تەڭرىتاغ تورى ئۇيغۇرچە مىكروبىلوگنى ئومۇملاشتۇرۇش سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى ئۆز مۇخبىرلىرىمىز توخنىياز ئىسمائىل ، ئارسلان كامىل خەۋىرى ، فوتوسى: 28–مارت چۈشتىن كېيىن مەملىكىتىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر يېزىقىدىكى تۇنجى مىكروبىلوگ سۇپىسى ھېسابلانغان تەڭرىتاغ تورى ئۇيغۇرچە مىكروبىلوگىنى ئومۇملاشتۇرۇش سۆھبەت يىغىنى شىنجاڭ ئاخبارات سارىيىدا ئېچىلدى . شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئادىل خالىق ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى غەيرەت سالىيوف قاتارلىق رەھبەرلەر ، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئىدارە–ئورگان ، ئاخبارات–تەشۋىقات ، مەدەنىيەت–سەنئەت ، مائارىپ ساھەسىدىكى رەھبەرلەر ، ئالىم–مۇتەخەسسىسلەر ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نۇقتىلىق، ھەرقايسى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى يىغىنغا قاتناشتى .
يىغىندا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ئادىل خالىق مۇنداق دېدى: بۇ يىل پارتىيە 17–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 6–ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرىدىغان ھەمدە ‹‹12–بەش يىل›› مەزگىلىدە ئۆتكەنكى ئىشلارنى داۋاملاشتۇرۇپ ، كېيىنكى ئىشلارغا ئاساس سالىدىغان مۇھىم بىر يىل ، شۇنداقلا يەنە پارتىيەنىڭ 18–نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى ئېچىلىدىغان خۇشاللىنارلىق بىر يىل . بۇ يىللىق ئىنتېرنېت تورى تەشۋىقاتىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ھەمدە تور تەشۋىقاتىغا ئەھمىيەت بېرىپ ، جامائەت پىكرىگە يېتەكچىلىك قىلىش ۋە تور مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە كۈچ سەرپ قىلىپ ، ياخشى بولغان ئىنتېرنېت تور مۇھىتى بەرپا قىلىپ ، پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى ياخشى بولغان ئىنتېرنېت تورى جامائەت پىكرى ۋە مەدەنىيەت مۇھىتى يارىتىش كېرەك. مەملىكىتىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدىكى تۇنجى مىكروبىلوگ — تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مىكروبىلوگىنىڭ ئېچىلىشى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرىغا يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى ، شۇنداقلا ئۇيغۇر تور ئىشلىرى تەرەققىياتىدا بېسىلغان قۇتلۇق قەدەم . سۆھبەت يىغىنىغا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى ئىدارە–ئورگانلاردىكى مۇھىم خىزمەت ئورۇنلىرىدا ئىشلەۋاتقانلار ، ئۆز كەسىپ ۋە ساھەلىرىدە مۇئەييەن نەتىجە قازانغان ، باشقۇرۇش ۋە يېتەكلەش خىزمەتلىرىنى ئۆتەۋاتقان ، جەمئىيەتتە بەلگىلىك تەسىرگە ۋە نوپۇزغا ئىگە خادىملار تەكلىپ قىلىندى . مەن يولداشلارنىڭ تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مىكروبىلوگىغا ئاكتىپ ئەزا بولۇپ ، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈشكە دائىر ھەر خىل پايدىلىق ئۇچۇر ۋە سىياسەتلىرىنى ئاممىغا ۋاقتىدا تەشۋىق قىلىپ ، خەلق ئاممىسىنىڭ يۈرەك ساداسىغا ھەقىقىي قۇلاق سېلىپ ، ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ، ھەل قىلىنىشقا تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا بايقاپ ۋە ئۇنى ھەل قىلىش يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىيات ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا بىر كىشىلىك تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن .
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ، پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى غەيرەت سالىيوف مۇنداق دېدى : تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى مېھمانلار ئوتتۇرىغا قويغان بۇ تەكلىپ–پىكىرلەرنى ئەستايىدىل ۋە تولۇق قوبۇل قىلىپ ، تورنىڭ كونكرېت خىزمەتلىرىگە تەدبىقلاپ ، تورنى تېخىمۇ ياخشى باشقۇرۇپ ، ئىلغار مەدەنىيەت تارقىتىشنىڭ يېڭى يوللىرىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ ، خەلق ئۈچۈن ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئومۇمىيىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ ، ساغلام تور مۇھىتىنى يارىتىپ ، كەڭ تورداشلارنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان مەنىۋى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشى لازىم .
سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشقان مېھمانلار ئۇيغۇرچە تور ، مۇنبەر، جۈملىدىن مىكروبىلوگنىڭ قۇرۇلۇشى ، قوللىنىلىشى ۋە تەرەققىياتى توغرىسىدا مۇھىم ، قۇرۇلۇش خاراكتېرىدىكى قىممەتلىك تەكلىپ–پىكىرلىرىنى بەردى .

يىغىن مەيدانىدىن كۆرۈنۈش

يىغىن مەيدانىدىن كۆرۈنۈش

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئادىل خالىق سۆز قىلدى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى غەيرەت سالىيوف سۆز قىلدى

شىنجاڭ تەڭرىتاغ تورى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى قەيسەر قېييۇم يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇچۇر تېخنىكىسى ئىنىستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى تۈرگۈن ئىبراھىم سۆز قىلدى

شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئاخبارات - تارقىتىش ئىنىستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى دولقۇن ئابدۇللا سۆز قىلدى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى مەدەنىيەت - سەنئەت باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئالىمجان ھاپىز سۆز قىلدى

شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئاخبارات - تارقىتىش ئىنىستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى ئابدۇۋاھىت نىياز سۆز قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى ئۇيغۇر گېزىت چىقرىش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئابلېلىم ئېزىز سۆز قىلدى

شىنجاڭ ئۇيغۇرسوفت چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ، تەتقىقاتچى ئالىم ئەھەت سۆز قىلدى

ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەيرى ساخاۋەت باش جەمئىيىتى ‹‹ساخاۋەتچى ئاتىلار›› كوللېكتىپىنىڭ مەسئۇلى ھەسەنجان ئابدۇراخمانشىنجاڭ تەڭرىتاغ تورى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى قەيسەر قېيۇمغا لەۋھە تەقدىم قىلدى

يىغىن مەيدانىدىن كۆرۈنۈش

يىغىن مەيدانىدىن كۆرۈنۈش

يىغىن مەيدانىدىن كۆرۈنۈش

يىغىن مەيدانىدىن كۆرۈنۈش

يىغىن مەيدانىدىن كۆرۈنۈش

|