facebook بولسا بىر ئىجدىمائىي ئالاقە مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تور بىكەت. 2004-يىلى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى رەسمىي ئېلان قىلىنىپ، تورداشلار بىلەن يۈز كۆرۈشكەن. 2006-يىلى 9-ئايدىن 2007-يىلى 9-ئايغىچە بۇ توربىكەت ئامېرىكا توربىكەت دەرىجىسىدىكى 60-ئورۇندىن 7-ئورۇنغا ئۆتكەن. شۇنداقلا،ئامېرىكىدىن ئەڭ چوڭ رەسىم ھەمبەھىرلەش تور بىكىتىگە ئايلانغان. Facebook تور بىكىتىگە ھەر كۈنى چىقىرىلىدىغان رەسىم سانى 8مىلىيۇن 500 مىڭ پارچە. facebook نىڭ نىشانى بولسا «ئىزدەش» كە قارىتىلدى.
ئاساسىي ئۇچۇرلىرىfacebook نىڭ باش شىتابى بولسا ئامېرىكىنىڭ سان-فىرانسىسكو دىكى كالفورنىيە كوچىسىغا جايلاشقان. facebookنىڭ ھازىرچە 350 خىزمەتچىسى بار. facebook نىڭ قۇرغۇچىسى Mark Zuckerberg بولسا، خارۋارد ئونۋېرسىتىتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى، ئىلگىرى Asdsley ئوتتۇرا مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن. ئەينى ۋاقىتتا، facebook نىڭ ئەزا تىزىملىتىش دائىرسى خارۋارد ئونۋېرسىتىتىنى ئىچىدىلا چەكلەنگەن. كىيىن كېڭىيىپ بوستون رايونىدىكى، بوستۇن ئىنىستىتوتى، بوستۇن ئۇنۋېرسىتىتى ، نىيۇ-يورك ئۇنۋېرسىتىتى، شەرقى شىمال ئۇنۋېرسىتىتى، ماسسچۈسەتىس تېخنىكا ئۇنۋېرسىتىتى، سىتەنفورد ئۇنۋېرسىتىتى ھەمدە روسچىستېر ئۇنۋېرسىتىتى قاتارلىقلارغا ئېچىۋىتىلگەن. ئىككىنجى يىلى، كۆپلىگەن مەكتەپلارمۇ قۇشۇلغان، ئەڭ ئاخىرىدا بولسا، دۇنيا خارەكتېرلىك ئېچىلىپ، ئېلىكترونلۇق پوچتا يوللانما كەينى قۇشۇلغۇچىسى edu, uk, ac لەردىن تەشكىللەنگەن ھەربىر كىشىنىڭ ئىلتىماس قىلىشىغا يول قۇيۇلغان. ئۇنىڭدىن كېيىن بولسا ، facebook تا ئوتتۇرا مەكتەپ ھەمدە شىركەتلەرنىڭ ئىجدىمائىي ئالاقە بېتى قۇرۇشقا يول قۇيۇلغان. 2006-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن باشلاپ ھەرقانداق كىشى ئۆزىنىڭ ئىناۋاتلىك يوللانما ئادىرىسى ۋە يېشى بىلەن تىزىلملاتسا بولىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان. 2007-يىلى 7-ئايدا ، facebook نىڭ ئەزا سانى 30 مىلىيۇنغا يىتىپ دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك ماركىنىڭ بىرىگە ئايلانغان.
facebook نامىنىڭ كىلىپ چىقىشىfacebook نامى بولسا «رويخەت» دىگەن ئۇقۇمدىن كەلگەن. ئامېرىكىدىكى ئۇنۋېرسىتىتىلاردا يېڭى ئوقۇغۇچىلارغا مەكتەپتىكى بارلىق كونا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىسىملىك قەغىزىنى تارقىتىپ بېرىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ كونا ئوقۇغۇچىلارنى تونىۋىلىشى ئۈچۈن ئىمكانىيەت يارتىلىپ بېرىلەتتى.
facebbok نىڭ قۇرغۇچىسى ھەققىدە
ئىسمى: مارك زاكىربېرگ.
تۇغۇلغان ۋاقتى: 1984-يىلى5-ئاينىڭ 14-كۈنى. (ئەتىگەن سائەت 5 تە ، ھى ھى ھى ھى)
دۆلەت تەۋەلىكى: ئامېرىكا.
تۇغۇلغان جايى: ئامېرىكا نىيۇ-يورك شىتاتى.
كەسپى: IT, CEO
پۈتتۈرگەن مەكتىپى: خارۋارد ئۇنۋېرسىتىتى.
ئەڭ چوڭ نەتىجىسى: facebook نى قۇرغىنى.
