كۆرۈش: 6477|ئىنكاس: 7

بۆرىلەر ۋادىسى ـــ ‹‹پىستىرما›› ئاخىرلىشىدۇ! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

تىللا
66
تۆھپە
8
UID
8273
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-16 23:13:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kurtlar_vadisi_resimleri_polat_alemdar.jpg

تۈرك تېلېۋىزىيە تىياتىرى تارىخىدا بىر باسقۇچ ئاخىرلىشىۋاتىدۇ.
ئۆزگۈر ئۇغۇر، 2012.4.06كۈنى
2003-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۇنىدىن 2005-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنىگىچە بۆرىلەر ۋادىسى (kurtlar vadisi)، 2007-يىلى 4-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن بۈگۈنگىچە بۆرىلەر ۋادىسى پىستىرما ئىسمى بىلەن ھاياتىمىزنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغان كۆپ قىسىملىق تېلىۋېزىيە تىياترى مېنىڭچە تەتۈر ساناشقا باشلىدى.
چىقارغان تالاش-تارتىشلىرى، بۇزغان كۆرۈش رېكورتلىرى ۋە تىللاردا مودا بولغان «راجون» لىرى بىلەن تۈرك كۆپ قىسىملىق تېلىۋېزىيە تياترى تارىخىدا ئىز قالدۇرغان فىلىمنىڭ ئاخىرلىشىدىغان ۋاقتى كەلدى.
سەۋەبىمۇ؟
1.        تېلىېۋېزىيە تىياتىرىنىڭ سەككىز يىلدا شۇنچە كۆپ تېمىنى تۈگەتتىكى، ئاخىرى چىقماس يولغا كىردى.
2.        پرىزدېنت، زۇڭلى، ھەربىي ئىشلار كومتېتىنىڭ باشلىقى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالدى، ئەمدى ئىشلىتىدىغان ھېچقانداق «كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان» خاراكتېر قالمىدى.
3.        زۇڭلىغا سۈيقەست، ھەربىي ئىشلار كومىتېتى باشلىقى قاتارلىلارغا سۈيقەست قاتارلىق تېمىلار تۈگىدى.
4.        ئامېرىكىلىقلار، ئىسرائىلىيەلىكلەر، گىرمانىيەلىكلەر، رۇسلار، ئىرانلىقلار، كۈرتلەر، دىن تارقاتقۇچىلاردەك تۈركىيەدىكى ئوخشىمىغان تەبىقىدىكى كىشىلەرگە نىسبەتەن ‹دۈشمەن› ھېسابلىنىدىغان بارلىق ئېلمېنتلار تېلېۋېزىيە تىياتىرىدا ئىشلەندى ۋە تۈگىدى.
5.        پولات ئالەمدارنىڭ ھاياتىغا كىرگەن تۆت ئايالنىڭ ئىككىسى ئۆلدى، بىرسى پولاتتىن بولغان بالىسىدىن ئايرىلىپ قالدى ۋە ئەقلىنى يىتتۈردى. شۇڭا سىنارىستلارنىڭ تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ ئۇزاق تۇرغان ‹ئاشىق› تېمىسى ھەققىدە دېگۈدەك بىر گېپى قالمىدى.
6.        بىزنىڭ مىللىتىمىز قىسقا ۋە ھېكىمەتلىك، ئاسان ئەستە قالىدىغان، شۇئار خاراكتېرلىك سۆزلەرنى ياخشى كۆرىدۇ ... تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا ‹ئاقىۋىتىنى ئويلىغان قەھرىمان بولالمايدۇ›،‹دوستۇم ئۆلمەيدۇ، دۈشمىنىم ياشىمايدۇ›، ‹ئىككى ئادەم بىلگەن ئىش سىر ئەمەس› دېگەندەك راجون جۈملىلەر ئەمدى يوق...
7.        ‹راجون› ئىگىسى ‹دادا›لارنىڭ ئورنىغا دۆلەتنىڭ ئىچىدىكى سىياسى ھېساپلاشما، يوشۇرۇن سىنارىئو چىقىشقا باشلىدى... بۇمۇ خېلى كۆپ كۆرۈرمەنلەرنىڭ زېرىكىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى...
8.        تېلېۋىزىيە تىياتىرىغا يېقىنقى كۈنلەردە قوشۇلغان ھېچقانداق ‹پولات دۈشمىنى› ھاياجانلاندۇرالمىدى ... چۈنكى بۆرىلەر ۋادىسىنىڭ ھېرىسمەنلىرى قاراخانلىلارنى، ئىسكەندەرلەرنى، فەللەرلەرنى كۆردى...
9.        پولات ئالەمدار بۇرۇن ئارلاپ-ئارلاپ قىيىن ئەھۋالغا چۈشەتتى، دۈشمىنىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالاتتى ياكى دۆلەت تەرىپىدىن بىر تەرەپكە ئېتىلاتتى ... بۇلارمۇ كۆرۈرمەندە ‹بۇداقى ھەپتە پولات قۇتۇلالارمۇ؟› سوئالىنى پەيدا قىلاتتى ۋە داۋاملىق كۆرۈشكە داۋەت قىلاتتى... ئەمما ئەمدى پولات دۆلەتكە ۋەكىللىك قىلىپ تېرورچىلار بىلەن كۆرۈشكىدەك ‹دۆلەت› بولدى ... بۇمۇ ‹پولات قانداقلا بولمىسۇن خالىغىنىنى قىلالايدۇ› چۈشەنچىسى پەيدا قىلىپ، تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ كۆرۈلۈشىنى مەنىسىز قىلىپ قويدى ...
10.        تېلېۋىزىيە تىياتىرىدىكى كۆپتۈرمە سەھنىلىرى، ۋەھشىلىك بىلەن تولغان سەھنىلەر ۋە چەتئەللىكلەرگە بولغان دۈشمەنلىكنىڭ ئىپادىلىنىشى قاتارلىقلار ياقتۇرمىغان پەقەت تېلېۋېزىيە تىياتىرىنى كۆرۈشنى ‹كۆنۈپ قالغان يامان خۇي›دەپ ئويلايدىغان كۆرۈرمەنلەرگە تاللاش بولدى... قاراڭ: سۇسكۇنلار تېلېۋېزىيە تىياتىرى ...
ئەمدى كۆرۈش سانىغا كېلەيلى.
2-ئاينىڭ 2-ھەپتىسىدىن باشلاپ كۆرۈلۈش سانى چۈشكەن، كۆرۈلۈشى پاتىمە گۈلنىڭ گۇناھى نېمە؟ تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ ئارقىسىدا قالغان، يەنى بۆرىلەر ۋادىسى پىستىرما ئەمدى ئەڭ ئۈستىدە ئەمەس.
ئاخىرلىشىشمۇ؟
1. ھەئە، تۈركىيەدە بىر تېلېۋىزىيە تىياتىرى ھەقىقىتى بولسا بۇ ھەقىقەتنىڭ ئەڭ ئۈستىدە بۆرىلەر ۋادىسىنىڭ ئاياق ئىزى بار.
2. ھەئە، بىر ۋاقىتلاردا بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرى باشلىغاندا كوچىلار قۇرۇق، كىشىلەر قەھۋەخانىلاردا توپلىشىپ بىللە كۆرەتتى.
3. ھەئە، چاكىر ئۆلگەندە بۇ دۆلەتتە 40 كۈن ھازا تۇتۇلغان، مېيت نامازلىرى قىلىنغان؛ تېلىۋېزىيە تىياتىرىدا چاكىرنى ئېتىۋەتكەن كىشى نەچچە كۈنگىچە كوچىغا چىقالمىغان ئىدى.
4. ھەئە، بىر ۋاقىتلاردا دادىلىرى تۇغۇلغان بالىلىرىغا پولات، مەماتى، ئابدۇلھەي ئىسىملىرىنى قويدى.
5. ھەئە، تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى كۆرگەنلەرنىڭ كۆپ قىسمى تۈركىيەدىكى قىزىق نوقتا خەۋەرلىرىنى تېلېۋىزىيە تىياتىرىدىن كۆردى.
6. ھەئە، بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرى تۈرك تېلېۋىزىيە تارىخىدا ئاسانلىقچە بۇزۇلمايدىغان رېكورت ياراتتى.
ئەمما ئەمدى يولنىڭ ئاخىرىغا كەلدى...
سىنارىستلارنىڭ قولىدا كۆرۈرمەنلەرنى ھاياجانغا سالىدىغان بىرلا كۆرۈنۈش قالدى ... پولات ئالەمدار ئۈچۈن ھازىرلانغان شەرەپلىك بىر ئاخىرلاشتۇرۇش.
تەرجىمە قىلىنغان مەنبە:

