تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 523|ئىنكاس: 15

كىۋانىچ تاتلىتۇغ (بەيلۇل)نىڭ تەرجىمىھالى! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

تىللا
32
تۆھپە
16
UID
11835
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

1.jpg


2.jpg


ئىسمى :كۇانچ تاتلىتۇغ
تۈركچە يېزىلىشى :Kıvanç Tatlıtuğ
دۆلەت تەۋەلىكى : تۈركىيە . ئادانا
تۇغۇلغان ۋاقتى : 1983- يىلى 10- ئاينىڭ 23- كۈنى
بوي ئېگىزلىكى : 1.87سانتىمىتىر
پۈتتۈرگەن مەكتىپى : تۈركىيە ئىستانبۇل مەدەنىيەت ئۇنۋېرسىتېتى
كەسپى : ئارتېس (ئاكتيۇر) ، مودىل
3.jpg


نەتىجىلىرى :
2002- يىلى تۈركىيە ۋە دۇنيا بويىچە ئەڭ ياخشى مودىل
2009- يىلى ئەڭ ياخشى ئەر باش پىرسۇناژ (كىپىنەك) مۇكاپاتى
4.jpg


رول ئالغان فىلىملىرى ۋە ئوبرازلىرى :
2005- كۆمۈش : مەھمەد شاد ئوغلۇ رولى
2007-قاچقۇن ئاشىقلار ، تۈركچە ئەسلى نامى :Menekşe ile Halil ھالىل رولى
2008- چەكلەنگەن سۆيگۈ ، تۈركچە ئەسلى نامى :Aşk-ı Memnu بىھلۇل ھازنەدەر رولى
2010- ئەزەل ، سەكسىز رولى
5.jpg


6.jpg

كىۋانچ تاتلىتۇغ 1983-يىلى 10-ئاينىڭ 27-كۈنى ئادانادا تۇغۇلغان بولۇپ داڭلىق كىنو ئارتىسى ۋە مودېل.2002-يىلى Best Model of Turkey تۈركىيىنىڭ ئەڭ ياخشى مودېلى،مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ تۇنجى سەھنە ھاياتىنى باشلىغان .ئەمما،2005-يىلى باشلىغان كىنوچىلىق ھاياتى بىلەن داڭ چىقىرىش يولىغا قاراپ ماڭغان.دەسلەپ Gümüş تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا رول ئالغان مەھمەت خاراكتېرى بىلەن تونۇلغان تاتلىتۇغ،ئارقىدىنلا مەنەپشە بىلەن خىلىل،«ئامېرىكىلىقلار قارا دېڭىزدا» قاتارلىق تېلېۋىزىيىلەردە رول ئالغان.خالىد زىيا ئۇشاكلېگىلنىڭ رومانىنى ئۆزلەشتۈرۈش ئاساسىدا ئىشلەنگەن Aşk-ı Memnu چەكلەنگەن سۆيگۈ تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا رول ئالغان.بەھلۈل خاراكتېرىنى جانلاندۇرغان تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا،باش رولنى بەرەن سائات بىلەن بىللە ئوينىغان.2010-يىلى بىر مەزگىل ئەزەل تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا رول ئالغان. ھازىر بولسا، Kuzey Güney تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا كۈزەي رولىنى جانلاندۇرۇۋاتىدۇ
7.jpg


ھاياتى:
دەسلەپكى يىللىرى
كىۋانچ تاتلىتۇغ،بەش بالىسى بولغان بىر ئائىلىنىڭ ئوغلى بولۇپ،1983-يىلى 10-ئاينىڭ 27-كۈنى ئادانادا تۇغۇلغان.
تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى يەنىجە ئۆزەل چاغ ئوتتۇر مەكتىپىدە تاماملىدى.1997-يىلى دادىسى يۈرەك ئوپېراتسىيىسى قىلىنغانلىقتىن ئائىلىسى بىلەن بىرلىكتە ئىستانبۇلغا كۆچۈپ كەلدى.ئىستانبۇل كالامىش تۇلۇق ئوتتۇر مەكتىپىنى پۈتتۈردى.
شەخسى تۇرمۇشى:
Miss World 2002 دۇنيا گۈزىلى بولۇپ تاللانغان ئازرا ئاكېن بىلەن 2002-يىلى تونۇشتى ۋە 2008-يىلىغىچە مۇھەببەتلىشىدۇ.2009-يىلى ئۆزىدىن 13 ياش چوڭ بولغان داڭلىق كىنو ئارتىسى مەلتەم جۇمبۇل بىلەن ئارىلىشىشقا باشلىغان كىۋانچ تاتلىتۇغ،بۇ مۇناسىۋىتىنى 8-ئايدا ئۈزىدۇ.

