كۆرۈش: 45458|ئىنكاس: 8

تەڭرىتاغ مىكروبىلوگى ھەققىدىكى مەخسۇس فىلىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
1974
تۆھپە
1148
UID
1

تەڭرىتاغ تۈۋرىكىتۆھپىكار تەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 10:24:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     قەدىرلىك تورداشلار، مەملىكىتىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر يېزىقىدىكى تۇنجى مىكروبىلوگ سۇپىسى ھېسابلانغان تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مىكروبىلوگى (ياكى بارمۇ مىكروبىلوگى) 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى رەسمىي سىناق تەرىقىسىدە ئېچىۋېتىلگەنىدى. 3-ئاينىڭ 28-كۈنى شىنجاڭ ئاخبارات سارىيىدا تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مىكروبىلوگىنى ئومۇملاشتۇرۇش سۆھبەت يىغىنى داغدۇغىلىق ئېچىلغانىدى.
    يىغىنغا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئادىل خالىق، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى غەيرەت سالىيوف قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر، شىنجاڭ گېزىتى، شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى، ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، ئۈرۈمچى خەلق رادىيو ئىستانسىسى، <<تەڭرىتاغ>> ژۇرنىلى، <<شىنجاڭ ياشلىرى>> ژۇرنىلى قاتارلىق ئاخبارات-مەتبۇئات ئورۇنلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك خادىملىرى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئۈرۈمچىدىكى نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەردىكى مۇناسىۋەتلىك ئالىم، مۇتەخەسسىس، تەتقىقاتچىلار، شۇنداقلا جەمئىيەتنىڭ باشقا ساھەلىرىدىكى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەردىن بولۇپ، جەمئىي 100 دىن كىشى قاتناشقانىدى.
    ئاخبارات-مەتبۇئات ئورۇنلىرى شۇ كۈندىكى يىغىن، شۇنداقلا تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مىكروبىلوگى ھەققىدە مەخسۇس فىلىم ۋە خەۋەرلەرنى تارقىتىپ، مىكروبىلوگىمىزنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى پۈتۈن جامائەتچىلىككە جاكارلىغانىدى.
    تۆۋەندىسى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى <<ئەتراپىمىزدىكى ئىشلار>> پىروگراممىسى پىروگراممىنىڭ 1-سەھىپىسىدە تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مىكروبىلوگى ھەققىدە مەخسۇس فىلىم ئىشلىگەنىدى. بۇ پىروگرامما 4-ئاينىڭ 22-كۈنى كۆرسىتىلگەنىدى. پىروگراممىنى ۋاقتىدا كۆرەلمىگەن تورداشلارنىڭ بۇ ئادرېستىن كۆرۈشۈڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.  




چۈشۈرۈش ئادىرىسى :
  1. /vidio/barmu1.flv
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش
بارلىق تورداشلارغا نورۇزلۇق ئوتلۇق سالام ...
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
1974
تۆھپە
1148
UID
1

تەڭرىتاغ تۈۋرىكىتۆھپىكار تەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 11:25:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يوۇكۇ تورىدىن كۆرۈش



بارلىق تورداشلارغا نورۇزلۇق ئوتلۇق سالام ...

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەلبىنۇر
تىللا
1841
تۆھپە
1555
UID
2498
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 14:55:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاھ   بۇ مۇنبىرىمىزنىڭ ئىشلىرى تېخىمۇ  گۈللەنسۇن،.،،،،،ياشنىسۇن،،،،،
قەدىرلىكىم قەدىرلىگىن ،قەدىرىڭنى قىلغان قەدىردانلارنى،
قەدىرلىكىم قەدىرلىمە، قەدىرىڭنى قىلمىغان قەدىرسىزلەرنى!!!
                       

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
جۇماخۇن خوجا(ئىلى ئوبلاستلىق قىزىل كىرىست جەمىيىتىدە)
تىللا
1323
تۆھپە
278
UID
2050
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-27 20:36:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قالتىس بىر ياخشى ئىش بولدى!

Rank: 1

تىللا
5
تۆھپە
2
UID
15016
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-7 00:59:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى  بوپتۇ

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قۇرباننىياز
تىللا
1437
تۆھپە
863
UID
5191
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-1 18:48:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالاھىدە ئەھمىيەتلىك ئىش بوپتۇ ئەمەسمۇ،
غەلىبە كىشىنى توختىتىپ قويىدۇ، مەغلۇبىيەت بولسا ئالغا ماڭدۇرىدۇ

Rank: 2

ئىسىمى
ئلياس جان
تىللا
140
تۆھپە
44
UID
22385
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-1 17:29:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇزىماس ئز بسقاي

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئايشەمگۈل
تىللا
524
تۆھپە
307
UID
4300
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-1 17:46:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇددى ئەلكۈيى مىكرو بىلوگىغا ئوخشامدۇ

Rank: 1

تىللا
26
تۆھپە
6
UID
25952
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-1 00:53:15يانفوندا يوللانغان|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادېرىستىن ﻫېچنىمىنى كۆرەلمىدىمغۇﻁ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-4 05:13, Processed in 0.080765 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991