كۆرۈش: 4471|ئىنكاس: 5

(ئۆزھال)سەنئەت كارىدۇرىدىكى يىڭىلىقلار[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

تىللا
9
تۆھپە
5
UID
13507
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-18 15:46:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەنئەت كارىدۇرى ئېچىلغاندىن بىرى ئىمىن ئەخمىدى، ئابدۇرىھىم ھىيىت ، ئۈمىت  غىنى تۈمۈرخان روزى، مەۋلان نىياز، مەھمۇد سۇلايمان، تۇرسۇن شەيىخ قاتارلىق ئەل ئاغىنە، ئاكىلار ۋە ئۇستازلارنىڭ داۋاملىق قەدەم تەشىرىپ قىلىدىغان ماكانىغا ئايلاندى. ئۇلارنىڭ كۆرسەتمىلىرى ۋە تەلىملىرى بىلەن ئىشلارنى بىر قۇر يۇرۇشتۇرۋالدۇق. ئەمدى سۈرەتلىك نۇسقىسىنى چىقىرىپ قوياي دىگەن نىيەت بىلەن بۇ تىمىنى يوللىدۇم.


تۈمۈرخان روزى بىزنىڭ شىركەتنىڭ ئوبراز ۋەكىلى بولسا بۇلامدىكەن ؟





ئىزدىنىشلىك بولمىسىمۇ كەپتۇ




چىقمىسا چىقىپ قالار



دۇكان ئورنى: ئۇرۇمچى شەھەر ئىتتىپاق يولى شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسى ئۇدۇلىدا





شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 4

ئىسىمى
ئابدۇرېشىت سۇلايمان
تىللا
489
تۆھپە
133
UID
442
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-18 22:09:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن ،نىمە سوۋغىلار بىلەن مۇبارەك ئەتسەك بولۇر .شېئىر سوۋغا قىلايمۇ ؟


Rank: 1

تىللا
13
تۆھپە
7
UID
13410
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-18 22:09:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشىمۇسىز راخمانجان(ئۆزھال)ئاكا ، سىزنىڭ بۇ باشلىغان قۇتلۇق قەدىمىڭزنى ئۆتكەن يىلىلا كۆرگەن ئىدىم. ئىشلىرىڭزنىڭ ئۇتۇقلۇق بولىشىنى تىلەيمەن، لىكىنزە،، ھىلىقى بىر ئاجايىپ ئىسىل بىر ناخشىڭزباردە سىزنىڭ، ئازراق ئوقۇپ بىرەي سىزگە،
دىلىمدا ئوتلۇق تىلەكلىرىم،
دەردىمنى ئىچىمگە يۇتقۇنۇم بىكار،،،،،،،،،،،،،،، ھەقىقەتەن بىرگە ماھىر كۆپكە قادىر ئادەمدە ئۆزىڭىز بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kompas001 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-19 12:06  



Rank: 4

ئىسىمى
كاپىتان
تىللا
293
تۆھپە
119
UID
5645
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-18 22:53:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن !!


Rank: 2

ئىسىمى
ئەنسەر
تىللا
109
تۆھپە
36
UID
5782
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-18 23:07:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مۇبارەك بولسۇن


