مەن بىرنەچچە كۈن ئالدىدا جەلپكار يەركەن زىيارەت پائالىيىتى ۋە بادام چېچىكى بايرىمىغا قاتنىشىپ يەركەن دېھقانلىرى سىزغان رەسىملەرنى كۆردۈم، بۇ مېنى ئەڭ جەلپ قىلغان تېما بولدى، ئاپتونۇم رايونلۇق مەدەنىيەت يۇرتىدىكى تونۇلغان رەسسام پەرھات ئىبراھىم ئەپەندى يەركەندە دېھقان رەسساملار كۇرسى ئېچىپتۇ، ئۇنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە مۇشۇنداق كۇرس بۇيىل جەنۇبىي شىىنجاڭدىكى بىرقانچە ناھىيەدە ئېچىلىدىكەن. ھەمدە دېھقان رەسساملىرىدىن ۋەكىللەر ئۆمىگى تەشكىللىنىپ شاڭخەي ،بېيجىڭ قاتارلىق شەھەرلەردە ئۇيغۇر دېھقانلار رەسىم كۆرگەزمىسى ئاچىدىكەن. كۇرس چىقىمى، كۆرگەزمە چىقىمى قاتارلىق بارلىق راسخودنى ئاپتونۇم رايونلۇق مەدەنىيەت يۇرتى چىقىم قىلىدىكەن. بۇ تېمامدا يەركەن دېھقانلىرى سىزغان رەسىملەردىن قوشۇپ يوللىدىم.بەھرلەنگەيسىزلەر.