ۋاسكىتبول:
كەسپى ھاياتىنى ۋاسكىتبول بىلەن باشلىغان تاتلىتۇغنىڭ بىردىنبىر ئارزۇسى NBA دە ۋاسكىتبول ئويناش ئىدى.ئادانادىكى ۋاختىدا، “Fiskobirlik”, “Güney Sanayi”, “Çukurova “Devlet Su Kulübü”, ve “Tarsus Amerikan Kulübü”قاتارلىق كۇلۇپلاردا ۋاسكىتبول ئوينىدى. Ülkerspor نىڭ تەكلىپ قىلىشى بىلەن ئۇ يەردە ئىككى يىل ئوينىدى.ئۇنىڭدىن كىيىن بىر يىل بەشىكتاش،بىر يىل فەنەرباھچە كۇلۇپلىرىدىمۇ ۋاسكىتبول ئوينايدۇ.قايتا بەشىكتاش كۇلۇبىغا قايتىپ كەلگەن تاتلىتۇغ مەشىق قىلىش جەريانىدا يارلىنىشى سەۋەبىدىن ۋاسكىتبول ھاياتى بىلەن خوشلىشىدۇ.
مودېللىق:
ۋاسكىتبول ئويناۋاتقان ۋاقىتلىرىدا،ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىڭ بەدىنىگە قارىتا قىلغان ماختاش سۆزلىرى تاتلىتۇغنى مودېللىق ساھەسىنى سىناپ بىقىش خىيالىغا كەلتۈرۈپ قۇيىدۇ.مودېللىق ساھىسىگە قەدەم قۇيۇشىغا تۈرتكۈلۈك رول ئوينىغان كىشى ئاپىسى بۇلۇپ،ئاپىسى بىر تاللا بازىرىنىڭ ئەينىكىدىكى مودېل قۇبۇل قىلىش ئېلانىنى كۆرۈپ قىلىپ تاتلىتۇغنى سىناپ بىقىشقا دەۋەت قىلىدۇ.بىر شىركەتكە رەسىمىنى ئەۋەتكەن تاتلىتۇغ شۇنداق قىلىپ مودېللىق ساھەسىگە قەدەم تاشلايدۇ.كىيىن بۇ كەسىپنى ياختۇرۇپ قالىدۇ ۋە ئاستا-ئاستا كەسپى مودېل بۇلۇپ نۇرغۇن شىركەتلەر تالىشىپ تەكلىپ قىلىدىغان ھالەتكە كىلىدۇ.
ئىككى مودېل شىركەتلىرى بىلەن ئىشلىگەندىن كىيىن،2002Best Model of Turkey مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ ۋە بىرىنچى بولىدۇ.نەق شۇ يىلى يەنە Best Model of the World غا تۈركىيىگە ۋاكالىتەن قاتناشقان تاتلىتۇغ بۇنىڭدىمۇ بىرىنچى بولىدۇ. Best Model of the World قا قاتنىشىشى بىلەن خەلقئاراغا تونۇلغان مودېلغا ئايلىنىدۇ.فرانسىيە مودېل ئاگېنتلىقى بولغان Success دىن كەلگەن تەكلىپ بىلەن پارىژدا بىر يېرىم يىل ئىشلەيدۇ.
8.jpg


