ياقا يۇرتتىكى باھار ئابدۇۋارىس نۇرمۇھەممەد ئۆزۈم سۆيگەن نىگارغا بولمىدىم بۇنچە تەشنا، باھار ئشقىدا كۈتۈپ ئۇنى يولدا بولدۇم ئاشىنا. نىگاردىن كەلدى خەت خەۋەر باھاردىن كەلمىدى، نىگارنى كۆرگەن كۆزلەر باھارنى كۆرسە قانچىلىك ياشنا. بۇ دىيار باھاردىن بەك يىراق كىم بىلەر، باھار ئەلچىسى قارلىغاچنى كىم باشلاپ كىلەر. بۇ كۆزلەر باھارنى كۈتۈپ تۆت بولدى، بارچە زىمننى ئىللىتىپ قەھىرىتاننى كىم ئېلىپ كىتەر. بۇ يەردە دەرەخلەر پوتلا تاشلىمايدۇ، تەنگە ھوزۇر بېغىشلار باھار شامالى چىقمايدۇ. تاڭ سەھەر ئەمگەك سىگنالىنى چېلىپ، ئېتىز قىرلاردا ئەمگەكچى ئاتا-ئانام كۆرۈنمەيدۇ. مەن باھاردىن يىراق،تولمۇ يىراق، كىم بىرەر باھاردىن بىر بەلگە نىشان خەۋەر. دىيارىم شىنجاڭدا ياڭرىغان نەۋرۇز كۇينى، بۇ زىمىنغا چېچىپ كەتسە نىمە بولار. مەن ياقا يۇرىتتا كۈتمەن باھار، قايدا يۈرسەم يۇرتۇم باھارى پۇراپ تۇرار. تەنگە شىپا،دەرتكە داۋا يۇرتۇم باھارىنى، بىر پۇراپ ئۆلسەم بۇ جاندا نە ئارمان قالار. تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورىنىڭ ‹‹مۇراد ئېلېكتىرونى›› نورۇزلۇق مۇكاپاتلىق ئەسەر قوبۇل قىلىش پائالىيىتىگە قاتناشتۇرۇلىدىغان ئەسەر. |