كۆرۈش: 1649|ئىنكاس: 2

ئەيىپ دەيمەن (مەخمۇت ئاۋۇت) (مۇزاتى)[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

ئىسىمى
مەخمۇت ئاۋۇت
تىللا
295
تۆھپە
84
UID
11967
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-1 19:37:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەيىپ دەيمەن

مەخمۇت ئاۋۇت(مۇزاتى)

ئېيتىمەن ئەيىپ دەپ نامراتلىقىڭنى،
يوشۇرمىغىن ئاقلاپ ھورۇنلۇقىڭنى؛
تەشكىلگىلا ئارتمىغىن سەن تاپىڭنى،
گەر بەرسىمۇ   ئايلىق كاپالىتىڭنى.

پەقەت كاپالەتكە تايىنىپ قالما،
تاپساڭ ئىككى نان بىرنى داپ چالما؛
سەدىقىگە كۆز تىكمىگىن ھەم ئالما،
ئىنسان تۇرۇپ بولۇپ قالمىغىن لالما.

كاپالەت- ئاجىزغا بېرىلگەن ياردەم،
بولۇۋەرمەس ھەمراھ ساڭا ئۇ ھەردەم؛
ئەجرىڭ بىلەن ئالمىساڭ ئالدىڭغا قەدەم،
نىمجان ھالەتتە ئۆتىسەن ھەردەم.

كاپالەتتىن تۈزۈشۈپتۇ چاي،سورۇن،
كاپالەت ئىشچاننى قىلىپتۇ ھورۇن؛
بەس سېلىشار ئۆيىدە ئېلىشتا ياغ-ئۇن،
تىرىشسا بېيىشقا چىقاتتى ئورۇن.

ئازغىنا كاپالەت قىزىقتۇرغاچقا،
ئىنتىلمەكتە بەزىلەر نامراتلىققا؛
شەرت ئۈچۈن ئەر-ئاياللار ئاجراشماقتا،
تەييارغا ھەييار ئۈچۈن قايغۇرغاچقا.

تەشكىل-ھۆكۈمەت بولغاچقا يۆلەك،
يوقتۇر شەپقەتچى ئۇلارغا بۆلەك؛
بوغۇزسىز سۈت بەرمەس ھەم سېغىن ئىنەك،
دەيمەنكى ئىنسانغا ئىنساپمۇ كېرەك!

ئاجىزلارنىڭ ھەققىگە كۆز قىزارتسا،
خۇدامۇ راۋا كۆرمەس قول ئۇزارتسا؛
ئاجىزلىق،نامراتلىقنى تىلەپ ياتسا،
ئەيىپلەش كېرەك دەيمەن نومۇس ساتسا!


شېئىرىنىڭ ئاپتورى : باي ناھىيىسىدىن : مەخمۇت ئاۋۇت (مۇزاتى)


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
تۇرسۇن تۈمۈر
تىللا
1368
تۆھپە
121
UID
11818
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-29 12:52:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ayip dayman 副本.jpg


ئوت ماكانى

Rank: 3Rank: 3

تىللا
222
تۆھپە
85
UID
22220
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 00:00:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاماخۇر  ھورۇنلارنى  ياخشى  تەنقىدلەپسىز ،ياخشى  تىمىلىرىڭىز بەركەتلىك بولغاي


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-4 05:13, Processed in 0.076988 second(s), 28 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991