كۆرۈش: 37128|ئىنكاس: 27

مۇدىر، قىزىم تېخى غۇنچە ئىدى... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

ئىسىمى
ئەزمەت
تىللا
296
تۆھپە
167
UID
10822
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-6 13:25:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مۇدىر، قىزىم تېخى غۇنچە ئىدى...


مەمتىلى ھېلىم



بۇ خەتتىكى ئاتا ئوبرازى قانداقتۇر رېئال دۇنيادىكى بىرلا ئاتا ئەمەس، بەلكى ئاشۇ خىل قىسمەتكە دۇچ كېلىۋاتقان ۋە ئۆزىنىڭ ئاھۇ نىدالىرىنى كەڭ جامائەتكە ئاڭلىتالمايۋاتقان نۇرغۇن ئاتىلارنىڭ ئوبرازى. ئاتىنىڭ يازغان مەزكۇر خېتىدىكى مەكتەپ مۇدىرىمۇ بىرلا مۇدىرنى كۆرسەتمەستىن، بەلكى ئۇ بىلىم ساپاسى تۆۋەن، ئىستىلى ناچار مۇدىرلارنىڭ ۋەكىلى! شۇڭا ئاتا ۋە مۇدىرنى كىملەرگىدۇر قىياسلاپ پىكىر قىلىش ۋە بۇ ھەقتە ئارتۇقچە گۇمانىي نەزەردە بولۇش ھاجەتسىز. پەقەت بۇ خىل ئىجىتىمائىي ئەھۋالنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭغا ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي يولداشلارنىڭ جىددىي قارىشى لازىملىقىنى بىلدۈرۈش ئاپتورنىڭ ئاساسىي مەقسىتى. چۈنكى، نۆۋەتتە ئادەمگە كۆڭۈل بۆلۈش، ئادەمنى ئاساس قىلىش، شۇنداقلا ئادەم تەربىيىلەشتە ئەخلاق جەھەتتىن تەربىيىلەشنى ئالدىنقى شەرت قىلىش ئالاھىدە تەكىتلىنىۋاتىدۇ...

