىدى كىملەر ساڭا ھۆرى-ئەركىنلىكنى راۋا،
نە ئۈچۈن دەپ ئويلۇنۇپ، پىكرى ئاسمانىڭغا باق.

بىلمىدىڭمۇ تاپقىنىڭدىن كۆپ ئىرۇر يۈتتۈرگىنىڭ،
دوستىنى قەسلەپ دۈشمىنىڭنى خوش قىلىپ كۈلدۈرگىنىڭ،
بەك يامان بولدى يەنە ئەل ئارا ئۇنتۇلغىنىڭ،
ئاڭا بائىس تەقدىرىڭنى ئۆزگىگە تۇتقۇزغىنىڭ،
يەتمىگەن «ئىز» ۋەسلىگە زارۇ ھېجرانىڭغى باق.

«ئانا يۇرت» پاجىئەسىدىن ئالمىدىڭ ئىبرەت-ساۋاق،
«كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەنگە» دوست بولۇپ ئۆتتۈڭ ئىناق،
يۇتتى«قىرلىق ئىستاكان» بولدۇڭ يەنە سالپا ساياق،
قىلدى شەيدا ماڭقۇرۇتلۇق كۆرسۈتۈپ پەرى سىياق،
يوپۇرلۇپ كەلگەن ئەزىم قەھرى تۇپانىڭغا باق.

قىلدى ئاڭقاۋ ھىسلىرىڭنى چاي، قاتار كەيپى ساپا،
مۇنچە ئىسراپ بەد قىلىقلىق بولغۇسى جانغا-جاپا،
تۇرسا شۇنداق قىسمىتىڭ سەن تېخى كىمدىن خاپا،
بۇ دالالەت دەئۋىتىمنى دېمىگىن تەنە-تاپا،
خەسكە ئوخشاش خارلىقىڭ ئاھى ئەپغانىڭغا باق.

بولدى بەس ئوڭشاپ ئۆزۈڭنى ئىمكاننى تۇت، پۇرسەتنى تۇت،
چىن ۋاپادار يار بىلىپ، ئىلمۇ ئىرپان ھېكمەتنى تۇت،
ئار نومۇس ۋىژداننى ئاقلا بىر ئۇلۇق ھېممەتنى تۇت،
ھەم ئۇيۇشقىن ئۆملىشىپ، ئىشتا ئۈنۈم قىممەتنى تۇت،
شۇندا پارلاق كەلگۈسى پەسلى دەۋرانىڭغا باق.


