تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 64|ئىنكاس: 4

سەن بولمىساڭ زىنھار بولمايدۇ بىزگە (مۇزاتى)[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

ئىسىمى
مەخمۇت ئاۋۇت
تىللا
47
تۆھپە
27
UID
11967
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 18:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

سەن بولمىساڭ زىنھار بولمايدۇ بىزگە

  
مەخمۇت ئاۋۇت

(مۇزاتى)

  
(جاپاكەش مۇھىت تازىلىق ئىشچىلىرىغا بېغىشلايمەن)  


  

(جاپاكەش مۇھىت تازىلىق ئىشچىلىرىغا بېغىشلايمەن)   
  
ناتىق-مەدداھلار ئۇستىدۇر سۆزگە،

سەنئەتكار، پۇلدارلار كۆرۈنەر كۆزگە؛  
تازىلىق ئىشچىسى ئېلىنماس كۆزگە،

سەن بولمىساڭ زىنھار بولمايدۇ بىزگە.   
  
قاراڭغۇ، سەھەردە باشلىنار ئىشىڭ،

پاكىزلىق ھەر زامان خىيال-تەشۋىشىڭ؛

ئۆزۈڭمۇ سەزمەيسەن ساۋاپلىق ئىشىڭ،

سەن بولمىساڭ زىنھار بولمايدۇ بىزگە.

  
قايناق شۇ بازاردا ئادەملەر تولا،

ئادەملەر تارالسا، ئەخلەتلار تولا؛

شۇ پاسكىنا جايلارنى كىم پاكىز قىلا؟   
سەن بولمىساڭ زىنھار بولمايدۇ بىزگە.


خىزمىتىڭ جاپالىق،پاسكىنا شۇنچە،   
ھەق بەرسەك ئەرزىيدۇ ھەسسىلەپ شۇنچە؛   
ھالال،پاك تەرىڭدىن ئۈنگۈسى ئۈنچە،   
سەن بولمىساڭ زىنھار بولمايدۇ بىزگە.  


پاكىزە يوللاردا ماڭىمىز بەس-بەس،  

ئەجرىڭسىز نە بولار ماكانىمىز-بەس!

بى ئەقىل، نادانلار چاغلار سېنى پەس،  
سەن بولمىساڭ زىنھار بولمايدۇ بىزگە.  


قىلسىمۇ كاشىلا جۇت سوغۇق،تومۇز،  
يوق سېنىڭ دەم ئېلىش-بايرىمىڭ نورۇز؛  
قىلماقتۇر مۇھىتنى پاك،گۈزەلۇ-ئۇز،

سەن بولمىساڭ زىنھار بولمايدۇ بىزگە.


ياساندى ئەجرىڭدە يۇرتۇم توز كەبى،

يورىدى شادلىنىپ بارچىنىڭ قەلبى؛  
ئېيتىدۇ تەشەككۈر ساڭا يۇرت ئەھلى،
سەن بولمىساڭ زىنھار بولمايدۇ بىزگە.

بارچە پاك، گۈزەللىك ھاسىلدۇر سەندە،

كېلەر ساپ مۇھىتتىن ساغلاملىق تەنگە؛

تۇغۇلدى تۆھپەڭدىن چىن ھۆرمەت مەندە،

سەن بولمىساڭ زىنھار بولمايدۇ بىزگە.

شېئىرىنىڭ ئاپتورى : باي ناھىيىسىدىن : مەخمۇت ئاۋۇت(مۇزاتى)


Rank: 6Rank: 6

تىللا
659
تۆھپە
409
UID
4983
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 20:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپرىن سىزگە


Rank: 2

تىللا
81
تۆھپە
58
UID
10827
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 21:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راس ئەمەسمۇ،مەنچە بۇ شىرىڭىزنى گىزىت ،ژورناللاردىمۇ ئىلان قىلىڭ،ئۇلار رەھمەت دىگىنىمىزنى بىلمەي قالمىسۇن.


Rank: 2

تىللا
66
تۆھپە
42
UID
11161
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 00:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ جاپاكەش  كىشىلىرىمىز ھەممە يەردە بىزگە  پاكىز مۇھىت يارىتىپ بېرىپ كەلمەكتە .مەنمۇ ھەم  بۇ ئىشچىلىرىمىزنى شۇندا ھۆرمەتلەيمەن  .


Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
古丽仙
تىللا
185
تۆھپە
92
UID
7115
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 14:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇلارنى قانچە ھۈرمەتلىسىەكمۇ ئەرزىيدۇ...                


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-4-14 13:52, Processed in 0.072714 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991