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك مۇدىر!
سىز مەندەك ئەرزىمەس بىر ئادەمنىڭ خېتىنى شۇنداقلا كۆرۈپ قويۇپ، تامىقىڭىزنى قېقىپ تاشلاپ قويۇشىڭىز كۆزۈمگە كۆرۈنۈپ تۇرىۋاتسىمۇ، لېكىنھېس قىلغان پايدىلىق پىكىرنى ئېيتىشنىڭ ئىنساننىڭ مەجبۇرىيىتى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەچكە، يېنىڭىزغا بېرىپ سىز بىلەن زاكونلىشىپ يۈرۈشتىن خەت ئارقىلىق ئېيتىشنى لايىق تاپتىم. مېنىڭ سىزگە دەيدىغانلىرىم شۇنداق كۆپ بولسىمۇ، لېكىن سىزگە نېمە دېيىشىمنى، ئۇنى قانداق ئىپادىلەشنى بىلەلمەيلا قېلىۋاتىمەن، شۇ تاپتا كاللام گاراڭ، ھەممە نەرسە كۆزلىرىمگە بەتبەشىرە ۋە بىمەنە كۆرۈنۈۋاتىدۇ. ئۆلۈپلا كەتكۈم بار، ئەمما ئۆلۈۋېلىش ئۈنچە ئاسان ئىش ئەمەسكەن. بىر ئاتىنىڭ، مۇنداقچە ئېيتقاندا، بىر ئائىلە باشلىقىنىڭ ئۆلۈۋېلىش ھەققىدە گەپ قىلىشىمۇ گۇناھ بولسا كېرەك. لېكىن ئادەمنىڭ گۈزەل ئارمانلىرى بەربات بولغاندا، پارلاق ئەتىسىنى كۆرەلمەي، ئەنەشۇنداق «گۇناھ» بولىدىغان گەپلەرنى قىلىپ سالىدىكەن. شۇڭا ئاخىرى ئويلاپ، ئىچىمگە سىغمايۋاتقان دەردلىرىمنى سىزگە خەت ئارقىلىق بايان قىلىۋېلىشنى ئۆلۈم ھەققىدە يوقىلاڭ خىيال سۈرۈشتىن ياخشىمىكىن، دەپ قارىدىم.بىلىملىك، ئەخلاقلىق ئادەم بىلەن بىلىمسىز، ئەخلاقسىز ئادەمنىڭ پەرقى ئاسمان بىلەن زېمىندەكلا ... بۇ ھازىرقى دەۋردە تېخىمۇ ئايان بولماقتا. بۇنى سىزگە ئىنچىكىلەپ چۈشەندۈرۈپ ئولتۇرمىساممۇ، سىز بۇ مەسىلىنى مەندىن ياخشى بىلىسىز. چۈنكى سىز مىللەتنىڭ ئاڭلىق زىيالىسى ھەم مائارىپچىسى! مەن ئۆز ئەمەلىيىتىمدە بىلىمسىزلىكنىڭ دەردىنى بەك كۆپ تارتقاچقا، بالىلىرىمنى قېنىمنى سېتىپ بولسىمۇ، ئەخلاقلىق، بىلىملىك قىلىش ئۈچۈن نىيەت قىلغانمەن. ھازىرغىچە قېنىمنى بالا ئوقۇتۇش ئۈچۈن ساتمىغان بولساممۇ، لېكىن ھالال تەرىم بىلەن ئەمگەك كۈچۈمنى سېتىپ كەلدىم. مېنىڭ كۈنلىرىمنىڭ قانچىلىك جاپادا ئۆتىدىغانلىقىنى ئېغىزىمنىڭ بىر قەۋەت تېرىسى چۈشۈپ كەتكۈچە چۈشەندۈرسەممۇ، سىز تەسەۋۋۇر قىلالماسلىقىڭىز مۇمكىن. سىز ئەڭ شېرىن ئۇيقۇدىكى ۋاقتىڭىزدا مەن توپ تارقىتىش ئورنىغا ئەسكى ئۈچ چاقلىق ۋېلىسىپىتىمنى ھەيدەپ بېرىپ بولغان بولىمەن. ئۇ يەردە كىمنىڭ توشۇغۇدەك ماللىرى باركەن، دەپ خوجايىنلارنىڭ كۆزلىرىگە بىچارىلەرچە تەلمۈرىمەن، ئۇلارنىڭ قوپال سىلكىشلىرىگە، غۇرۇرۇمغا تېگىدىغان سۆزلىرىگە بەرداشلىق بېرىشكە مەجبۇرمەن، چۈنكى، بالامنى ئوقۇتۇشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار غايەم ئۈچۈن كۈرەش قىلمىسام بولمايدۇ، مەن ئۇلارنىڭ ماڭا ئوخشاش كۈنگە قېلىشىنى، كىملەرنىڭدۇر ئالدىدا بويۇن قىسىپ يۈرۈشىنى ئەسلا،ئەسلا خالىمايمەن. شۇ خورلۇقلار مەن بىلەنلا كەتسۇن،
مېنىڭ بۈگۈن شېرىن ئۇيقۇنى ئۇخلاپ يېتىشىم، ئەتە بالام ئۈچۈن مۇسىبەت بولۇپ قالمىسۇن، دەيمەن. شۇڭا، مېنىڭ ۋە ئايالىمنىڭ ئۇچىسىغا يېڭى كىيىملەر ھېيىت- ئايەملەردىمۇ چىقىپ باقمىغىنىغا ئۇزۇن ۋاقىتلار بولۇپ كەتتى. مەن بىر مۇقەددەس بۇرچنى ئۈستىگە ئالغان ئاتا. بالام بولسا مېنىڭ پۇشتۇم! بالامنىڭ تەقدىرى پۈتۈنلەي مېنىڭ ئۈستۈمدە دەپ كەتكىلى بولمىسىمۇ، لېكىن ئۆزۈمگە تېگىشلىك مەسئۇلىيەتتىن باش تارتىشنى نومۇس دەپ بىلىمەن. ئۇ مېنىڭ شۇنداقلا بىر مىللەتنىڭ بالىسى ئەمەسمۇ؟ بۇنداق دېسەم مېنى «بالىسىنى كادىر قىلىشتىن ئىبارەت يۈكسەك بىرنىشاننى مەقسەت قىلغان دادا ئوخشايدۇ» دېگەن ئويدا بولۇشىڭىز مۇمكىن. بۇنداق خىيالدا زىنھار بولماسلىقىڭىزنى ئۆتۈنىمەن. مېنىڭ بالامنى كادىر قىلىش ئوي-خىيالىم يوق. پەقەت كەلگۈسىدە ئۆز ۋەتەن، مىللىتى ئۈچۈن ئاز-تولا بىر ئىش قىلىپ بېرەلەيدىغان، نېمىنىڭ ھەقىقەت، نېمىنىڭ سەپسەتە ئىكەنلىكىنى بىلەلەيدىغان، ھايا-ئەخلاقلىق بىر «ئانا» بولسىلا شۇ ماڭا كۇپايە. چۈنكى، ساپالىق بىر ئانا روھىي دۇنياسى نامرات بىر مىللەتنىڭ ئۆزىنى تېپىشىدىكى ئەنگۈشتەرى. مەن ئەنە شۇ خىل ئارزۇ- ئىستەكتە بالىلىرىمنى ئۆز قولۇم بىلەن يېتەكلەپ، مەكتەپكە ئاپىرىپ بەردىم. ئۇ چاغدىكى ھاياجىنىم ھازىرغىچە ئىسىمدە. قىزىم مەكتەپ قورۇسىغا كىرىپ:«دادا، ئاشۇ بالىلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ ساۋاقداشلىرىم بولامدۇ؟» دەپ پېشىمنى تارتىپ، ئوماققىنا سەكرەپ كەتكەنىدى. قىزىمغا مەسلىكىم كېلىپ: «شۇنداق، ئۇلارنىڭ ھەممىسى سىزنىڭ ساۋاقداشلىرىڭىز ھەم دوستلىرىڭىز بولىدۇ» دېگەنىدىم. مەكتەپ شۇ چاغدا كۆزۈمگە مېھرى ئىسسىق بىر ئانىدەك ھەم سۈپسۈزۈك سۈيى ۋىلىقلاپ تۇرغان قۇرۇماس بۇلاقتەك كۆرۈنۈپ كەتكەنىدى. دېمىسىمۇ مەكتەپ نۇرانە چىراغ، ئۇ قاراڭغۇ دىللارغا يورۇقلۇق ئاتا قىلىدىغان مەشئەل ئەمەسمۇ؟! مېنىڭ مەكتەپكە بولغان ئىشەنچىم بەكمۇ زور ئىدى...
ھۆرمەتلىك مۇدىر، پارتىيە، ھۆكۈمەت سىزگە ئىشىنىپ ئاشۇ ھوقۇقنى بەردى. ئەسلى ئۇلارنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلايدىغان بىر مۇدىر بولسىڭىز، ھەممە سىزدىن رازى بولاتتى. ئاڭلاشلىرىمغا قارىغاندا، خەلقنىڭ سىزگە بولغان ئىشەنچى ئانچە يوقكەن، بۇنداق بولۇشى بەلكىم سىزنىڭ ئەخلاقىڭىزدىكى ياكى باشقا بىر ئىشلارسەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىن. مەن سىزنىڭ ئۇنداق ئىشلىرىڭىزنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرمىگەچكە، سەۋەبىڭىز تۈپەيلى باشقىلارنىڭ ئۆيى بۇزۇلۇشتەك رېئال ئەھۋاللار پاكىت سۈپىتىدە تۇرسىمۇ، ئىشەنگۈم كەلمىدى، «مائارىپ ئورنىدىكى ئادەم ئۇنداق ئىشنى قىلماس، بىز خەق نېمە گەپنى تاپمايمىز» دېگەن خىيالدا بولۇپ، ئارتۇقچە ئويلاپمۇ كەتمىدىم. پەقەت پارتىيە، ھۆكۈمەت سىزگە شۇ ھوقۇقنى قانداق بەرگەن بولسا، يەنە شۇنداق ئېلىۋالىدىغانلىقىغا ئىشىنىپلا كەلدىم. چۈنكى، ئەخلاقىي ناچار بىر مۇدىرنىڭ باشقىلار ئالدىدا گېپى ئۆتمەيدىغانلىقىنى، ئۇنداق مۇدىرنىڭ نۇرغۇنلىغان ئەۋلادلارنىڭ بەختىگە ئولتۇردىغانلىقىنى ئۇلارمۇ چۈشىنىپ يېتىدىغاندۇ؟ شۇڭا ئىستىلىدا مەسىلە بار رەھبەرلەر بارا-بارا شاللىنىپ كېتىپ بارىدۇ. سىز ئۆز ئورنىڭىزدىن چۈشكىچە بۇ گەپلىرىمنى دېۋالمىسام بولمايدۇ.
ھۆرمەتلىك مۇدىر، بۇ گەپلەرنى نېمە ئۈچۈن ئېغزىمغائالغانلىقىمنى چۈشەنمەي، مېنى بەلكىم: «مۇدىرلارنىڭ ئەيىبنى ئېچىشقا خۇشتار ساراڭ قېتىش بىرىكەن» دەپ ئويلاۋاتقانسىز. بىر ئىنساننىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرى كۆپۈكلەنسە، ئۇ ئەنە شۇنداق «نۇرمالسىز»لىشىپ، ئۆز دەردىنى دېيىشكە جاسارەتلىك بولۇپ كېتىدىكەن... ئاچچىقتا قانچىلىك بوغۇلاي، بولغۇلۇق بولۇپ بولدى... ئۇخلىسام چۈشۈمگىمۇ كىرمەيدىغان ئىشلار ئاخىرى يۈز بەردى. بۇنىڭغا زادى كىم سەۋەبچى؟ بۇلارنى تولا ئويلاپ، كاللام گادىرماچ بولۇپ كەتتى، ئاخىرى كونىلارنىڭ: «سۇنىڭ بېشى لاي بولسا، ئاخىرىمۇ لاي بولىدۇ» دېگەن سۆزىگە ئىشىنىپمۇ قالدىم. مەكتەپ ئورنى پاكلىق ئۈستىگە قۇرۇلمىسا، ئەۋلادلارنى نەس باسىدىكەن. چۈنكى ئۇ ئىنساننى تەربىيىلەيدىغان ئورۇن! ئىنسان تەربىيىلەشتە ھالال نىيەت، ساپ ئەقىدە ۋە يۈكسەك مۇھەببەت بولمىسا، تەربىيىلەشنىڭ ئۈنۈمى بولماسلىقى ئېھتىمالغا يېقىن. شۇنى ئېتىراپ قىلىش كېرەككى، ھەممە جاۋابكارلىقنى مەكتەپكە ئارتىپ قويۇشقا يەنە بولمايدۇ، بۇنىڭدا ئائىلىنىڭمۇ باش تارتىپ بولماس مەسئۇلىيىتى