سايرام بازىرىدا كوللىكتىپ توي مۇراسسىمى ئۆتكۈزۈلدى باي ناھىيەسىنىڭ سايرام بازىرى كېچىكىپ نىكاھلىنىپ، كېچىكىپ پەرزەنتلىك بولۇش، توي ئىشلىرىنى يېڭىچە ئاددىي-ساددائۆتكۈزۈپ، نىكاھ-توغۇت يېڭى ئىستىلىنى تۈمەنمىڭ ئائىلىگە يەتكۈزۈپ، مەدەنىي ساغلام بولۇشنى تەشەببۇس قىلىش ئۈچۈن، 21-مارت 10 جۈپ قىز-يىگىتكە كوللىكتىپ توي ئۆتكۈزۈپ بەردى. ئۇلارغا توي خېتى بىجىرىپ، ماددىي بويۇم تەقدىم قىلدى ھەم كوللىكتىپ توي قىلغان بۇ 10 جۈپ ياشنىڭ دىل رىشتىنى قەدىرلەپ، "قان بىلەن گۆشتەك" ئىناق-ئىجىل يېقىن مۇناسىۋەتتە بولۇپ، تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ، ئائىلىسىنىڭ ئىگىلىكىنى ئورتاق گۈللەندۈرۈپ،ئىناق جەمىيەت بەرپا قىلىش نەمۇنىچىلىرىدىن بولۇشنى تىلىدى. سۈرەتتە، كوللىكتىپ توي مۇراسسىمىدىن كۆرۈنىشلەر: 
توي قىلغان 10 جۈپ قىز-يىگىت

خەلىق سەنئەتكارلىرى قىز-يىگىتنى ساز چېلىپ، ئۇسۇل ئويناپ باشلاپ كەلمەكتە


بازارلىق ھۆكۈمەت مەسئۇللىرى تويى بولغان 10 جۈپ ياشقا ماددىي بويۇم تەقدىم قىلدى

تويى بولغان بۇ ياشلار ئۇسۇلغا چۈشتى

تويى بولغان ياشلار بازار رەھبەرلىرى بىلەن سۈرەتكە چۈشتى

خەلق سەنئەتكارلىرى خۇشاللىققا جۈر بولۇشتى
(قۇربانسايىم خەۋىرى، تۇرغۇن تىيىپ فوتوسى)
|