كۆرۈش: 42228|ئىنكاس: 22

قارامايلىق 21 ياشلىق يىگىت شىركەتنىڭ بىر مىليون پۇلىنى يۈتىۋ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

ئىسىمى
ئەزمەت
تىللا
298
تۆھپە
167
UID
10822
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-18 10:07:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

قارامايلىق 21 ياشلىق يىگىت شىركەتنىڭ بىر مىليون پۇلىنى يۈتۈۋالدى



      ياشىن تورى خەۋىرى، 2 - ئاينىڭ 22 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، قاراماي شەھەرلىك جەرەنبۇلاق رايونى ساقچى تارماق ئىدارىسى زاڭ مال قايتۇرۇش يىغىنىدا، باغلام-باغلام رەتلىك قويۇلغان پۇللار كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتاتتى، بۇ پۇللارنىڭ سانى 1 مىليون 118.7 مىڭ يۈەن بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغىنى بۇ پۇللارنى ‹90 - يىلدىن كېيىن›تۇغۇلغان بىرسى ‹يۈتۈۋالغان› ئىدى. بۇ 21 ياشلىق كاسسىر بىر مىليوندىن ئارتۇق پۇلنى ئېلىپ قاراماي شەھىرى جەرەنبۇلاقتىن يولغان چىقىپ يىراققا قاچماقچى بولغاندا، ئۈرۈمچىدە ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا چۈشتى.
      زاڭ مال قايتۇرۇش يىغىنىدا، بۇ پۇللارنى قايتۇرۇۋالغان خې ئەپەندىم توختىماستىن ساقچىلارغا رەھمىتىنى بىلدۈرەتتى، خې ئەپەندىم قاراماي شەھەرلىك جەرەنبۇلاقتىكى بىر شىركەتنىڭ خوجايىنى بولۇپ، بۇ پۇللارنى يۈتۈۋالماقچى بولغان يىگىت ئۇنىڭ كاسسىرى ئا تاۋ (ئۆزگەرتىلگەن ئىسم) ئىدى.
      خې ئەپەندىمنىڭ مۇخبىرلارغا دېيىشىچە، شىركەت ئۈچ كۈمۈش كارتا بېجىرگەن بولۇپ، ھەممسى ئا تاۋنىڭ باشقۇرۇشىدا ئىكەن، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرسى خې ئەپەندىمىنىڭ يانفونى بىلەن باغلاقلىق ئىكەن. 2 - ئاينىڭ 3 - كۈنى باھار بايرىمى مەزگىلىدە، ئۇ يانفوندا ئۇچۇر تاپشۇرۇۋالغان بولۇپ، كارتىدىن 230 مىڭ يۈەن ئېلىنغان، بۇنىڭدىن غەلىتىلىك ھېس قىلغان خې ئەپەندىم ئا تاۋغا تېلېفون ئۇرۇپ سورىغان، ئا تاۋ بولسا بوغالتىرىنىڭ بايرامدىن بۇرۇن ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە ھازىر ھېساباتتىن ئالغانلىقىنى دېگەن، بۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇش بۇرۇنمۇ بولغاچقا، خې ئەپەندىم ئارتۇقچە ئويلىمىغان، شۇنداقلا ئا تاۋغا بوغالتىرغا تېلېفون قىلىپ ئېيتىپ قويۇشىنى دېگەن.
      2 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، زاۋۇتنىڭ بايرامدىن كېيىن ئىش باشلىغان بىرىنچى كۈنى خوجايىن بوغالتىردىن ئا تاۋنىڭ تېلېفونىنى ئالغان - ئالمىغانلىقىنى سورىغاندا، بوغالتىر ئالمىغانلىقىنى دېگەن.
      بۇ چاغدا خې خوجايىن ئا تاۋنىڭ ئىشقا كەلمىگەنلىكىنى بىلگەن، ئۇنىڭغا تېلېفون ئۇرسا تېلېفونىنىمۇ ئالغىلى بولمىغان، شىركەتنىڭ ھېساباتىنى تەكشۈرگەندە بولسا، 910 مىڭ يۈەننىڭ ئېلىنغانلىقىنى بىلگەن، ئۇنىڭدىن باشقا ئىككى كۈمۈش كارتىدىكى پۇلنىڭ بار يوقلۇقىنى بىلگىلى بولمىغان، بۇ چاغدا خې خوجايننى سوغۇق تەر بېسىپ كەتكەن ھەمدە دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلغان، ساقچىلارنىڭ تەكشۈرۈشىچە، جەمئىي 1 مىليون 340 مىڭ يۈەن بىراقلا يۈتۈپ كەتكەن.
      خوجايىننىڭ ئېيتىشىچە،ئۇ تېخى ئۆستۈرۈپ ئەتىۋارلاپ ئىشلەتمەكچى بولغان بۇ يىگىتنىڭ بۇنداق قىلىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان. دېلو مەلۇم قىلىنغان كۈنى جەرەنبۇلاق ساقچى ئىدارىسى مەخسۇس گۇرۇپپا تەشكىللەپ، ئا تاۋنى ئۈرۈمچىدىن ئىزلىگەن، 2 - ئاينىڭ 14 - كۈنى ئۇ ئۈرۈمچىدە بىر مېھمانخانىدا قولغا ئالغان، قولغا ئېلىنغان ئۆينىڭ ئىچىدە ئۇ ئۆزىنىڭ كاسسىرلىق خىزمەت قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ، شىركەتنىڭ زور سوممىلىق پۇلىنى ئالغانلىقىنى ئىقرار قىلغان.
      ئۇنىڭ ئىقرار قىلىشىچە، ئۇ 2 - ئاينىڭ 3 - كۈنى يولغا چىقىپتۇ، پۇلنىڭ سانى كۆپ بولغاچقا، ئۇ نەچچە قېتىمغا بۆلۈپ يۈك - تاق ساندۇقىغا سېلىپ چىققانىكەن، ئۇ شىنجاڭدىن ئايرىلىپ ماڭماقچى بولسىمۇ، نەگە بېرىشنى تېخى بېكىتمىگەن ئىكەن.
      ئۇنىڭ ئىقرار قىلىشىچە، بۇنداق قىلىشىغا ئاساسلىقى 3 ئاي بۇرۇن بىر ئويۇنچۇقخانىدا قىمار ئويناشقا خۇمار بولۇپ قالغانلىقى سەۋەب بوپتۇ، بۇ ئۈچ ئايدا ھەر ئايلىق 2000 يۈەن مائاشىنى پۈتۈنلەي قىمارغا سەپ بېرىپتۇ، بۇ ئەنزىنى سادىر قىلىشتىن بۇرۇن، ئۇ قىمارخانىغا 70 مىڭ يۈەنلىك قەرز بولۇپ قالغان ئىكەن.
      2 - ئاينىڭ 4 - كۈنىدىن 14 - كۈنىگىچە، ئۇ 150 مىڭ يۈەننى خەجلىگەن، بۇنىڭ ئىچىدە 70 مىڭنى قەرزىگە تۆلىگەن، 60 مىڭغا ئۆزى ۋە قىز دوستىغا نەرسە سېتىۋالغان، يانچۇقىغا سېلىۋالغان 20 مىڭ يۈەننى باشقىلار ئوغرىلىۋالغان. ئۇنىڭ قىز دوستى كۇيتۈندە بولۇپ، ئىككىسى ئارىلىشىۋاتقىلى 3 يىل بولغان ئىكەن، جەرەنبۇلاقتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئۇ كۇيتۈنگە كېلىپ، قىز دوستىغا ئالتۇن بىلەيزۈك، زەنجىر، ئالماس ئۈزۈك، يانفون قاتارلىقلارنى ئېلىپ بەرگەن، قىز دوستى سورىسا، ئۆزۈم يىغقان پۇلغا ئالدىم، دەپ جاۋاب بەرگەن.
      ئا تاۋ تۇتۇلغاندىن كېيىن، ساقچىلار كۇيتۈنگە بېرىپ زاڭ ماللارنى قايتۇرۇپ كەلدى، ئا تاۋ قىز دوستىنى كۆرۈۋېلىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغاچقا ئۇلارنى ساقچىلار كۆرۈشتۈردى، قىز بولسا ئۇنى كۆرۈپلا توختىماستىن يىغلاپ كەتكەن.
      ھازىر بۇ ئەنزە ئىچكىرىلەپ سوراق قىلىش باسقۇچىدا ئىكەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-19 12:09  