بار. ئەلۋەتتە. مەن گاھى بىر كۈنلىرى (كۆپ ھاللاردا ۋاقتىم يار بەرمەيدۇ) تېلېۋىزور، رادىئودىن پارتىيە، ھۆكىمەتنىڭ مائارىپقا زورمەبلەغ سېلىۋاتقانلىقىدەك خەۋەرلەرنى ئاڭلاپ قالىمەن. يۇقىرى ئورگانلار مائارىپقا شۇنداق ئەھمىيەت بېرىۋاتقان يەردە، سىلەرنىڭ نېمىنى ئويلاپ، بالىلار تەربىيىسىگە بىپەرۋا قاراۋاتقانلىقىڭلارنى زادى بىلەلمىدىم. چۈنكى مەن كۆپ ئوقۇمىغاچقا، مەسىلىلەرنى ئەتراپلىق تەھلىل قىلالمايدىكەنمەن. مەكتىپىڭلاردىكى بىر مۇئاۋېن مۇدىرنىڭ يېغىندا بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ: «بالىلارغا ئەخلاقىي تەربىيىنى كۈچەيتەيلى، قىزلارنىڭ قېچىپ كېتىشلىرى ئادەمنى ئەندىشىگە سالىدۇ» دېگەن گېپىگە جاۋاب تەرىقىسىدە ئېيتقان مۇنداق بىر سۆزى قۇلىقىمغا ناھايتى ئىشەنچىلىك بىر ئادەمدىن يېتىپ كەلدى: «ئوتتۇرا مەكتەپتىكى چېغىدا قېچىپ كەتكەن بەزى قىزلار ھازىر بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتى. لېكىن ئالىي مەكتەپنى نۇرغۇن خىراجەت بىلەن ئوقۇپ كەلگەن بەزى قىزلار بولسا، تېخىچە ئۆز بەختىنى تاپالماي يۈرىدۇ...» مىڭ توۋا، دېدىم. ئاشۇ سۆزنىڭ بىر رەھبەرنىڭ ئېغىزىدىن چىققانلىقىغا ئىشەنمەيلا قالدىم. قىزلار تۇرمۇشلۇق بولۇپ، تۆت تامنىڭ ئىچىگە كىرىپ تېنىچ تۇرمۇش كەچۇرسىلا بەختلىك بولغان بولامدۇ؟ شۇ گەپنى ئاڭلىغان چېغىمدا، ئۇنىڭغا ئانچە ئىشىنىپ كەتمىگەن بولسام، ئەمدىلىكتە، كۆپ نەرسىلەرگە ئىشىنىشكە رېئاللىق مەجبۇرلاپ قۇيۇۋاتىدۇ.
ھۆرمەتلىك مۇدىر، بۇ تاققا-تۇققا سۆزلىرىمگە قاراپ زادى نېمەئىش بولغانلىقىنى بىلىشكە قىزىقىۋاتقانسىز؟ مەن سىزگە ئىشنىڭ جەريانىنى ئىخچاملا بايان قىلىپ بېرەي:
قىزىم بۇ يىل تولۇق 3-يىللىقتا ئوقۇۋاتاتتى. يەنى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىش ئالدىدا تۇراتتى. بىز بۇنى كۆزدە تۇتۇپ قىزىمىزنى ھېچقانداق ئىشقا سالمىدۇق ھەم ئۇنىڭغا ئايرىم بىر ھۇجرا قىلىپ بەردۇق. چۈنكى، مەن ئۇنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇپ، بىلىملىك، ئەخلاقلىق ئادەم بولۇشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتىم.باشقىلار بىلەن بالا توغرىلىق پاراڭلىشىپ قالسام: «مېنىڭ قىزىم ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتىدۇ» دېسەم، ماڭا-بىر ئاتىغا شەرەپ ئەمەسمۇ؟ ئاشۇ سۆزنى دېگەن ۋاقتىمدىكى پەخىرلىنىش ھېسسىياتىمنى خىيالىي كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈپ، قانچىلىك لەززەتلىنىپ كېتىدىغانلىقىمنى سىز مەڭگۈ تەسەۋۋۇر قىلالمايسىز. ئاتا-ئانا دېگەن بالىلىرىنىڭ ياخشى تەربىيىگە ئىگە بولۇشى بىلەن خۇشاللىق تاپىدۇ. ھاياتتىكى تۈرلۈك تۈمەن دىشىۋارچىلقلار ئۇنىڭ بىلەن ئۇنتۇلۇپ كېتىدۇ. مەن شۇنىڭ ئۈچۈن قۇربان بېرىۋاتىمەنغۇ؟ توپ تارقىتىش بازىرىدا چۈشلۈك غىزانى ئۆيدە تەييارلاپ ئېلىۋالغان مۇزدەك سوغۇق چېيىم بىلەن بىرناننى يەپلا ئۆتكۈزىمەن، بۇ قارا ئەمگەك قىلغۇچىغا ئاسان ئىش ئەمەس، پەقەت بۇنى شۇ ئىشنى قىلىپ كۆرگەنلەرلا بىلىدۇ. ھارۋا تارتىش جەريانىدا قۇرسۇقۇم ئېچىپ تارتىشىپ،كۆزلىرىم قاراڭغۇلىشىپ كەتسىمۇ، بالامنىڭ كەلگۈسىدىكى گۈزەل ئىستىقبالى كۆز ئالدىمغا كېلىپ، جاسارىتىمگە جاسارەت قوشۇدۇ-دە، قۇرسۇقۇمنىڭ ئاچلىقىنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ.