بىر چىش دوختۇرى ۋە بىر پىسخىلوگىنىڭ بالىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مارك زاكىربېرگ ئۆسمۈر ۋاقتىدا باھايتتى ياخشى بولغان تەربىيلىنىشكە مۇيەسسەر بولغان (يەھۇدىلارنىڭ بالا تەربىيلىشى ھەقىقەتەن كىشىنى ئويغا سالىدۇ) ، كىچىك ۋاقتىدا ئۇ ئۆسمۈر كومپىيۇتېر پىشۋاسى ئاتالغان. 10 ياش ۋاقتىدا ئۇ بىرىنجى قېتىم كومپىيۇتېرغا ئېرىشىدۇ، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ كۆپلىگەن ۋاقتىنى كومپىيۇتېر ئىشلىتىش بىلەن ئۆتكۈزىدۇ. ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدا ئۇ مەكتەپ ئۈچۈن بىر مۇزىكا قويغۇچ لايھىلەپ بېرىدۇ، نۇرغۇن مۇناسىۋەتلىك شىركەتلەر ئۇنىڭغا تەكلىپ ئەۋەتىشىدۇ (ئىچىدە مىكروسوفت شىركىتىمۇ بار ئىدى)، ئەمما مارك يىللىقى 95 مىڭ دوللارلىق خىزمەتنى رەت قىلىدۇ. شۇنداقلا، خارۋارد قا كىرىپ ئوقۇشنى تاللايدۇ، خارۋاردتا بولسا ئۇ يەنىلا كومپىيۇتېرنى قىزغىن سۆيۈپ ماڭىدۇ، ئىككىنجى يىلى ئۇ مەكتەپ تورىنىڭ سانلىق مەلۇمات ئامبىرىغا ھۇجۇم قىلىپ كىرىپ، ئۆزى لايھىلىگەن تور بىكىتى ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلارنىڭ رەسىملىرىنى يىغىدۇ، ھەمدە تور بىكىتىدە رەسىم سېلىشتۇرۇپ باھالاش ئېلىپ بارىدۇ.
خاككىرلىق ۋەقەسى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، مارك ئىككى ياتاقدىشى بىلەن بىللە بىر ھەپتە ۋاقىتنى ئىشقا سېلىپ تور بىكەت سېستىمىسى خارۋارد ئىجدىمائىي ئالاقە تورى thefacebook نى قۇرۇپ چىقىدۇ. 2004-يىلى 2-ئايدا ئېلان قىلىنغان thefacebook بولسا خارۋارد ئونۋېرسىتىتىدا ناھايتتى ئالقىشقا ئېرىشىدۇ. 2004-يىلى يىل ئاخىرىدا facebook نىڭ ئەزا سانى 1 مىلىيۇنغا يېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تەڭ مارك خارۋاردتىكى ئوقۇشىدىن ۋاز كىچىپ پۈتۈن كۈچى بىلەن تور بىكەتنى ماڭغۇزىدۇ.
2011-يىلى ، 413 كىشى فوربىس قاتارىغا كىرىدۇ، facebook نىڭ مۇدىرىيەت رەئىسى مارك بولسا ، 13مىلىيارد 500 مىلىيۇن مەبلىغى بىلەن، 52-قاتارغا تىزىلىدۇ. ھەمدە، دۇنيادىكى ئەڭ ياش مىلىيادىر بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. 2011-يىلى 11-ئايدا، مارك نىڭ فۇربىس قاتاردىكى ئورنى 9-ئورۇنغا ئۆتىدۇ. 2012-يىلى 3-ئايدا بولسا مارك 26 مىلىيارد 600 مىلىيۇن ئامېرىكا دوللىرىلىق ئىقتىسادى بىلەن دۇنيادىكى ئەڭ ياش قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلىگەن باي بولۇپ سانىلىدۇ.
تۆۋەندىكى فىلىم: the social network بولسا facebook نىڭ تەرەقىقىيات ئارقا كۆرنىشىنى ئىپادىلەپ ئىشلىگەن فىلىم، بۇ فىلىم ئارقىلىق يۇقارقى مەزمۇنلارنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھىس قىلىپ يىتەلەيسىز!
ئىلاۋە: ئىگىلىك تىلەش، باي بۇلۇش ھەرگىزمۇ سىز ئويلىغاندەك قىيىن ئىش ئەمەس، پەقەت سىز توغرا بولغان نىشان، بوشاشماس تىرىشچانلىق ئارقىلىق ئەڭ ھالقىلىق بولغان ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ كەتسىڭىزلا مۇۋاپىقىيەت سىزنىڭ. مۇۋاپىقىيەتنىڭ ئۆلچىمى يوق، ئۆزىڭىزگە نەزەر سېلىپ بېقىڭ، بەلكىم سىز مۇۋاپىقىيەت قازىنىپ بولغانسىز، ياكى سىزدە مۇۋاپىقىيەت قازىنىشنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى ئاللىبۇرۇن ھازىرلىنىپ بولغاندۇ.
مەنبە: ئىجادىيەت بلوگى
http://www.ijadiyet.cn
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا elsoyer تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-2 16:10