Rank: 1

تىللا
9
تۆھپە
5
UID
13507
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-19 13:31:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پىكىر قالدۇرغان بارلىق ئەزىزىلەرگە سەممى تەشەككۈر ئىيتىمەن . پايدىلىق پىكىر يولىغا ئۈندەۋاتقان ئەزىزىلەرنىڭ ۋاقىت چىقىرىپ سەمىمى تىلەكلەرنى بىلدۇرۇش بىلەن تەكلىپلەرنى بەرگىنىگە تەشەككۈر .
مىنىڭ مەخسىدىم ئۇيغۇر قول سانائىتنى قانچىلىك قولۇمدىن كەلسە شۈنچىلىك دەرىجىدە تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن بىر كىشىلىك ئىش قىلىىشتىن ئىبارەت بىرلا مەخسەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ  .ئۇيغۇر خەلىقنىڭ ئەقىل پاراسىتىنى قول ھۈنەر سانائىتىدىنمۇ ئىزدەش كىرەك . چۈنكى دۇنياغا بازار مەدەنىيىتى تارقاتقان بىر مىللەتتە ئۆزىگە چۈشلۇق مەنىۋى ئوي تەپەككۇر بۇلىدىكەن . قول ھۈنەرلىرىدىكى ئەپچىللىك . ئۇستىلىق . رەڭدارلىق .ئەۋرىشىملىك ، نەپىسلىك ماڭا كىچىك چىغىمدىن باشلاپ زوق بىرىپ كەلگەن . ئون نەچچە يىل كىتاپخانا ئىچىپتىمەن .(خىزمەتكە قوشۇمچە قىلىپ ) ئەمدىلىكتە مەن ئەڭ ياخشى بىلىدىغان ۋە چۈشىنىدىغان . ياخشى كۆرىدىغان بۇ ئىشنى قىلىش ئۈچۈن ھەركەت قىلىپ بىر يىلغا يىقىن ۋاقىت ئىچىدە مەن ئويلىغاندىنمۇ كۆپ ئىجىتىمائىي ۋە ئىقتىزادى ئۈنۈمگە ئىگە بولدۇم . ئەمدىكى مەخسەت ۋە نىشان ئۇيغۇر چالغۇلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش ۋە ماركا يارىتىش بۇلۇپ بۇ ئىشتا تەتىققاتقا چۈشۈپ بولدۇق . ئەگەر كۈچ يەتكەندە مىللى قول ھۈنەر سانائەت كارخانىسىدىن بىرنى قۇرۇپ ھەقىقى ئۈلچەملىك ساز چالغۇلارنى ياساپ چىقارساق ۋە ئۆلچەملەشتۇرسەك مىنىڭ مەخسىدىم ئەمەلگە ئاشقان بۇلىدۇ . ھازىر چالغۇلىرىمىز تاۋارلىشش بازىرىغا كىرىپ بولدى  گۈلى چىرايلىق ۋە قاراشتا ئىنتايىن نەپىس . لىكىن ئاۋازى . ئۆلچىمى. مۇڭى بىلەن ھەپلىشىدىغانلار ئاز قىلىۋاتىدۇ . سازنى ئۆلچەملەشتۇرۇش (خۇددى گىتتار . ئىسكىرىپكىدەك ) بىز بىر دەۋىر ياشلارنىڭ مەسئۇليىتى دەپ قارايمەن . ئۇنىڭدىن قالسا يەنە « دۇتتار » ئانسانبىلىدىن بىرنى قۇرۇپ خەلىقنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ناخشا موزىكىلىرىنى ئۇيغۇرچە سازلىرىمىز بىلەن ياۋرۇپا چالغۇلىرىنى مۇۋاپىق گىرەلەشتۇرۇپ ئورۇنداش ۋە بىر تۈركۈم ئىجادكارلارنى ئەتراپىمىزغا ئويۇشتۇرۇپ ئۇيغۇر روھىنىڭ سىدام ۋە مەزمۇت . جەڭگىۋار روھى ھالىتىنى چۈشكۈن ھالەتتە ئەمەس بەلكى كەسكىن ۋە قەتئىلىك بىلەن خەلىقىمىزگە نامايەن قىلىشنى ئىزدەۋاتىمىز .  مۇشۇنداق داۋام ئەتكەندە قول ھۈنەر سانائەت . ناخشا موزىكا ئىجادىيەت ۋە ئورۇنداش . پىلاستىنكا چىقىرىش . كېچىلىكلەرنى بارلىققا كەلتۇرۇش ئىشلىرىمىز بىر بىرلەپ مەيدانغا كىلىپ مەنىيىۋىتىمىز ئۈچۈن يەنە بىر رەڭ ۋە يىڭى قان قوشۇلىشى مۈمكىن . ئەلۋەتتە بۇ ئىشنى بىز يالغۇز مەيدانغا چىقىرالمايمىز . ئەزىز خەلقىمىزنىڭ قوللىشى ، مەدەت بىرىشى . رىغبەتلەندۇرىشى ئارقىلىق رۇياپقا چىقىرىش مۈمكىن .
مەن ھازىر تۈركى مىلەتلىرىنىڭ ناخشا موزىكىلىرىنى يىغپ 100 مىڭغا يىقىن ناخشا موزىكا يىغىپ ئۇيغۇرلادىكى ئەڭ چوڭ ۋە كۈلەملەشكەن موزىكا ئامبىرى قۇرۇپ چىقتىم . 22 يىللىق تىرىشچانلىق مانا ئەمدى مىۋە بىرىۋاتىدۇ . ئەمدىكى ماڭىدىغان يول تۈركى مىللەتلىرىنىڭ بارلى چالغۇ ئەسۋاپ. قول سانائەت بۇيۇملىرى ۋە كىيم كىچەكلىرىنى سېتىش ۋە كۆرگەزمە قىلىش مەيدانىدىن بىرنى قۇرۇپ چىقىش . ئۆز ارا ئۈگۈنۈش . ئۆز ئارا سىلشىتۇرۇش كۆرەكخانىسىغا يۈرۈش قىلىشتىن ئىبارەت بىر نىشاننى كۆزلەپ مىڭىۋاتىمىز .


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-5-31 09:25, Processed in 0.072269 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991