بىر كۈنى ئىشتىن ھېرىپ ئېچىپ كەچ كەلسەم، قىزىم تېخىچە مەكتەپتىن قايتىپ كەلمەپتۇ. مەكتەپكە باردۇق، يوق، ئۆزىمىز بىلىدىغان ساۋاقداشلىرىنىڭ ۋە تۇغقانلارنىڭ ئۆيلىرىگىمۇ بېرىپ باقتۇق... ئىزدىمىگەن يەر قالمىدى. ئايالىم، تولۇقسىزدا ئوقۇيدىغان ئوغلۇم بىلەن ئىزدەپ يېنىشىمىزدا تاڭ سۈزۈلگەنىدى... بۇچاغدىكى تۈرلۈك گۇمانلار كاللامدا ئەگىپ، تىت-تىت بولغان روھىي ھالىتىمنى سىزگە تەسۋىرلەپ بېرەلمەيمەن. ئۆزۈمگە: «بىرەر ساۋاقدىشىنىڭ ئۆيىدە دەرس تەكرارلاپ شۇيەردە قونۇپ قالغاندۇ» دەپ تەسەللى بېرەتتىم، خۇدادىن ئۇنىڭغا ئامانلىق تىلەيتتىم.قىزىم ھازىرغىچە سىرتتا قونۇپ قالمىغان قىز بولغاچقا، ئۇ خىيالىمدىن گۇمانلىناتتىم. شۇنداقتىمۇ ئەشۇ سۆزلەر بىلەن قايغۇلۇق كۆڭلۈمنى تەسكىنلەيتتىم.
ئۆي گۆرىستانغا ئايلاندى، ئايالىمغا قارىسام، بىر كېچىدىلا قېرىپ مۈكچىيىپ قالغاندەك كۆرۈندى، بەلكىم مەنمۇ ئۇنىڭغا قېرىپ كەتكەندەك كۆرۈنگەندىمەن. ئۆيدە پەقەتلا ئولتۇرغۇم كەلمىدى. يەنە مەكتەپكە بېرىپ، قىزىمنىڭ سىنىپ مۇدىرى بىلەن كۆرۈشتۈم. ئۇ ساۋاقداشلىرىدىن ئېنىقلاپ كۆرۈپ، ساۋاقداشلىرىنىڭمۇ قىزىمنىڭنەدە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغانلىقىنى دېدى. مېڭەمدىن كىرگەن ئاچچىق بىر تۈتۈن تاپىنىمدىن چىقىپ كەتتى. قورقۇنچلۇق خىياللار مېنى قىيىنىغىلى تۇردى. مەن نېمە قىلىشىمنى بىلەلمەيلا قالدىم. قىزىمنىڭ مۇئەللىمەسى ھېچ ئىش بولمىغاندەك ئۆز ئىشى بىلەن بولىۋەردى. ئىشخانىدا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ: «ئۇنۋاننى ئېلىۋالسام، ئامال قىلىپ دەم ئېلىشقا چىقىۋالاتتىم.» «مۇدىرنىڭ يېقىنلىرىدىن بىزگە ئاشامتى...» «ھازىر جاننى ئۇپىرىتىدىغان ئىشقالمىدى... » دېگەندەك پاراڭلىرى قۇلىقىمغا ناھايىتى يىراقتىن ئاڭلىنىۋاتقاندەك قىلاتتى. بىر چاغدا سەل ئۆزۈمگە كەلگىنىمدە، قىزىمنىڭ يۈز-كۆزلىرىنى قېنىق بويىۋالغان، خېلىلا پارتلاپ كېتىدىغاندەك تار پادىچىلار شىمى كىيىۋالغان مۇئەللىمەسىنىڭ ھالىتى كۆزۈمگە شۇنچىلىك سەت كۆرۈنۈپ كەتتى-دە، ئوشۇق گەپمۇ قىلماي، مەكتەپتىن چىقىپ كەتتىم. ئەمدى قىزىمنى قەيەردىن ئىزدەيمەن؟! «ئۆيگەكېلىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن» دېگەن ئوي دەرھال پەيدا بولۇپ، ئاتا-ئانامدىن مىراس قالغان كونا ئۆيۈمگە بار كۈچۈم بىلەن يۈگۈرۈپ بېرىپ، بىر خىل ئۈمىدسىزلىكتىن بوشۇشۇپلا كەتتىم. ئايالىم مىشىلداپ يىغلاپ ئولتۇراتتى. ئۇ كۆزلىرىمگە مۆلدۈرلەپ قارىدى. يۈرىكىم «ۋىژژىدە» ئېچىشتى. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن كۆزۈمنى ئېلىپ قاچتىم. ئاتا-ئانا بولماقنىڭ نەقەدەر تەسلىكىنى، بالا مېھىرىنىڭ بەكمۇ چوڭقۇرلىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇرتونۇپ يېتىۋاتاتتىم... توپ تارقىتىش ئورنىغا ئەسلى بېرىشىم كېرەكىدى، لېكىن بارالمىدىم. چۈنكى، قولۇم ھېچ ئىشقا بارمايتتى. پۈتۈن زېھنىم قىزىمدىلا قالغانىدى... چۈشتىن قايرىلغاندا بىر نەچچە كىشى ئۆيگە كىرىپ كەلدى...ئاھ خۇدا، قىزىم «پوق يەپتۇ»! بۇنى ئاڭلاپ كۆز ئالدىم قاراڭغۇلىشىپ، مىڭەم قىزىپ كەتتى، ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالمايلا قالدىم... بىر چاغدا ئىسىمگە كېلىپ، «مېھمان»لارنى تىللاپ ئۆيدىن قوغلاپ چىقارغانلىقىمنى غۇۋا ئەسلىدىم. ئۇلاردا نېمە گۇناھ؟! قىلغانلىرىم پۈتۈنلەي خاتا ئىدى. ئايالىم كۆزۈمگە شۇنچىلىك سەت كۆرۈنۈپ كەتتى-دە، ئۇنىڭغا: «ھەي ساراڭ خوتۇن! مەن ئىش بىلەن بولۇپ بالىغا قارىيالمىدىم، سەن نېمىشقا قارىمىدىڭ؟!» دەپ ئۇنى توختىماي ئۇرۇپ كېتىپتىمەن. بىر ھازادىن كېيىن ئۆزۈمگە كېلىپ قارىسام، ئۇنىڭ يۈز-كۆزلىرى ئىششىپ، كۆكىرىپ كېتىپتۇ. بۇرنىدىن قان توختىماي ئېقىۋاتىدۇ. يەنە ئۇنىڭغا ئىچىم ئاغرىپقالدى. ئۇمۇ تۈزۈك ئوقۇمىغان، ياۋاش-يۇمشاق، بىغەمرەك بىر خوتۇنىدى. ئوقۇمىغان،ساپاسىز خوتۇننىڭ قولىدا بالا قانچىلىك تەربىيىلەنمەكچى؟! قىزىمنىڭ مانا مۇشۇنداق بىر ئانا بولۇپ قېلىشىدىن قانچە ئەنسىرىگەن ئىدىم-ھە؟! شۇڭا ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزۈمنىڭ بارلىقىنى ئاتىغان ئەمەسمىتىم؟!
قىزىمنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشى ئۈچۈن تىيىن-تىيىنلاپ يىغىۋاتقان پۇلنى، ئەمدى ئۇنىڭ تويىغا ئىشلەتتۇق. توينىمۇ ئەپلەپ-سەپلەپ تۈگەتتۇق، ئەمما قىزىمنىڭ تويى بولۇپ، ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۇنىڭ يەڭگىپ قويۇشى غەزىپىمنى قايتىدىن ئۆرلەيتتى. (ئۇ نەچچە ۋاقىتتىن بېرى قۇرسىىقىنى لاتا بىلەن تېڭىپيۈرۈپتىكەن)
ھۆرمەتلىك مۇدىر، مەن مەكتەپ تەربىيىسىگە بەك ئىشىنىپكېتىپتىمەن. لېكىن ئىشەنگەن تاغدا كېيىك ياتماپتۇ، دېگەندەك ئىش بولدى. ئاتا-ئانىلار يىغىنىدا ۋە قىزىمنىڭ ئەھۋالىنى بىلىش ئۈچۈن گاھى بىر كۈنلىرى مەكتەپكە بارغىنىمدا، سىنىپ تەربىيىچىسى «قىزىڭىز ياخشى...» دەيتتى مەن بىلەن خوشلىشىشقا ئالدىرىغاندەك ھالدا. ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، قىزىمدىن ھەر ھالدا خاتىرجەم بولۇپ قالاتتىم. قىزىمنىڭ ئۆيدىكى ئىش-ھەرىكەتلىرىمۇ بىزگە ئۇنى شۇنداق ئەدەپلىكتەك تۇيغۇنى بېرەتتى. ئاقىۋەت ئىشلار بىز ئويلىغاندەك بولماي قالدى. بۇ ئىش بىزگە بەك ئېغىر قىسمەت ئاتا قىلدى. ئارزۇ – ئارمانلىرىمنىڭ چېچەك ئاچالماسلىقى بۇ دۇنيانىڭ قىيامىتىنى ھازىرلاپ قويدى... خەيرىيەت، بەلكىم بۇمۇ بىر تەقدىردۇر، لېكىن ھەممە ئىشنى تەقدىرگە يۈكلىۋېلىشنىڭ ئۆزىمۇ ئىنساننىڭ ئاجىزلىقى بولسا كېرەك، شۇڭا سىزدىن ئۆتۈنىدىغىنىم: ئەۋلادلارغا كۆپ بولمىسىمۇ ئانچە-مۇنچە ئىگە بولۇپ قويسىڭىز، ئاڭلىسام قىزىمدەك «كېتىپ بارغان» قىزلار خېلىلا باركەن. باشتا دېگىنىمدەك مەكتەپ ئورنى پاكلىق ئۈستىگە قۇرۇلمىسا، ئەۋلادلارنى نەس باسىدۇ. مانا قىزىم بۇنىڭ قۇربانى بولدى. بۇ ھەممىمىزگە بىر ئىبرەت بولسۇن! مەكتىپىڭلاردا ئوقۇۋاتقان ئوغلۇم مەرىپەتنىڭ ساپ، ھالال سۈيىدىن بەھرىلەنسۇن! مەنمۇ ئۇنىڭغا قايتىدىن ئىگە بولاي! سىلەرقىلساڭلار ئۆزۈڭلا بىلەن كەتسە مەيلى ئىدى، بىراق، قىلىغانلىرىڭلار ئاشۇ سەبىي بالىلارغا يېنىپ قالىدىكەن. بىر كۈنى قىزىمنىڭ كىتابىدىن شۇنداق بىر گەپنى ئوقۇغانلىقىم ئىسىمدە: «ئارسلان ئىتلارغا باشلىق بولسا، ئىتلارمۇ ئارسلانغا ئايلىنىدۇ. ئارسلانلارغا ئىت باشلىق بولسا، ئارسلانلار ئىتقا ئايلىنىپ قالىدۇ» شۇڭا، بىر تەربىيىلىگۈچى باشقىلارنى تەربىيىلەشتىن ئاۋۋال ئۆزىنى ھەر تەرەپتىن مۇكەممەل تەربىيىگە ئىگە قىلىشى بەكمۇ زۆرۈركەن. بىلىپ قېلىڭكى، بالىلار بىر مىللەت مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئاساسى، ئۇنىڭسىز بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ. ھۆرمەتلىك مۇدىر، سىزنىڭمۇ بالىلىرىڭىز باردۇر؟ سىزمۇ بالىلىرىڭىزنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بولىدىغانسىز. مەكتەپتىكى ئاشۇ بالىلارنى ئۆز بالىڭىزدەك كۆرۈشىڭىزنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن. خەتنى يېزىپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، قىزىمنىڭ بالىلىق دەۋرىدە، چۈچۈك تىلدا: «دادا مەن چوڭ بولغاندا دوختۇر بولۇپ كېسەللەرنى داۋالاپ ساقايتىمەن» دېگەن سۆزى ئىسىمگە كېلىپ، ئۆپكىدەپ كەتتىم. ئەمدى ئۇ بىر بالىنىڭ ئانىسى بولۇپ قالدى. بۇنىڭغا ئېچىنماي تۇرالامدىم؟...قىزىم تېخى غۇنچە ئىدى، مەن قىزىمنى ئەرگە بېرىش ئۈچۈنلا تاپمىغانىدىم. ئۇنىڭغا باغلىغان ئۈمىدىم ھەقىقەتەن زور ئىدى...
خەير، ئامان بۇلۇڭ.
ھۆرمەتتە: دەردمەن بىر ئاتىدىن.

