- تىللا
- 24
- تۆھپە
- 5
- نادىر
- 0
- يازما
- 5
- جۇغلانما
- 39
- ھوقۇقى
- 10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-3-29
- تىزىملاتقان
- 2012-3-22
- UID
- 9323

- تىللا
- 24
- تۆھپە
- 5
- UID
- 9323
| نۇرۇز سۆيگۈسى
ئامىنە ئابلىز
1 قاراڭغۇ زىمىن قوينىدا ئۇيقۇغا كەتكەن ئۆستەڭ بۇيىدىكى چىملار قۇياشنىڭ ئىللىق ھارارىتىدە باش كۆتۈردى-دە ئەتراپىغا قورقۇمسىراپ باقتى. كۆپكۆك ئاسمان، چىرايلىق قۇياش ئاستىدا قاردەك ئاپئاق، قىزغۇچ، قىزىل، سۆسۈن رەڭلەردە چىچەكلىگەن ئۆرۈكلەر، شاپتۇللار، بىدىلىكلەردە خۇشال-خورام كۆك تېرىۋاتقان چوكانلار، چوكانتاللاردا چاچ ياساپ مەلىكىلەرنى دوراۋاتقان قىزلار، چىۋىقلاردا ئات مىنىشىپ يۈگرەۋاتقان‹چەۋانداز›لار، ئېتىزلاردا ناخشا ئيتقاچ يېڭى ھاياتنىڭ يېڭى كۈرىشىگە ئاتلانغان يىگىتلەر، ئەتراپىدىكى قايناقلىقتىن، خۇشاللىقتىن مەستلىكى كىلىپ ھاياجانلىنىۋاتقان بوۋاي-مومايلار.... ۋاھ، نىمە دىگەن گۈزەل مەنزىرە ھە! شۇ تاپتا ھەممەيلەننىڭ يۈرىكىدە چەكسىز ھاياجان، چىھرىدە ئېيتقۇسىز خۇشاللىق. - دادا، دادا، نۇرۇز كەلدى. - موما، بۈگۈن نۇرۇز. - قارا قىزىم، ئاناڭ ساڭا نۇرۇز ئېشى ئىتىۋاتىدۇ. ھەممەيلەن شۇنداق تەنتەنە بىلەن يېڭى بىر كۈننى، يېڭى بىر ھاياتنى كۈتىۋالماقتا، خۇشاللىقتىن مەست بولغان قەلبىدە شۇنداق بىر نىدا. كۈن بىلەن تۈن تەڭلەشكەن، يېڭى ھايات ئويغانغان كۈننى ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقى باھارى قىلغان ئەجداتلار ئەقلىگە ئاپرىن!
2
ئەتراپتىكى گۈزەللىكلەردىن رەڭ ئالغان قىزلار چاچلىرىنى قىرىق ئۆرۈپ، ئەتلەش كۆينەك، چىمەن دوپپىلىرىنى كىيىشىپ چىچەكلەرنى قۇلاقلىرىغا قىستۇرۇشۇپ باغلاردا خۇددى گۈللەر ئارىسىدىكى كىپىنەكلەردەك قوغلاشماقتا. ئۇلارنىڭ خوشلىقىدىن، شوخلىقىدىن، ئۇزلىقىدىن بىھوش بولغان تەبىئەت مەيىن شاماللار بىلەن گۈزەل ھىسلارنى يىگىتلەرنىڭ قەلبىگە چاچماقتا. ئەي گۈزەل رەنا، نۇرۇز قىزى، ئىشقىڭدا پەرھاتمەن! يىگىتلەر گۈزەللەرگە تەسلىم بولدى. خۇددى ئۆزلىرىنىڭ كۆزلىرىگە ئوخشاش بۇلاققا، باھار شامىلىدا يەلپۈنگەن قۇمۇشلۇقلارغا قاراپ سىرلىق ھىسلارغا چۆمگەن قىزلار يىگىتلەرگە نىدا قىلدى. - ھاياتتىن باشلانغان سۆيگۈمىزگە ھەممە گۇۋاھ بولسۇن، مۇھەببەتلىك قەلبىمىزدىن ئانا تۇپراق تېخىمۇ خۇشاللىققا جۆر بولسۇن. نۇرۇزىمىزغا مۇبارەك، ھەممەيلەننىڭ قەلبىدە نۇرۇز تەنتەنىسى. تۆت پەسىل ئىنىق بولغان مىھىرلىك زىمىندا خۇددى ئۆزلىرىگە ئوخشاش قەلبىمۇ گۈزەل بولغان كىشىلەر ئارىسىدا ياشاپ قالغىنىمىزغا خۇشالمىز!
3
- جېنىم بالىلىرىم، كۈزدە يۇپۇرماق تاشلىغان دەرەخلەر باھاردا بىخ سۈرىدۇ. قىشتا توڭلىغان زىمىن يازدا يېشىللىقا، گۈزەللىككە تولىدۇ. نۇرۇزدىن ھاياتىمىز يېڭىلىققا كۆچىدۇ. ئەمما ئۆلۈپ كەتكەنلەر نۇرۇزدا تىرىلمەيدۇ. ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقىت نۇرۇزدا قايتىپ كەلمەيدۇ. بوۋاڭلارنىڭ نەسىھىتىنى ئاڭلاڭلار، ۋاقتىڭلارنى، ئۆزۈڭلارنى قەدىرلەڭلار. ھەر يىلى نۇرۇزدا نۇرۇز سىلەرگە سوۋغا بەرگەندەك سىلەرمۇ ئۇنىڭغا سوۋغا بىرىڭلار، ئىتتىپاق بۇلۇپ يۇرتىمىزنى گۈللەندۈرۈڭلار، ھەرگىزمۇ نۇرۇزنىڭ سۆيگۈسىگە ئاسىيلىق قىلماڭلار. نۇرۇز ئېشى ئىچكەچ شۇ گەپلەرنى دەۋاتقان 90 ياشلىق بوۋايغا قاراۋاتقان كۆزلەردە ئىسسىق ياش سىرغىدى. راست، ئەجداتلارنىڭ روھى ئەمىن تاپقاي! نۇرۇزدىن سۆيگۈ ئالغان قەلبىمىزدە يېڭىچە مۇھەببەت يېڭىچە ئارمان بىخ سۈرگەي! ھەممەيلەن بوۋايغا، نۇرۇزغا ۋەدە بىرىشتى. ئەنە، شۇ مۇھەببەت شۇ ۋەدە بىلەن، قاقاس چۆللەردە، باغلاردا، شەھەرلەردە دېھقانچىلىق قىلىۋاتقان، خىزمەت ئىشلەۋاتقان، تىجارەت قىلىۋاتقان... ئۆزلىرىنىڭ ھاياتلىقى، يۇرتىنىڭ ئەمىنلىكىنى ئۈچۈن ئىشلەۋاتقان ئىشچانلار... قاراڭ كۈلىۋاتىدۇ، نۇرۇز كۈلىۋاتىدۇ، بوۋاي كۈلىۋاتىدۇ. ئۆز سۆيگۈسىدىن سۆيگۈگە تو لغان ئالەمگە مىھىرلىك بېقىۋاتىدۇ. شۇ تاپتا نۇرۇز بالىلىرىمۇ تەنتەنە قىلىشماقتا. نۇرۇز، بوۋا، بىز ھەر كۈننى نۇرۇز قىلىمىز ! سەن بەرگەن خۇشاللىقنى، مۇھەببەتنى قەدىرلەيمىز!
|
|