ئۆيۈم 4-قەۋەتتە ، يۇقىرىدىكى مەھەللىنى بىلمەيمەن ، تۆۋەنكى مەھەللىدىكى قوشنىلىرىم ئۆزىنى بىلىدىغان كىشىلەر .
بىزنىڭ كورپۇستا بىرلا قېرىنداش مىللەت بار ، ئۇبولسىمۇ ئۇدۇل خوشنام . ھەپىتە ئارلىقىدا 1-2كۈن پەيدا بولۇپ قالىدۇ، ھەپتە ئاخىرىدا ھەممىسى قايتىپ كېلىدۇ (8-9ئادەم بارغۇ دەيمەن ، ئىشقىلىپ ئالى مەكتەپلەرنىڭ ئىككى قەۋەت كارۋاتلىرىنى ئىشلىتىدۇ ) ، لېكىن ئۇمۇ خېلى ئۆزىنى بىلىدۇ . بىز ئاۋال ئۆيدىن چىقىپ قالساق بار ئەخلەتلەرنى سېنىڭ-مېنىڭ دېمەي ئايالىم ئەپچىقىۋېتىدۇ ، ئۇلار ئۆيىدىن ئاۋال چىقىپ قالسا ئۇلارمۇ سېنىڭ-مېنىڭ دېمەي ئۇلار ئەپچىقىۋېتىدۇ . مېنىڭ مېھمانلىرىم كۆپرەك بولغاچقا بەزىدە خىجىل بولۇپ ئۆزرە ئېيتىپمۇ قويىمەن

، لېكىن بوۋاي-مومايلار ماڭا ، (سىلەرنىڭ مىللەت پاكىزلىققا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىسىلەر ، شۇڭا ھەممىمىز ئۆزىمىزنىڭ رايۇنىنى سېنىڭ مېنىڭ دېمەي تازىلاپ تۇرمىساق بىز يالغۇز بىر ئائىلە سىلەرگە ھۆرمەت قىلمىغان بولىمىز . باشقا چوڭ ئىش يوق ، سەن ئارتۇق ئويلاپ كەتمە . بىز يوق چاغدا ئۆيۈمگە قاراپ قويساڭلا بولدى) دەيدۇ .
ئىشقىلىپ تازىلىق جەھەتتە خوشنىدىن خېلى تەلىيىم بەر جۇمۇ -مېنىڭ .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ★Jackie★ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-13 20:41