(«شىنجاڭ مائارىپى» ژۇرنىلى 2011-يىللىق 11-سان)

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 3Rank: 3

تىللا
173
تۆھپە
96
UID
11161
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-6 14:14:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمدى پۈتۈن مەسۇليەتنى مۇئارىپقا  يۈكلەپ قويخىلىمۇ بولمايدۇ شۇنداقمۇ  ئائىلىدە ئاتا -ئانا بولغۇچى قانچە چارچاپ  قانچە  ھېرىپ كەتكەن بولساقمۇ   پەقەت  نەچچە - نەچچە   مىنوت  ۋاقىت چىقىرىپ شۇ  بالىلار  بىلەن  مۇڭداشقان بولساق  بالىنىڭ  كۆڭلىدىكىنى  بىلىۋالايتۇق .
ئۆزىمىز  ئاتا -ئانا بولغۇچى باشتىكى قەدەمنى  ئائىلە تەربىيسىدىن  باشلىساق  ھېچكىمدىن رەنجىمەيمىز


Rank: 2

تىللا
84
تۆھپە
22
UID
9190
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-6 16:15:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ‹‹خەت ›› تە يېزىلغان ئەھۋاللار جەمئىيىتىمىزدە ھەقىقەتەن مەۋجۇت ...ئەمەلىيەتتە ماڭا ماڭدامدا بىر ئۇچراپلا تۇرۇۋاتىدۇ .....نىمە دىيىش ، قانداق ھەل قىلىش ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس ،بىر ياققا قارىسا زور ئۈمىدلەر بىلەن بالىلىرنى ئەتىۋارلاپ بېقىپ چوڭ قىلغان ئاتا- ئانىلارنىڭ ئازاپلىق كۆزلىرى ....يەنە بىر تەرەپتە مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەيرانلىق ئارىلاش مەسخىرىلىك كۈلۈشلىرى ......
مانا تېخى ھېلىلا تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋېتىپ توي قىلىۋالغان ئىككى قىزنى ساقىخانىدىكىلەرگە يالۋۇرغانچىلىك قىلىپ يۇرۇپ ئۆتكۈزۈپ بىرىپ كىرىپ بۇ تىمىنى كۇرۇشۇم ......
ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ ئىچى سىرىلىدۇ ...... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   karakax تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-6 16:18  



Rank: 2

تىللا
115
تۆھپە
59
UID
9505
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-6 16:29:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راس بالا تەربىيلىمەك بەك تەس بىر ئىش . ئاتا- ئانا بولغۇچىلارمۇ بالىلارنىڭ ھەممە نەرسىسىنى تەل قىلىپ بەردۇق .پۇل دىسە پۇل بەردۇق.دەپ شۇنىڭ بىلەنلام بولماي. بالىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشى.ھەمدە بالىلارنىڭ نىمىلەرنى ئويلايدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرىشىمۇ مۇھىم بىر مەسىلە ئەلۋەتتە.