2004-يىل نەۋرۇز
ئاپتۇر: يەكەن ناھىيىلىك دائىمى كومىتىت ئورگىنىدىن

ئاپتۇرنىڭ قىسقىىچە تەرجىمىھالى
سەئىدىيە خاندانلىقىنىڭ پايتەختى، ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنىڭ بۆشىكى، ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ بۇلىقى، قەدىمى يەكەن دىيارىدا تۇغۇلۇپ ئۆسۈپ، كەڭ زىيالىلار ئچىدە بەلگۈلۇك تەسىرگە ئىگە بولغان مائارىپچى، ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى، لىرىك شائىر ئابدۇلئەھەد سىدىق ئەپەندى 2012.يىلى 5-ئاينىڭ2 -كۈنى كىسەللىك سەۋەبى بىلەن 61 يىشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.
مەرھۇم شائىر ئابدۇلئەھەد سىدىق 1951-يىلى7-ئايدا يەكەن ناھىيىسىنىڭ ئارال يىزا ساڭھويلا كەنتىدە ئۇقۇمۇشلۇق دىھقان، دىنى زات ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئۆز يىزىسىدا تاماملاپ، 1965-يىلى سابىق يەكەن پېداگوگىكا مەكتىپىگە ئوقۇشقا كىرىپ، 1969-يىلى پۈتتۈرۈپ، تومئۆستەڭ ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تىل-ئەدەبىات ئوقۇتقۇچىسى بولغان، ئىلگىرى-ئاخىر تومئۆستەڭ، ئارال ئوتتۇرا مەكتەپ، 4-ئوتتۇرا مەكتەپ، يەكەن دارىلمۇئەللىمىن مەكتىۋى، يەكەن ناھىيىلىك ناخشا-ئۇسۇل ئۆمىكى، يەكەن ناھىيىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومتېتى قاتارلىق ئورۇنلاردا 42 يىل خىزمەت قىلىپ، 2011-يىلى 5-ئايدا شەرەپ بىلەن پىنسىيىگە چىققان. ئۇ، يەكەن ناھىيىلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئەزاسى ئىدى.
مەرھۇم شائىر ئابدۇلئەھەد سىدىق پۈتكۈل ھاياتىدا مىللەتنىڭ مائارىپ ۋە قانۇن ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئىشلىرىدا،  ئەدەبىيات-سەنئەت جەھەتلەردە بەلگۈلۈك تۆھپە قوشقان. ئۇ بىر ئۆمۈر قەلەمنى تاشلىماي شېئىر ئىجادىيتى بىلەن شۇغۇللۇنۇپ، ھەرخىل ئىجتىمائى تىمىلاردا نۇرغۇنلىغان لىرىك شئىرلارنى ۋە زورئىجتىمائى قىممەتكە ئگە مۇلاھىزە ماقالىلارنى يىزىپ، «شىنجاڭ گېىزىتى»، «شىنجاڭ مەدەنىيىتى»، «شىنجاڭ خەلق قۇرۇلتىيى» قاتارلىق ئاپتونوم رايۇنىمىز تەۋەلىكىدىكى گىزىت-ژورناللاردا ئىلان قىلدۇرۇپ، جەمىيەتتە كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان. يىللاردىن بىرى ئىجات قىلغان شېئىرلىرى ئىچىدىن تاللاپ، «تىنىمسىز سادا» ناملىق شېئىر توپلىمىنى نەشىرگە تەييارلىغان، ئەپسۇس، ئۆمرى قىسقا كىلىپ، كىتاپنى روياپقا چىقىرىشقا ئۈلگۈرەلمەي، بۇئالەمدىن بىز بلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشتى.

مەرھۇمنىڭ ۋاپاتى پۈتكۈل مائارىپچىلار ۋە ئەدەبىيات-ئەنئەت خادىملىرى ۋە يەكەن خەلقى ئۈچۈن ئەڭ زور يوقوتۇش.
بىزمەرھۇم شائىرئابدۇلئەھەد سىدىق ئەپەندىنىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر قايغۇرىمىز ھەمدە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرى، ئۇرۇق -تۇققان قىرىنداشلىرى، دوسىت-بۇرادەرلىرىدىن سەمىمى ھال سورايمىز. مىسكىن كۆڭۈللەرگە ئاللاھدىن تەسەللى، سەۋر-تاقەت تىلەيمىز. مەرھۇم شائىر ئابدۇلئەھەد سىدىق قەبرىڭىزدە خاتىرجەم يېتىڭ.
تۆۋەندە مەرھۇم شائىر ئابدۇلئەھەد سىدىقنىڭ شاگىرتى، مەزكۇر تەرجىمىھالنى يازغۇچى مۇھەممەت مۇسا ئۇستازىنىڭ ۋاپاتىغا قايغۇرۇپ يازغان مەرسىيەنامىسىنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققىتىگە سۇنىمىز.

ئەلۋىدا ئۇستازىم
سىزنى ۋاپات بولدى دەپ ئاڭلاپ،
مۇسىبەتتە ئىگىلدى بېشىم.
ۋۇجۇدۇمنى چۇلغىدى ھەسرەت،
كۆزلىرىمدە تۆكۈلدى يېشىم.

