...رېستۇران
مەخمۇت ئاۋۇت
(مۇزاتى)

توي-تۆكۈندە مېھمان كۈتەر قولاي، ئېسىل جاي ئىدىڭ،
ئۆرۈپ-ئادەت، مېھماندوستلۇق خىسلەتلەرگە باي ئىدىڭ؛
نامىڭ چىقىپ ئەل قەلبىدە گويا يورۇق ئاي ئىدىڭ،
ئەمدىلىكتە كۆز تەگدىمۇ خۇنۇكلەشتىڭ رېستۇران.
بىر چاغ ئىدىڭ ئەل قەلبىدە مېھرى ئىللىق بىر ماكان،
ئەر-ئايال ھەم قېرى-ياشمۇ شادلىناتتى سەن تامان؛
ئەمدىلىكتە قىز-ئاياللار بولدى مەپتۇن خۇش-راۋان،
ئەركەكلەرنى نە سەۋەپتىن يىراق قىلدىڭ رېستۇران.
يىغىلىشتى قىز-ئاياللار ئۆينى تاشلاپ راۋاققا،
ئەركەكلەرمۇ ئاتلىنىشتى ئايرىم خانا- قاۋاققا؛
سەبى پەرزەنت قالدى تەنھا ئېرىشەلمەي ساۋاققا،
ئۆيدە ماجرا تۈگىمىدى سەن سەۋەنلىك رېستۇران.
ئەيىپ كىمدە، سەۋەن نەدە ھېچ بىلمىدىم سىرىنى،
ئىسراپخورلۇق، ئەيشى-ئىشرەت ئاتا قىلار نىمىنى؛
مۇشۇ تەرىق كېتىۋەرسە كىم ئويلار ئەل غېمىنى،
قىلدى ۋەيران تالاي ئۆينى شۇنى بىلسەڭ رېستۇران.

مەندىن ئۈمۈت: خانىم -قىزلار تېپىۋالسا ئورنىنى،
ئائىلىدە، جەمئىيەتتە قىلسا ئادا بۇرچىنى ؛
قايتىپ ئەشۇ تۇيۇق يولدىن بىلىۋالسا ئۆزىنى،
ھەممە ئىشلار يولى بىلەن يۈرۈشىدۇ رېستۇران...!!!
شېئىرىنىڭ ئاپتورى: باي ناھىيىسىدىن : مەخمۇت ئاۋۇت (مۇزاتى)