كۆرۈش: 4301|ئىنكاس: 4

ئەر ئەمەس (مۇخەممەس) (مەخمۇت ئاۋۇت) (مۇزاتى)[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

ئىسىمى
مەخمۇت ئاۋۇت
تىللا
295
تۆھپە
84
UID
11967
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-30 12:09:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەر ئەمەس


(مۇخەممەس)


مەخمۇت ئاۋۇت(مۇزاتى)


ئىسمى ئەرچە، تۇرقى دۇرۇس بولمىغانلار ئەر ئەمەس،

ئەردەپ يۈرۈپ، ئەرلەرگە خاس بولمىغانلار ئەر ئەمەس،

ئەرچە غۇرۇر،چىدام، ۋىجدان بولمىغانلار ئەر ئەمەس،

ۋەدە قىلىپ ، ئۆز لەۋزىدە تۇرمىغانلار ئەر ئەمەس،

ئەر تۆرۈلۈپ، ئەردەك مەغرۇر بولمىغانلار ئەر ئەمەس.


كۆز چاقنىتىپ پاقىرىغاننىڭ ھەممىسىلا زەر ئەمەس،

زىمىندىكى شور تۇپراقنىڭ ھەممىسىلا يەر ئەمەس،

مېھنەت قىلماي تۆكۈلگەننىڭ ھەممىسىلا تەر ئەمەس،

ھىد چېچىپ پۇرىغاننىڭ ھەممىسىلا ئەنبەر ئەمەس،

ئەلدە ياشاپ، ئەلگە سادىق بولمىغانلار ئەر ئەمەس.


ئەركەك تۇرۇپ، ئائىلىدە سەركىچىلىك بولالماس،

ئەر سانىلىپ، ئەرچە ئىشنى ئۆز ئالدىغا قىلالماس،

قەسەمخور بوپ، قەسىمىدە ھېچ پەقەتلا تۇرالماس،

ئەرلىك غۇرۇر، ۋىجدانى كەم ئەلگە ئۈلگە بولالماس،

نە ئار-نومۇس،ئىنساپ،ئەخلاق بولمىغانلار ئەر ئەمەس.


ئائىلىدە، جەمئىيەتتە ئۆز قەدرىنى ھېچ بىلمەس،

ھەسەتخورلۇق ئاڭا تالىق يوق تەبەسسۇم ھېچ كۈلمەس،

تەرسالىقى تۇتسا گاھى، نومۇس قىلاي ھېچ دېمەس،

بەخىت-ئامەت نە تۇرۇپتۇ، يېقىنلاشماس- ھېچ كەلمەس،

تۇرقى ئىنسان ، ئۆزى ئۇنداق بولمىغانلار ئەر ئەمەس.


باردۇر يەنە بەزىلىرى خېنىم مىجەز، ساز ئەمەس،

قىلىقلىرى خاس ئايالچە زىبۇ-زىننەت ئار ئەمەس،

تۇرقىدىن ئەرلىك چىقماس، ئەمما خۇلقى-ناز ئەمەس،

ئايرىماق تەس جىنسىنى ھېچ، ياكى ئۆردەك-غاز ئەمەس،

ئىسمى ئەرچە ، جىسمى ئۇنداق بولمىغانلار ئەر ئەمەس.


بولساڭ ئەركەك تۈزۈك بولغىن، ئاتىما ئەر بولمىسا،

ساقال-بۇرۇت ئەرلىك زىننەت قاملاشمايدۇ بولمىسا،

ئاتىلىسەن خېنىم مىجەز،  ناۋا بولساڭ ناركۇسا،

بولماس ھۆرمەت ئۆيدە،سىرىتتا ئەرلىك غۇرۇر بولمىسا،

شۇڭا دەيمەن، تۇرقى ئەرچە بولمىغانلار ئەر ئەمەس!



شېئىرىنىڭ ئاپتورى: باي ناھىيىسىدىن :

مەخمۇت ئاۋۇت(مۇزاتى)


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئابدۇرىېھىمجان
تىللا
2532
تۆھپە
1330
UID
281

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-1 03:37:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولساڭ ئەركەك تۈزۈك بولغىن، ئاتىما ئەر بولمىسا،

ساقال-بۇرۇت ئەرلىك زىننەت قاملاشمايدۇ بولمىسا،

ئاتىلىسەن خېنىم مىجەز،  ناۋا بولساڭ ناركۇسا،

بولماس ھۆرمەت ئۆيدە،سىرىتتا ئەرلىك غۇرۇر بولمىسا،

شۇڭا دەيمەن، تۇرقى ئەرچە بولمىغانلار ئەر ئەمەس


قەدىرلىكىم قەدىرلىگىن قەدىرىڭنى قىلغان قەدىردانلارنى،
قەدىرلىكىم قەدىرلىمە قەدىرىڭنى قىلمىغان قەدىرسىزلەرنى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
تۇرسۇن تۈمۈر
تىللا
1368
تۆھپە
121
UID
11818
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-29 12:59:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى يېزىلىپتۇ ...


ئوت ماكانى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
تۇرسۇن تۈمۈر
تىللا
1368
تۆھپە
121
UID
11818
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-31 21:43:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ar amas-11副本.jpg
ar amas-22副本.jpg


ئوت ماكانى

Rank: 3Rank: 3

تىللا
222
تۆھپە
85
UID
22220
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 00:09:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەكمۇ ياخشى يىزىپسىز  ئىلھامىڭىز  بەركەتلىك بولغاي


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-4 04:23, Processed in 0.079387 second(s), 29 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991