كىشىلىك ھاياتتىكى ئىككى يول
ناتالىيە ۋىترا
كىشىلىك ھاياتتا ئىككى يول بار بولۇپ،ئۇنىڭ بىرى-دەرد-ئەلەم يولى،يەنە بىرى-ئاپتاپ چۈشۈپ تۇرىدىغان پارلاق يول.
ئەگەر ھەممە ئىشىڭىز ئوڭۇشسىز بولسا،بىرىنچى يولنى تاللىغان بولىسىز؛ئەگەر تەقدىرىڭىز بىردەم ئوڭۇشلۇق،بىردەم ئوڭۇشسىز بولسا،ئەمما ھامان تۇمان ئىچىدە يورۇقلۇقنى كۆرەلىسىڭىز،ئۇنداقتا ئىككىنچى يولدا ماڭغان بولىسىز.بىر ئادەمنىڭ ئۈمىدسىز ياكى ئۈمىدۋار بولىشى،ئاخىرقى تەقدىرىنىڭ قانداق بولىشى كۆپ ھاللاردا مۇشۇ خىل تاللاشقا باغلىق بولىدۇ.
دائىم خۇشال-خۇراملىق،قىزغىنلىق،ھاياجانلىق،مىننەتدارلىق ۋە خاتىرجەملىك ئىچىدە ياشايدىغان كىشىلەرنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولىدۇ.ئۈمىدۋار كىشىلەرنىڭ كېسىلى ھېمىشە ئۈمىدسىز كىشىلەرنىڭكىدىن تېز ساقىيىدۇ.چۈنكى ئىددىيەمۇ بىر خىل ئېنىگىيە بولۇپ،پاسسىپ ئىددىيە ئورگانىزىمنىڭ ئېممۇنىتېت سېستىمىسىنى چىرتىدۇ،ئاكتىپ ئىددىيە بولسا، ئېممۇنىتېت سېستىمىسىنى ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ.
گەرچە ئۈمىدۋار خاراكتېر مۇئەييەن دەرىجىدە ئېرسىيەتكە باغلىق بولسىمۇ ۋە تۇرمۇش مۇھىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسىمۇ،لېكىن،كۆپ ھاللاردا ئۆزىمىزنىڭ كىشىلىك تۇرمۇش يولىنى تاللىشىمىزغا باغلىق.
پاسسىپ ئىددىيە ۋە پاسسىپ كەيپىيات گەرچە ھەممە ئادەمدە بار بولسىمۇ،ئەمما،ئۇنىڭغا قۇل بولماي،ئۆزىمىزنى كونتىرول قىلالىساقلا، جىسمانىي ۋە روھىي خاتىرجەملىككە ئېرشەلەيمىز.
نىجات ئىبراھىم