كىنوچىلىق:
پارىژدىكى ۋاقتىدا نۇرغۇنلىغان تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدىن تەكلىپنامە ئالغان تاتلىتۇغ،كىچىكىدىنلا كىنوچىلىققا قىزىقىدىغان ھەۋىسى بولغاچقا كەلگەن تەكلىپنامىلەرنى ئويلىشىپ قارار بېرىش ئۈچۈن تۈركىيىگە قايتىپ كېلىدۇ.ئوكان بايۈلگەندىن ۋە دۆلەت تىياتىر سەنئەتچىسى لاچىن جەيلاندىن كىنودا رول ئىلىش بىلىملىرىنى ئۆگىنىدۇ.
كىنوچىلىق ساھەسىگە تۇنجى قەدىمىنى 2005-يىلىدىكى Gümüş تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا رول ئېلىش بىلەن باشلايدۇ.سونگۈل ئۆدەن بىلەن باش رول ئالغان Gümüş تېلېۋىزىيە تىياتىرى تۈركىيە ۋە ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرۈشىگە مۇيەسسەر بولىدۇ.Gümüş تىن كىيىن مەنەپشە بىلەن خىلىل تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا خېلىل خاراكتېرىنى جانلاندۇرىدۇ.ئامېرىكىلىقلار قارا دېڭىزدا فىلىمىنىڭ ئىككىنچىسىدە رول ئالىدۇ.
كىنوچىلىق ساھەسىدىكى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ۋاقتى بولسا 2008-يىلى بەرەن سائەت بىلەن باش رولنى ئالغان، خالىت زىيا ئۇشاكلىگىلنىڭ رومانىغا ئاساسەن ئۆزلەشتۈرۈپ ئىشلەنگەن Aşk-ı Memnu چەكلەنگەن سۆيگۈ تېلېۋىزىيە تىياتىرىدىكى بەھلۈل خازنەدار خاراكتېرى بولۇپ،تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا جانلاندۇرغان بەھلۈل خازنەدار خاراكتېرى،تاتلىتۇغنى ئالتۇن كېپىنەك مۇكاپاتى مۇراسىمىدا ئەڭ ياخشى ئەر كىنو ئارتىسى مۇكاپاتىغا ئېرىشتۈرىدۇ.
2010-يىلى Ezel تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ ئاخىرقى قىسىملىرىدا سەككىز لەقەملىك قۇشۇمچە پېرسوناژ خاراكتېرىنى جانلاندۇرىدۇ.ھازىر بولسا، Kanal D دە قۇيۇلۇۋاتقان Kuzey Güney تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا باش رول ئېلىۋاتىدۇ.
9.jpg



10.jpg



11.jpg



Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئىزلەنگۈچى
تىللا
482
تۆھپە
321
UID
5650
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئىسىمى
لالە
تىللا
363
تۆھپە
147
UID
828
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئامراق بۇ ئارتىسقا، رولنى ياخشى ئالىدۇ.


Rank: 2

تىللا
81
تۆھپە
58
UID
10827
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توي قىلغانمۇ،كىم بىلەن دىگەنلەرنىمۇ ئەسكەرتىۋەتمەپسىز.ئەجرىڭىزگە رەھمەت


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مۇھەممەدئەلى ئەنۋەر
تىللا
1036
تۆھپە
649
UID
519
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راست،ياخشى ئارتىس ،رولىنىمۇ ياخشى ئالىدىكەن .


Rank: 1

تىللا
32
تۆھپە
16
UID
11835
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
TAKDER يوللىغان ۋاقتى  2012-4-11 20:28
توي قىلغانمۇ،كىم بىلەن دىگەنلەرنىمۇ ئەسكەرتىۋەتم ...

قىرىندىشىم مىنى بەكلا ئوچۇق يىزىۋەتتى دەپ ئويلاتامسىز؟بۇ نى كۆچۇرۇپ ئەكەلگەن مەندە قانداقمۇ چولپانلارنىڭ تەرجىمھالىنى يازغىدەك ئىقتىدار بولسۇن.


Rank: 2

تىللا
66
تۆھپە
42
UID
11161
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئارتىس رولنى  بەكلا ياخشى ئالىدۇ مەنغۇ   ئاشۇ بىرلا  كىنوسىنى كۆردۈم  قاچقۇن ئاشىقنىلا كۆرۈپتىمەن بۇ ھالىل  جاننىڭ تەرجىمالانى خېلى   بىلىۋالدۇق رەھمەت


Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئىسىمى
توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي
تىللا
1257
تۆھپە
685
UID
26

تۆھپىكار

يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 15:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭ بۇ ئاداش بىلەن، جۈملىدىن تۈركىيەنىڭ تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى ىبىلەن خوشۇم يوق.


Rank: 1

تىللا
5
تۆھپە
2
UID
12826
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 16:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىما يوللىغاندا مەنبەنى ئۇنۇتمايلى ئىزا تاتماي تور بىكەت ئادىرسىنى كىسىۋىتىپ تەڭرىتاغ مۇنبىرى دەپ يىزىۋالغانىنى قانداق قىلاي . مۇشۇ ئىسىمغا داغ تەككۈزگەنلىكقۇ بۇ  . ئەسلى ئادىرسى چولپان كىنو مۇنبىرى ئىدى  ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلساڭلار قانداق  ...http://bbs.qolpan.biz/read.php?tid=116
www.qolpan.biz  



Rank: 1

تىللا
5
تۆھپە
2
UID
12826
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 16:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
13899196193 يوللىغان ۋاقتى  2012-4-11 21:09
قىرىندىشىم مىنى بەكلا ئوچۇق يىزىۋەتتى دەپ ئويلاتامسى ...

كۆچۈرۈپ ئەكەلگەندىن كىيىن مەنبەنى ئەسكەرتىڭ ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-4-14 21:45, Processed in 0.083836 second(s), 29 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991