http://www.haberturk.com/haber/haber/731608-turk-dizi-tarihinde-bir-donem-sona-eriyor
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 4

تىللا
331
تۆھپە
102
UID
4364
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-17 17:13:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ فىلىممۇ ئەمدى ئاخىرلىشىپتۇدە!


ھەقىقى ئەركىنلىك روھى ئەركىنلىكتۇر

Rank: 1

تىللا
14
تۆھپە
7
UID
13433
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-18 00:23:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇندق ۋاقتىمۇ كەپ قالدى زادى.. ئاخىرلاشمايدىغان ئىش يوق... گەرچە مەن تۈرك ياختۇرۇپ كەتمىسەممۇ..


Rank: 4

ئىسىمى
نۇر ئەلى
تىللا
356
تۆھپە
172
UID
5237
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-18 01:10:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى فىلىمتى بۇ ، مەن ئەڭ ياقتۇردىغان  بۇمۇ ياخشى بوپتۇ ئاياغلاشقانلىقىنى تەبرىكلەيمەن
بىرتال پىلاستىنكىسى بۇگۇن چىقسا كىلەر ھەپتىگىچە قاچان چىقا دەپ ئىنىكىم چۇشۇپ قالاتتى ئىچىم تىتىلداپ بۇمۇ ياخشى بوپتۇ،،،،،،،،،،،،،،،،،،


Rank: 8Rank: 8

تىللا
1293
تۆھپە
941
UID
3175

ئاۋانگارت ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-18 10:22:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


Rank: 6Rank: 6

تىللا
1018
تۆھپە
488
UID
5044
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-18 19:09:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ فېلىمنى كۆرۈپ باقمىغان ئىدىم..


ئۆيگە كەتكۈم بار..

Rank: 4

ئىسىمى
ھەزرەت
تىللا
249
تۆھپە
195
UID
9931
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-18 21:10:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ كۆرۈپ باقمىغان ئىدىم ، ئەمما راستتىنلا تۈگسە ئاندىن ھەممە قىسىمىنى تېپىپ كىلىپ كۆرىمەن ، چۈنكى : بۇ فىلىمنى بىر كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ دەپ قارايمەن .


Rank: 2

تىللا
164
تۆھپە
41
UID
12289
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-19 15:22:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن كۇرۇشكە بىر پۇرسەت تاپالمىدىم.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-5-31 09:54, Processed in 0.079530 second(s), 29 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991