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 4

ئىسىمى
ئابلەت ئابدۇرېھىم
تىللا
355
تۆھپە
53
UID
112
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-19 16:38:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۆت نىمكەن بۇ ، مەن بولسام بارىدىغان لىنىيەلەرنى بەش قولدەك پىلانلاپ ئاندىن ماڭاتتىم


Rank: 2

تىللا
95
تۆھپە
37
UID
1941
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-19 23:41:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزگە تەستە! رايۇنىمىزدىن چىقىپ كەتسەكلا ئالارنىڭ ئالدىدا پەرقلىنىپلا قالىمىزدە تۇتۇلۇپ قالىمىز! ما بايقۇش ئارايۇلتۇزدىن 星星峡دىن ئۆتۈپلا كەتكەن بولسا نەچچە يىل جان باقالايتتى....


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
نىفىت
تىللا
467
تۆھپە
279
UID
461
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 00:03:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى بوپتۇ .


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
5671
تۆھپە
2888
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 14:53:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن دۆتلەر پىرىكەن!


ئۇشبۇ جاھانكى ئىككى ئىشىكلىك قەسىرگە ئوخشار،
بىرىدىن نەچچىسى كىرىپ، بىرىدىن شۇنچە چىقار.

Rank: 4

ئىسىمى
ئېلى ئەخەت
تىللا
350
تۆھپە
110
UID
4933
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 21:15:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىيىشىگە ........ يىگندىكىن شۇ.


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مەلىكە مەتتوختى
تىللا
1776
تۆھپە
975
UID
684

جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 16:48:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوتكەندە تازىمۇ ، يەنىلا بالا دىگەن بالىدە


ھايات ـــ مەن ئۈچۈن بىر سىناق.

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئابدۇرىېھىمجان
تىللا
1820
تۆھپە
1111
UID
281

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 19:50:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى بۇپتۇ...


قەدىرلىكىم قەدىرلىگىن قەدىرىڭنى قىلغان قەدىردانلارنى،
قەدىرلىكىم قەدىرلىمە قەدىرىڭنى قىلمىغان قەدىرسىزلەرنى

Rank: 4

ئىسىمى
پەرھات
تىللا
298
تۆھپە
191
UID
12762
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 20:09:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوتكەندە تازىمۇ ، يەنىلا بالا دىگەن بالىدە .
.يىيىشىگە ........ يىگندىكىن شۇ.


ئىسىمى
阿不力克木
تىللا
315
تۆھپە
201
UID
10831
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 22:14:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-5 13:25, Processed in 0.080966 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991