ھازائاچتى سىزگە تەبىئەت،
ھازائاچتى مۇقام دىيارى.
ھازائاچتى يەكەن دەرياسى،
قىش پەسلىگە كۆچتى باھارى.

ئاق باغلىرى سىزگە قارلىق تاغ،
ئاق باغلىرى ئوغۇل-قىزىڭىز.
سىز كەتتىڭىز باقى ئالەمگە،
قالدى بۇندا ئۆچمەس ئىزىڭىز.

ئۆتكۈزدىڭىز ھاياتىڭىزنى،
مىللەت ئۈچۈن شامدەك كۆيدۈرۈپ.
ئادالەتنىڭ كارۋانلىرىنى،
ئىستىقبالغا تاتلىق سۆيدۈرۈپ.

يول باشلىغان ئەلگە بىرئۆمۈر،
ئەڭ مىھرىبان ئۇستاز ئىدىڭىز.
يۈرەكلەرنى ئۆمۈتلەندۈرگەن،
سىھىرگە باي شوخ ساز ئىدىڭىز.

تەگدى بىزگە ئەجەلنىڭ ئوقى،
قالدۇق بىزلەر ھەسرەتتە-داغدا.
ئۇنۇتمايمىز سىزنى مەڭگۈگە،
ئارزۇيىگىز چىچەكلەر باغدا.


2012-يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى.
ئاپتۇر: يەكەن خەلق رادىئوئىستانىسى باش تەھرىر بۆلىمىدە مۇھەرىر


تەڭسىزلىك ئىتتىپاقلىققا ئۆچ، ئىتتىپاقسىزلىق مۇقۇملۇققا.
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
نىفىت
تىللا
467
تۆھپە
279
UID
461
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-6 01:27:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇمنىڭ ۋاپاتىغا قاتتىق تەزىيە بىلدۇرىمەن . اللە مەرھۇمنىڭ گۇناھلىرىنى مەخفىرەت قىلغىن !!


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
قەلەمىي
تىللا
490
تۆھپە
272
UID
2557
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-6 12:20:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي


قەلەمىي بېلوگى
ئاچىل تېلۋېزىيسى

ئەسەرلىرىمنى رۇخسىتىمىسىز كۆچۈرمەڭ ،ئىجادىي ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلىڭ

Rank: 6Rank: 6

تىللا
770
تۆھپە
208
UID
2663
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-6 15:04:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىللىتىمىزدە ساقلانغان «ئەخلەت»لەرنى ماھىرلىق بىلەن ئېچىپ بەرگەن ئەسەر ئىكەن .ئۇلۇغ رەببىمىز مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەتىىن قىلغاي(ئامىن)!!!


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
5671
تۆھپە
2888
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-6 15:20:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەئىدىيە تەسەررۇپىنىڭ سانىزەلىلىيسى ھەق رەھمىتىگە كېتىپتۇ!
«ئۇشبۇ جاھانكى ئىككى ئىشىكلىك قەسىرگە ئوخشار،
بىرىدىن نەچچىسى كىرىپ، بىرىدىن شۇنچە چىقار.»


ئۇشبۇ جاھانكى ئىككى ئىشىكلىك قەسىرگە ئوخشار،
بىرىدىن نەچچىسى كىرىپ، بىرىدىن شۇنچە چىقار.

Rank: 6Rank: 6

تىللا
887
تۆھپە
149
UID
4871
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-6 16:04:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇلۇغ رەببىمىز مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەتىىن قىلغاي(ئامىن)!!!


Rank: 6Rank: 6

تىللا
1054
تۆھپە
514
UID
5044
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-7 14:44:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياتقان يىرى جەننەتتە بولغاي!


ئۆيگە كەتكۈم بار..

Rank: 6Rank: 6

تىللا
981
تۆھپە
435
UID
2263
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-8 17:45:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرەذمئنئڭ ياتقان يئرئ جەننەتتە بولسەذن


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-5 10:30, Processed in 0.079432 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991