ئىجادكارغا
مەخمۇت ئاۋۇت
(مۇزاتى)
قويدۇڭ قەدەم ياشلىققا-كەلدى پەسلى باھارىڭ،
پۇرسەت-خىرىس ئالدىڭدا، ئىجاد بىلگىن تۇمارىڭ. 
ئىجادلىرىڭ باسقان يول، بولغۇسىدۇر تۇغ-كومپاس،
سەپەرلەردە ئىزدەن مول، ئىرادەڭ بولسۇن سۇلماس.
بولغىن ئاشىق دائىما ، ئىجاد ئاتلىق يارغا سەن،
بېرىپ مېھىر ئۇنىڭغا ، قىل ئىجاد ھارماي ئۆگەن. 
ھورۇنلۇقتى ھەزەر قىل، ئۇ ساڭا يات،خوپ ئەمەس،
ھەمسەپەردۇر بىل ئىجاد، بول ئاڭا سەن ھەمنەپەس.
«كېلەر راھەت جاپادىن»،«قىزىل گۈلمۇ تىكەنلىك»،
قەدىرلىنەر بىل مېھنەت، «ئىجاد ئۇلۇغ»دېگەنلىك.
ئىجاد ئۈچۈن ھارمىغىن، قەدىرلىكسەن ئەل-ئارا،
شۈكرى قىلىپ قالمىغىن، ئۆرلەيسەن بارا-بارا.

ھايات ئۆتسۈن مەنىلىك، مېھنىتىڭدىن ئەل كۈلسۇن،
كۈچكە تولغىن شۇنچىلىك، قۇدرىتىڭدىن ياۋ ئۆلسۇن.
ھەسەتخورلار تورالماس، ئالغا ئۆرلەش يولۇڭنى،
ئىچى ئاداپ تۇرالماس، ئوينىساق بىز تويۇڭنى.
ياشا، ھارما ئىجادكار، ئىجادىڭدىن قاق قانات،
ئاۋام ساڭا مەدەتكار، ياڭىرار دىلدىن مۇكاپات.
ئاپتورى : مەخمۇت ئاۋۇت(مۇزاتى)