Rank: 4

تىللا
218
تۆھپە
150
UID
9313
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-6 17:19:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇلارنى ئۇقىۋېتىپ ئاتا- ئانا بولغۇچىغا  ناھايىتىمۇ بەك ئېچىندىم ، قىزنىڭ ئەقىلسىزلىكىدىن ئەپسۇسلاندىم . ئاتا-ئانا بولغۇچىلار چۇقۇم باللىرى بىلەن كۆپرەك سىردىشىپ تۇرىشى ، ئۇلارنىڭ يۈرۈش تۇرۇشلىرىغا چوڭ بولغانسىرى بەك دىققەت قىلىشى كېرەك . لېكىن يۇقرىقىدەك ئەھۋاللارنى مەكتەپ مەسئۇللىرىدىن كۆرۈشكە بولمايدۇ ، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ سىرتىدىكى ئىشلىرىغا كۆڭۈل بولگىدەك ۋاقتى چىقمايدۇ ، مەكتەپتە ئەخلاق تەلىم تەربىيە خىزمىتى كۈچەيتىلگەن بولسىمۇ يەنىلا بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ شەرمى ھايانى قايرىپ قۇيۇپ مەكتەپنىڭ ، بۇلۇپمۇ ئۆزىنى بېقىپ چوڭ قىلغان ئاتا-ئانىنىڭ ئۆزىدىن كۈتكەن ئۈمىدىنى ئاقلاش ئورنىغا ئۇلارنى تۈگىمەس ئازاپلارغا سالىدىغان ئىشلار يەنىلا يۈز بەرمەكتە. شۇنىڭ ئۈچۈن مەكتەپ بىلەن ئائىلە بىرلىكتە بالىلارغا كۆڭۈل بۈلىشىمىز كېرەك .


Rank: 2

تىللا
108
تۆھپە
32
UID
9972
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-6 20:14:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەرزەنىتتڭمىز گە بولغان تەربىيە: 3 تەرەپ تىكى تەربىيە گە مۇناسىېەتلىك .يەنى ئائىلە تەربىيەسى، مەكتەپ
تەربىيەسى،ۋە جەميەت تەربىيەسى،بۇلار نىڭ قايسى بىرىدىن چاتاق چىقسا پەرزەنتتىمىزدىن چاتاق چىقىدۇ ،
بۇنى خاسلا مەكتەپ دىن كۆرسەك بولمايدۇ،


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مۇھەممەدئەلى ئەنۋەر
تىللا
1313
تۆھپە
801
UID
519
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-6 21:48:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلغان ئەسەركەن ...ھارمىغايسىز....


Rank: 4

ئىسىمى
ئەيسا
تىللا
407
تۆھپە
124
UID
4779
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-7 00:30:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەكتەپلەردە ئەخلاق تەربىيىسى قانچە كۆپ بىرىلسە پايدىسى زور،
ماقالىنىڭ مەركىزىي ئىدىيىسىدىمۇ ئاپتۇر ئاساسلىقى شۇنى دىمەكچىغۇ دەيمەن،كۆپ سانلىقلار يەنىلا ياخشى پەقەت بىر قىسىم يۇقىرىغا يامىشىشنىلا بىلىدىغان،مەكتىپىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئەخلاق تەربىيىسى بىلەن كارى يوق مۇدىرلار شۇنداق ئىشلارنىڭ باش سەۋەپچىسى.ئائىلە تەربىيىسىمۇ ئىنتايىن مۇھىم


دۇنيا ئىبرەت بىلەن تولغان،شۇنىڭدەك ئىبرەت ئالمىغۇچىلارنىڭ كۆز-ياشلىرى بىلەنمۇ تولغان!.    ‹‹داغ››دىن

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئىگىلمەس
تىللا
731
تۆھپە
424
UID
1236
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-7 09:26:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا تېخى ھېلىلا تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋېتىپ توي قىلىۋالغان ئىككى قىزنى ساقىخانىدىكىلەرگە يالۋۇرغانچىلىك قىلىپ يۇرۇپ ئۆتكۈزۈپ بىرىپ كىرىپ بۇ تىمىنى كۇرۇشۇم ......
ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ ئىچى سىرىلىدۇ ......
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   karakax تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-6 16:18  



  نېمىگە يالۋىرىپ،نېمىنى ،نېمىگە ئۆتكۇزۇپ بەردىڭىز ئېنىق دىسىڭىز ؟....


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئىگىلمەس
تىللا
731
تۆھپە
424
UID
1236
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-7 09:31:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



            ئانىلار...ھەي قەدىرلىك ئانىلار يەنىلا ئانىلار بالىلار بىلەن دايىم سىردىشىپ
      تۇرۇشى زۆرۇر.ئاتىلاردا ئازىراق ھەيۋىمى بۇلىشى كېرەك.ئانا  ئاتىنىڭ ھەيۋىسىنى
      ئاشۇرمىسا ئاتىنىڭ ئورنى بولمىسا،ئانا بالا بىلەن مۇڭدىشىشنى بىلمىسە ھەي....
     نېمە دەيمىز خۇدا ئۆزى پاناخىدا ساخلىغاي...

          بالىلىرىمىزغا ئنىساپ بارسۇن..........   


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-5 10:38, Processed in 0.089879 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991